تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (50)

1543893
تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (50)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يىرىكچىلىكلەر مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەلگۈسىگە دائىر ئېغىر گۇمانلارنى پەيدا قىلدى. يىرىكچىلىككە سەۋەب بولغان بىر قانچىلىغان ئۆزگىرىشلەر بار. تۈركىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاكتىپچانلىقى بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ لىۋىيە، سۈرىيە ۋە شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى تاشقى سىياسەت مەيدانى ياۋروپادا نۇرغۇن ئاكتىيورلارنى بىئارام قىلدى. بولۇپمۇ لىۋىيە  ۋە شەرقىي ئاق دېڭىز مەسىلىسىدە ياۋروپا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك ئېغىرلاشتى.

 

ئاخىرىدا تۈركىيە بايراقلىق بىر خۇسۇسىي سودا پاراخوتىغا خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا «ئىرىنى» ھەرىكىتى دائىرىسىدە تاجاۋۇز قىلىنىشى، مۇناسىۋەتلەر يېتىپ كەلگەن ئاخىرىقى نۇقتىنى كونكرېت شەكىلدە كۆرسىتىپ قويغان بولدى. پاراخوتنى بېسىپ تەكشۈرۈشتىكى قائىدە - قانۇنسىزلىقى بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى تېخىمۇ ناچار بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارىشىچە تۈركىيە رايوندا داۋاملىق مەسىلە چىقىرىپ تۇرىدىغان بىر ئاكتىيور. تۈركىيە ئۆزىنى ياۋروپانىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان پەيتتە بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى تۈركىيەگە نىسبەتەنمۇ نۇرغۇن سوئال بەلگىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. ئەمدىلىكتە ھەممىنىڭ كۆزى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىغا تىكىلگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بولغان قارىشىدا قىسمەن شېرىكلىك مۇناسىۋىتى مۇھىم بولغان تەقدىردىمۇ، ياۋروپانىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن قانداق سىياسەت تۇتۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىرەر مۇرەسسەلىشىش بولمايدىغانلىقى ئېنىق.  فىرانسىيە، گىرېتسىيە، جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتى قاتارلىق ئاكتىيورلار تۈركىيەگە قارشى ئالدىنقى سەپنىڭ ئەڭ ئاۋانگارتلىرىدۇر. گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىگە قارشى تۈركىيەنىڭ ئاق دېڭىزدا تۇتقان سىياسىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش چاقىرىقىدا بولماقتا.  

فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە تۈركىيەنىڭ دوستى ئەمەسلىكى ئىنتايىن روشەن. ماكرونغا نىسبەتەن تۈركىيە ئېغىر مەسىلە دەپ تەرىپلەنمەكتە. لىۋىيەدىن سۈرىيەگىچە بولغان بارلىق تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرىدە، ماكرون تۈركىيەنى ئۆزىنىڭ رەقىبى قاتارىدا كۆرۈپ كەلمەكتە. ئەمما تۈركىيەگە قارشى بۇ سەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان پوزىتسىيەسىنى تولۇق بەلگىلەش ئىمكانىيىتى يوق. چۈنكى گېرمانىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە ۋە مالتا قاتارلىق ئاكتىيورلار تۈركىيەنى پۈتۈنلەي قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ. تۈركىيە ئۇلارغا نىسبەتەن پەقەت ئىقتىسادىي شېرىك بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زۆرۈر بولغان قۇدرەتلىك بىر رايون كۈچى. بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە تۈركىيە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان باشقا مەسىلىلىرى قاتارىدا تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادىي بەدەلنى گېرمانىيە قوللىمايدۇ. شۇڭلاشقا تۈركىيەنى يوقىتىپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېغىر ئېمبارگو قارارى ماقوللاش ئانچە مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىدا تۈركىيەگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك بىرەر قارار چىقىپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭمۇ ئاساسەن شەرقىي ئاق دېڭىز مەسىلىسىنى مەركەز قىلىدىغانلىقى مەلۇم.

تۈركىيە بۇ بارلىق ئىشلارغا قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى دىيالوگقا چاقىرىق قىلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مەسىلىلەرنى دىپلوماتىيە ۋە سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  ئەردوغاننىڭ مەسىلىلەرنى «نۆل يىغىندىلىق» ئويۇنىنىڭ ئورنىغا «تەڭ پايدا ئېلىش» ئۇسۇلى دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىش چاقىرىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا دىپلوماتىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بىر يول خەرىتىسى سۇنماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا رايون خاراكتېرلىك يىغىن تەكلىپى سۇندى. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭغا تېخىچە ئىجابىي جاۋاب بەرگىنى يوق.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆز تەقدىرىنى تالاش تارتىش قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ قانداق مۇزاكىرە قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيەسىز ياۋروپانىڭ كۈچلۈك بىر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكتىيورى بولالىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىمى، تۈركىيە دۈشمەن ئېلان قىلىنغان بىر مۇھىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رايون خاراكتېرلىق سىياسەت تەرققىي قىلدۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ۋەجىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بولغان قاراشلىرىغا قايتىدىن نەزەر سېلىشى ۋە يېڭىچە بىر مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرىشى ئېنىق. گىرېتسىيەگە ياكى جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرەپ  ھاكىمىيىتىگە قاپسىلىپ قالغان  ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈركىيەنى چۈشىنەلىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر