سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (06) — ئالاجاھۆيۈك...

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت» ناملىق سەھىپىمىزنى دىققىتىڭلارنى سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز...

1580373
سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (06) — ئالاجاھۆيۈك...

ئانادولۇدا گۈللەنگەن مەدەنىيەتلەر كۈلتۈر، سەنئەت، بىناكارلىق، پەن- تېخنىكا ساھەسىدە مۇھىم ۋە ئۆزگىچە ئىزلارنى قالدۇردى. شۇڭلاشقا، ئانادولۇ جۇغراپىيەسى ئارخولوگىيەلىك مىراسلىرى بىلەن ھەر دائىم ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى. سۇ قۇرۇلمىلىرى بۇ مىراسنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ساھەدىكى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى تۈركىيە. چۈنكى بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەر بىرى ئۈستى ئوچۇق مۇزېي ھېسابلىنىدۇ...

ئانادولۇدا فۇنكسىيەسىنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت خاراكتېرىدىكى قۇرۇلمىلار بار. ئۇنداقتا، بۇ تۇپراقلاردىكى ئەڭ قەدىمكى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ۋە قانچە يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالامسىلەر؟ بۇ بىر  توسما بولۇپ، 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە. ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەپسانىلىرى، تىلى، دىنى ۋە سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان ھىتىتلار دەۋرىدە سېلىنغان... چورۇم ئالاجاھۆيۈكتىكى قېزىپ تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە يورۇقلۇققا چىقىرىلغان ئالاجاھۆيۈك ھىتىت توسمىسى، ھازىرمۇ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان دۇنيانىڭ بىردىنبىر توسمىسى دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە. ئىشىنىش قىيىن، ئەمما ئالاجاھۆيۈك دېھقانلىرى نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار سايىسىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي توسمىنىڭ سۈيىدىن پايدىلانغان ھالدا تېرىقچىلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

* * * *

ئىنسان تارىخ سەھنىسىدە ئورۇن ئالغاندىن باشلاپ، ئۆزى بىلمەيدىغان ياكى ھەل قىلالمايدىغان نەرسىلەردىن دەسلىپىدە قورقتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنى قورقۇتۇۋاتقان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ ئۇنى بويسۇندۇرۇشنى ياكى ئۇنىڭدىن قوغدىنىشنى ئۆگىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ سۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جەريان باشتىن كەچۈرۈلدى... گەرچە سۇ ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان كەم بولسا بولمايدىغان بايلىق بولسىمۇ، ۋەيرانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلار دەسلىپىدە ئۇنىڭدىن ئەيمەندى... تاشقىن، سۇ ئاپىتى ياكى قۇرغاقچىلىقلار ئارقىلىق جانغا زامىن بولمىسۇن دەپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىرلەرنى، قۇربانلىقلارنى قىلدى. قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئاسماننى ياكى يەر يۈزىدىكى بەزى نەرسىلەرنى مۇقەددەس دەپ قارىغىندەك ھىتىتلارمۇ سۇ، بۇلاقلار، دېڭىزلار، كۆللەر ۋە دەريالارنى مۇقەددەس دەپ قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئابىدىلەرنى تىكلىدى... يەنە كېلىپ پەقەت ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەسلىكىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنمۇ شەھەرلىرىنى، بولۇپمۇ بۇتخانىلىرىنى سۇ بويلىرىغا قۇردى.

تەڭرىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدىغان چاغلىرىدا سۇ بىلەن پاكىزلىنىدىغان بولغاچقا، بۇتخانىلارنىڭ يانلىرىغا مۇقەددەس كۆلچەكلەرنى ياسىدى. توسمىلار، سۇ كۆلچەكلىرى، ئابىدىۋى سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى بەرپا قىلغان ھىتىتلار سايىسىدا ئانادولۇنىڭ تۇنجى سۇ قۇرۇلمىلىرى بارلىققا كەلدى.

* * * *

ئانادولۇنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى ئىسمى «خاتتى دۆلىتى»... ھىتىتلاردىن بۇرۇن ئىزلىرى بايقالغان بۇ تۇپراقلاردىكى تۇنجى مەدەنىيەتنىڭ نامى — خاتتىلار... ئالاجاھۆيۈك خاتتى دەۋرىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ھىتىتلار دەۋرىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى ساقلاپ كەلگەن ۋە مىخ يازمىلىق تاختايلاردا بۇلاقلار ۋە سۇ مەنبەلىرى بىلەن داڭلىق شەھەر دەپ بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھىتىت دۆلىتى ۋە قوشۇنلىرىنىڭ پاسىبانى بولغان قۇياش تەڭرىسىنىڭ يۇرتى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ ھىتىتلار دەۋرىدىكى نامى «بۇلاق شەھەر» دېگەن مەنىدىكى «ئارىننا» ئىدى. ئۇنداقتا قانداقسىگە قۇرغاقچىلىق خەۋپى ئاستىدىكى ئانادولۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ شەھەر سۇ بىلەن داڭق چىقاردى؟

ھىتىتلار ئولتۇراقلاشقان جۇغراپىيەدە كىلىمات سوغۇق، سۇغىرىش مۇمكىن بولمىغاچقا تۇپراق مۇنبەت ئەمەس ئىدى. كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن مىخ يېزىقلىق تاختايلاردا نۇرغۇن يامغۇر دۇئالىرىنىڭ بولۇشى ۋە قۇرغاقچىلىق مەسىلىسىنىڭ كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىشى، بىزگە بۇ مەدەنىيەتنىڭ سۇ مەسىلىسىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا، ھىتىتلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايون ۋە كىلىمات شارائىتىغا ماس كېلىدىغان سىستېمىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشىنى، قۇرغاقچىلىق دەۋرى ۋە قۇرغاقچىلىقتىن كېيىنكى ئاچارچىلىق ئاپىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، يامغۇرغا ۋە سۈنئىي سۇغىرىشنى ئاساس قىلغان بىر سىستېمىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلار يەنە يەرلىرىنى سۇغىرىش، كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە كەلكۈن ئاپىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن توسمىلار، كۆلچەكلەر، قۇدۇقلار، ئۆستەڭلەر ۋە سۇ ئامبارلىرىنى ياسىدى.

شۇنداق قىلىپ، ھىتىتلار ئانادولۇدىكى تۇنجى توسمىلاردىن بىرنى ئالاجاھۆيۈكتە قۇردى. بۇ توسمىنىڭ ئانادولۇدىكى چوڭ قۇرغاقچىلىقتىن كېيىن ھىتىت پادىشاھلىرى تەرىپىدىن ياسالغانلىقى مەلۇم. ئالاجاھۆيۈك ھىتىت توسمىسى ئانادولۇدىكى تۇنجى توسما بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان دۇنيادىكى تۇنجى توسما بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. توسما تاشلارنى ئويۇش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، بۈگۈنكى توسمىلاردىكىگە ئوخشاش ئارتۇقچە سۇنى چىقىرىۋېتىدىغان مېخانىزمى بار. خارابىلىكتە پاكىز ۋە كېرەكسىز سۇ يوللىرىنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. توسمىغا يىغىلغان سۇنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى، ئىچىملىك ​​سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە دىنىي مەقسەتلەردە ئىشلىتىلىدىغانلىقى مەلۇم.

* * * *

ھىتىتلار ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان باشقا شەھەرلەردىمۇ توسمىلارنى ياسىدى. بۇ توسمىلارنىڭ ئورۇنلىرىنىڭ تاللىنىشى سۇ ئېھتىياجى ياكى يەر شەكلىگە ئاساسەن بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، بەزىلىرى تۈزلەڭلىككە كۆلچەك شەكلىدە، يەنە بەزىلىرى ئېگىز تاغلارغا پەلەمپەي شەكلىدە ياسالغان. ئۇلارنىڭ قەيسەرى، كونيا، سىۋاس ۋە چورۇمدا قۇرغان توسمىلىرى تەكشۈرۈلگىنىدە، ياشىغان دەۋرلىرىگە نىسبەتەن ماتېماتىكا ۋە ئىنژېنېرلىقتا ناھايىتى ئىلغار ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ھىتىتلار توسمىلارنى ياساش بىلەنلا قالماي، قىيالىقلارنى ئويۇپ ياسىغان تاش كۆلچەكلەر سايىسىدا يامغۇر سۈيىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى ساقلاش ئۈچۈن باك ۋە كۆلچەكلەرنى ياسىغان. تاشلارغا ئويۇلغان قۇدۇقلارنىڭ ياردىمىدە، يامغۇر سۈيىنىڭ يىغىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. مەزكۇر چوڭ باك ۋە كۆلچەكلەردىكى سۇلارنى پىشۇرۇلغان سېغىز تۇرۇببىلار ئارقىلىق ئۆيلەرگىچە ئېلىپ بارغان. ئۇلار يەنە سۇغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق قۇرۇلما ۋە قۇرۇلۇشلارنى يىلدا كەم دېگەندە بىر قېتىم تازىلاپ، ناپاك نەرسىلەردىن قوغدىغان، شۇنداقلا سۇغىرىش سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنى جازالاش قاتارلىق قائىدە – تۈزۈملەرنى يولغا قويغان. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكىنى  يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتكەن ۋە ھىتىتلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئانادولۇ ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن بولايلى...

* * * *

ئەمدى قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن ئالاجاھۆيۈك ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈپ كېتەيلى... ئالاجاھۆيۈك شەھەر ئاھالىسى تاش ۋە تۆمۈر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىگە ماھىرلىقى بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، گۆرلەر ۋە ئۇنىڭدىن چىقىرىلغان قىممەت باھالىق مېتاللاردىن ياسالغان زىبۇ – زىننەتلەرمۇ ئارخېئولوگلارنىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. چورۇمنىڭ جەنۇبىدىكى ئالاجاھۆيۈك، ئانادولۇ مەدەنىيەت مىراسىلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. چۈنكى، ئۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك قېزىپ تەكشۈرۈشلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئالاجاھۆيۈكتە قېزىش، تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى باشلانغان بولسىمۇ، ھەممىسى دېگۈدەك يېرىم يولدا توختاپ قالغانىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇ دۇنيا تارىخىغا كىرگۈزۈلدى. ئالاجاھۆيۈكتىكى قېزىش جەريانىدا رىم، گىرېك، سالجۇق ۋە ئوسمانلى مەدەنىيەتلىرىگە تەۋە تۆت قاتلام بايقالدى. تېپىلغان يادىكارلىقلار شۇ دەۋرنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىشكە زور تۆھپە قوشتى... بۇ يادىكارلىقلار ئەنقەرە ئانادولۇ مەدەنىيەت مۇزېيى ۋە چورۇم ئالاجاھۆيۈك مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىپ ئانادولۇنىڭ ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر