سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (05) — قىزىلئىرماق بويىدىكى مەدەنىيەتلەر

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ داۋامىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىششىنى داۋاملاشتۇرىمىز...

1576637
سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (05) — قىزىلئىرماق بويىدىكى مەدەنىيەتلەر

قىزىلئىرماق (قىزىل دەريا) بويلىرىغا توسمىلار سېلىنغان چاغلارغىچە جۇش ئۇرۇپ ئاقىدىغان، سۇلىرى تېشىپ تۇرىدىغان، ئاسانلىقچە ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر دەريا ئىدى... قىزىلئىرماق ئوتتۇرا ئانادولۇغا ھاياتلىق ئاتا قىلىۋاتقان، بۇ تۇپراقلاردا ئاپىرىدە بولۇپ يەنە مۇشۇ تۇپراقلاردا دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئېقىنى ھېسابلىنىدۇ... ئۇ پەقەت ئۇزۇنلۇقى بىلەنلا ئەمەس، 75 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئويمانلىقى بىلەن ھەيۋەتلىك دەريا... قىزىلئىرماق دېلتاسى، يۈزلەرچە جانلىقلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم تەبىئىي سىستېمىلىرىنىڭ بىرى... بويلىرىدا ماتەملەر تۇتۇلغان، غەزەللەر ئيېتىلغان تارىخ بويىچە ئاكتىپ رول ئوينىغان بىر دەريا... قىزىلئىرماق تارىخنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرىدە ئىزنالىرىنى ئۇچرىتىشىڭلار مۇمكىن بولىدىغان ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر، پەرقلىق دەۋرلەرگە مەنسۇپ قەلئەلىرى، كۆۋرۈكلىرى ۋە تاش قەبرىلىرى بىلەن ھازىرمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ...

قىزىلئىرماق قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا ئانادولۇدىكى مۇھىم دەريالارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ... ئىنسانلارنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلىشىشىدىن تارتىپ ئۇرۇشلارغىچە، سودىدىن دۆلەت چېگرالىرىنىڭ سىزىلىشىغىچە بولغان تارىخلارغا شاھىت بولغان بىر دەريا...

قەدىمكى دەۋرنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى ھىرودوت ۋە جۇغراپىيە ئالىمى سترابون كىچىك ئاسىيا چېگراسىنى قىزىلئىرماق بىلەن سىزىدۇ. چۈنكى قەدىمكى دەۋر سىياسىي چېگرا ئۇقۇمى بولمىغان دەۋر ئىدى؛ چېگرالارنى جۇغراپىيە يەنى تاغلار، دەريالار، دېڭىزلار بەلگىلەيتتى...

دەرياغا ئۇنىڭ تېگىدىكى قىزىل لاي سەۋەبىدىن بۇ ئىسىم بېرىلگەن بولۇپ، تۈرك تىلىدا «قىزىل» ۋە «دەريا» سۆزىدىن تەركىب تاپقان. ھىتىتلارمۇ بۇ دەريانى ئۆز تىلىدا «قىزىلئىرماق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بىلەن ئاتىغان. قىسقىسى، پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى  سانىدا، قىزىلئىرماق ئەتراپىغا قۇرۇلۇپ تارىختا ئىز قالدۇرغان باشقا بىر مەدەنىيەت — ھىتىتلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتۈمىز.

* * * *

ھىتىتلار بابىللىقلار بىلەن ئوخشاش دەۋردە ياشىغان مەدەنىيەت بولۇپ، نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ياراتقان، ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن... ھىتىتلار ھەققىدە توختالغاندا، تارىخ دەرسلىرىدىن ئويۇلغان ئۇچۇرلار دەرھال كاللىمىزغا كېلىدۇ: كادەش شەرتنامىسى ... بۇ شەرتنامە دۇنيا تارىخىدىكى باراۋەرلىك پرىنسىپىغا ئاساسەن يېزىلغان ئەڭ قەدىمكى يازما شەرتنامە ھېسابلىنىدۇ. كادەش شەرتنامىسى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىككى چوڭ ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچى بولغان ھىتىت ۋە مىسىر دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق توقۇنۇش مەزكۇر تىنچلىق شەرتنامىسى سايىسىدا ئاخىرلاشقان. مىسىردىكى بۇتخانا تاملىرىغا ئويۇلغان بۇ شەرتنامىنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى 1906- يىلى بوغازكۆيدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشلار جەريانىدا بايقالدى. شەرتنامە يېزىلغان لاي تاختا نۆۋەتتە ئىستانبۇل ئارخولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. ئۇ زامانىۋى دىپلوماتىيەنىڭ ئاساسىي دەپ قارالغاچقا، تاختىلارنىڭ چوڭايتىلغان بىر نۇسخىسى نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قويۇلغان.

* * * *

بىز مەزكۇر تاختىلارنىڭ بوغازكۆيدىكى قېزىش جەريانىدا تېپىلغانلىقىنى ئېيتقانىدۇق. بوغازكۆي، باشقىچە ئېيتقاندا ئۆز ۋاقتىكى خاتتۇشا ھىتىتلارنىڭ پايتەختى ئىدى... قىزىلئىرماق تەرىپىدىن سۇغىرىلىدىغان مۇنبەت تۇپراقلاردا قۇرۇلغان ئانادولۇنىڭ تۇنجى مەشھۇر پايتەختى چورۇمنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. خاتتۇشا قەدىمىي شەھىرى تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك ئورۇنلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بەش مەدەنىيەت قاتلىمى تېپىلغان ۋە بۇلاردىن باشقا ھاتتى، ھىتىت، ئاسسۇر، گالاتىيان، فرىگيان، رىم ۋە ۋىزانتىيە دەۋرىدىكى ئەسەرلەرمۇ بايقالغان. خاتتۇشا قەدىمىي شەھىرى ئۇنىڭدىن تېپىلغان تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىنىڭ پايتەختى بولغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدە. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئارخولوگىيەلىك ئورۇندىن تېپىلغان مىخ يېزىقلىق تاختايلارمۇ، يۇنېسكونىڭ دۇنيا خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. تاختايلاردا خاتتۇشا «مىڭ ئىلاھ شەھىرى» دەپ تىلغا ئېلىنغان.

بىز «مىڭ ئىلاھ شەھىرى» خاتۇشانى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلايلى… خاتتۇشا يۇقىرى ۋە تۆۋەن شەھەر دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. ئۈستۈنكى شەھەردە بۇتخانىلار ۋە باشقا مۇقەددەس جايلار، تۆۋەن شەھەردە بولسا، چوڭ بۇتخانا، ئۆيلەر ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئالاقىدار باشقا جايلار بار. ھىتىتلار پايتەختلىرىنى 6 كىلومىتىرلىق سېپىل بىلەن قورشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قەدىمىي شەھەردە بۈگۈنگىچە ناھايىتى ياخشى ساقلىنىپ قالغان ئابىدە دەرۋازىسى، ئوردا، 31 بۇتخانا، كارىز، غايەت زور ئاشلىق ئامبارلىرى ۋە يازلىقايا ئۈستى ئوچۇق بۇتخانىسى بار.  زامان سەپىرىگە ئاتلانغانلىق تۇيغۇسىغا كىرىپ قالماستىن بۇ قەدىمىي شەھەرنى زىيارەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس! ساياھىتىڭلار جەريانىدا، ھىتىتلارنىڭ ھەيۋەتلىك تاشچىلىق سەنئىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايسىلەر!... ھىتىتلار ئانادولۇدىكى يادىكارلىق بىناكارلىقىدا چوڭ تاشلارنى ئىشلەتكەن تۇنجى مەدەنىيەت. ئۇلار بىناكارلىق ۋە سەنئەت جەھەتتە ناھايىتى ئىلغار ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنەكلىرىنى پايتەختلىرىدە كۆرەلەيمىز.

* * * *

ئەمدى مۇشۇنداق ھەيۋەتلىك شەھەرنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ھىتىتلار ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەيلى... ئۇلار تارىختىكى ۋە ئەلۋەتتە ئانادولۇدىكى مۇھىم مەدەنىيەتلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇرۇش، تىنچلىق، مەدەنىيەت، ھەربىي ۋە سودا جەھەتتە ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دۆلىتىنىڭ بىرى. ئۇلار كانلارنى ئاچقان، بولۇپمۇ ئەلا سۈپەتلىك تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىگەن، قورال تېخنىكىسىدا ئىلغار بولۇپ، كۈچلۈك قوشۇن قۇرغان. بۇنىڭ سايىسىدا ئاقدېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز) سودا يوللىرىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىپ، ئانادولۇدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن. ئاياللار ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قانۇن ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشى، سەنئەت ۋە بىناكارلىق جەھەتتىكى يارقىن ئۆرنەكلىرى بىلەن ھىتىتلار ئانادولۇدىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

قېزىلمىلار ۋە لاي تاختا يازمىلىرىدىن ئۇلارنىڭ دىستىللەش، ساپلاش ۋە سۇبلىماتلاشتۇرۇش قاتارلىق زاماندىن ھالقىپ كەتكەن تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ۋە ئوتتىن ئۆلچەملىك پايدىلىنىشنى ئۆگىنىپ ساپال، بوياق ۋە ئەتىر ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ھىتىتلار تۇنجى تەشكىللەنگەن دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە تارىختىكى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۇنجى مەجلىس «پانكۇش» ياكى «ئىمپېرىيە كېڭىشى» نى قۇرغان. گەرچە خان جەمەتىدىن سايلانغان كىشىلەر دۆلەتنى باشقۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، «ئىمپېرىيە مەجلىسىدە چىقىرىلغان قارارلار ئەزالارنىڭ ئاۋازىغا قويۇلاتتى، باراۋەر ھوقۇققا ئىگە ئەزالار ھېچقانداق تەسىر ئاستىدا قالماستىن پىكىرلىرىنى بايان قىلاتتى ۋە مەجلىس پادىشاھنى نازارەت قىلاتتى. باشقىچە ئېيتقاندا، ھىتىتلار «پارلامېنت پادىشاھلىقى» نىڭ ئۇلىنى سالغان بولۇپ، بۇ ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، ياپونىيە ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇلى ئىدى.

ھىتىتلارنى كاۋكازدىن ئانادولۇغا كەلگەن دەپ قارايدىغانلارمۇ، ئۇلارنىڭ ئانادولۇنىڭ يەرلىك خەلقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرمۇ بار، ئەمما بۇ توغرىلىق جەزملەشكەن مەلۇمات يوق. بۇ لاي تاختا يازمىلارنىڭ تېپىلىپ ئوقۇلۇشىدىن كېيىن، ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنىڭ ياۋروپا تىللىرىدىكى سۆزلەرگە ئوخشايدىغانلىقى بايقالغان. شۇڭلاشقا ھىتىتچە ھازىرغىچە بىلىنگەن ئەڭ قەدىمكى ھىندى- ياۋروپا تىلى دەپ قارالماقتا.

تارىخ سەھىنىسىگە قانداق چىققانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىغان ھىتىتلارنىڭ، بۇ سەھنىدىن قانداق چۈشكەنلىكى توغرىسىدىمۇ يېتەرلك ئۇچۇر يوق. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ھىتىتلار يۇنان قەبىلىلىرى ئانادولۇغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن يىمىرىلگەن؛ بەزىلەرچە، ئاقدېڭىزدىن كەلگەن قاچاق خەلقلەر ھىتىتلارغا خاتىمە بەرگەن، يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە،  ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۇزۇن يىللىق قۇرغاقچىلىق بۇ بۈيۈك مەدەنىيەتنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر