تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى

ياۋروئاسىياغا نەزەر- 64

1603895
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى.

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

2021-يىلى، 5 –  10 - مارت  كۈنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتتە (تۈركمەنىستان ، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان) زىيارەتتە بولدى. زىيارەت جەريانىدا، مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى، ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرلار بىلەن، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرگە دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ باردى. زىيارەت دائىرىسىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەلىرى ئىمزالاندى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئالدى بىلەن تۈركمەنىستانغا باردى. چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئاشخابادتا تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھامەدوۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تۈركمەنىستانغا  ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتىدىن باشلىشى ۋە تۈرك يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ دۆلەتتىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشى مەسىلىسىدە پىرېزىدېنتنىڭ تەستىقىنى ئالدى. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركمەنىستان «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە ھېچقانداق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ دۆلەتكە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يول قويمايۋاتاتتى.

تۈركمەنىستاندا ئېنېرگىيە مەسىلىسى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ھازار (كاسپىي) دېڭىزىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ئەزەربەيجان  بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركمەنىستان ئېنېرگىيەسىنى تۈركىيە ئارقىلىق غەربكە ئېكىسپورت قىلغىلى بولىدىغان  شارائىت يارىتىلىشقا باشلىدى. ھازار دېڭىزى ئېنېرگىيەسىنىڭ تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن ئورتاقلىشىپ تۈركىيە ۋە ۋە غەربكە ئېكسپورت قىلىنىشى، بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى تەرەپلىك ۋە ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ، دېيىش خاتا بولمىسا كېرەك. دەرۋەقە، چاۋۇشئوغلۇمۇ شۇ باشلىقلار يىغىنى ۋە كېلىشىملەرگە ئاساس ھازىرلاش ئۈچۈن ئاشخابادتا ئىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستاندىن ئۆزبېكىستانغا ئۆتتى. چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكىستاندا خىۋە (خارازىم)، بۇخارا، سەمەرقەنت ۋە تاشكەنت شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولدى. 7-مارت كۈنى، ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە، سەمەرقەنتتە تۈركىيەنىڭ باش كونسۇلخانىسىنى ئاچتى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ يىل ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكىستاندىكى زىيارىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەككە باردى. مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىشكەكتە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ۋە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى. مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، قىرغىز مىنىستىرلار بىلەن بىرلىكتە، قىرغىزىستان-تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىدا ساغلاملىق مەركىزى ۋە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەجرىبىخانىسىنى ئاچتى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ، بۇلارنى قۇرۇلغۇسى مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرى، دەپ ئاتىدى. تۈركىيە مائارىپ فوندىغا قاراشلىق مەكتەپنىڭ بۇ يىل بىشكەكتە ئېچىلىشى كۈتۈلمەكتە. مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەكتەپلىرى قىرغىزىستاننىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا زور تۆھپە قوشىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ زىيارەت قىلغان دۆلەتلەر،  تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىغا ناھايىتى زور  قىزىقىۋاتىدۇ.  قاراباغ ئۇرۇشىدا تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئامبارلىرىغا قوشۇشى مۇمكىن. مەلۇم بولغىنىدەك، قازاقىستان يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە تۈركىيەنىڭ بىرونېۋىكلىرىنى سىناق قىلدى. ئاسەلسان گۇرۇھى، قازاقىستاندىن كېيىن ئۆزبېكىستاندىمۇ زاۋۇت قۇرۇشى مۇمكىن.

دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلىپ 30 - يىلىغا قەدەم قويغاندا، تۈركىيە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلماقتا. 2021-يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەتلىرى ۋە تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان تۈرك كېڭىشى (تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر  ھەمكارلىق كېڭىشى) باشلىقلار يىغىنى، يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر