ئاتاتۈرك ۋە تەنتەربىيە

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئاتاتۈرك ۋە تەنتەربىيە» دېگەن تېمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1532714
ئاتاتۈرك ۋە تەنتەربىيە

مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى دۆلىتىدە مەجبۇرىي يولغا قويغان تۇنجى دۆلەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئاتاتۈرك، تەنتەربىيە، تەنھەرىكەتچى ۋە تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە ئۆز دۆلىتىدە تەنتەربىيە مائارىپىنى مەجبۇرىي يولغا قويغان تۇنجى دۆلەت ئەربابى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل» دېگەن سۆزىمۇ ئۇنىڭ تەنھەرىكەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ چېلىشىش، پۇتبول، سۇ تەنتەربىيەسى، قولۋاق ھەيدەش، سۇ ئۈزۈش، ئات مىنىش، ئاۋىئاتسىيە، رازۋېدكا ۋە ئوقياچىلىق قاتارلىق پائالىيەتلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە بۇ تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئۈچۈن فېدېراتسىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغانىدى.

ئاتاتۈرك ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئەينى چاغداد يالغۇز ياۋروپانىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك كۈندىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى گېزىتى - «L'Auto» تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئاتاتۈركنىڭ تەنتەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىشىگە ناھايىرى يۇقىرى باھا بەرگەنىدى. ماقالىدىكى تۆۋەندىكى جۈملىلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:

«دۇنيادا تۇنجى قېتىم بەدەن چېنىقتۇرۇشنى مەجبۇرىي يولغا قويغان دۆلەت ئەربابى ئۇ بولدى. ئۇ پەقەت قەغەز يۈزى ۋە نۇتۇقلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بىۋاسىتە ئىجرا قىلدى. تەنتەربىيە مەيدانلىرى ۋە ھەر خىل تەنتەربىيە مەركەزلىرىنى قۇرغۇزدى. خەلق ئۆيلىرىنىڭ تەنتەربىيە تارماقلىرىنى ئۆزى بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ تەكشۈردى ۋە ئۇ خەلقكە رەھبەرلىك قىلىشقا باشلىغان كۈندىن تارتىپ تۈركىيەدە تەنتەربىيە كۈنسېرى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولدى ۋە قىممىتى ئاشتى».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر