تۈركىيەنىڭ رۇسىيە سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (42)

1510284
تۈركىيەنىڭ رۇسىيە سىياسىتى

تۈركىيەنىڭ رۇسىيە سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (42)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك قېرىداشلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان « تۈركىيەنىڭ رۇسىيە سىياسىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

رۇسىيە ھەم جۇغراپىيەلىك، ھەم ئىقتىسادىي، ھەم ھەربىي كۈچى نۇقتىسىدىن ھەمىشە تۈركىيەگە نىسبەتەن مۇھىم دۆلەت بولۇپ كەلدى. يېقىنقى تارىخقا قارىغىنىمىزدا تۈركىيەنىڭ غەرب گورۇھىدا ئورۇن ئېلىشى ۋە روسىيەنىڭ رايونغا قاراتقان سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلى تەڭپۇڭلۇقلىرىدا يولغا قويغان سىياسىىتى نۇقتىسىدىن بىر ئۆزئارا رىقابەت ۋە كۈرەش مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بىراق ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ 15 - ئىيۇلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىنكى تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى  كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. تۈركىيە ئەمدىلىكتە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى غەرب گۇرۇھىغا ۋە كۈچىيىۋاتقان خىتايغا قارشى بىر تەڭپۇڭلۇق ئامىلى سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە.

15 – ئىيۇلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى تۈركىيەنى تاشقى سىياسەتتىمۇ ئۈزۈل-كېسىل تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشقا يۈزلەندۈردى. ئۆتكەن بىر قانچە يىلغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىسرائىلىيەگە بولغان پوزىتسىيە، گەزى باغچىسى ۋەقەلىرى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قىلىنىۋاتقان تاشقى ياردەم ۋە سۈرىيەگە قارىتىلغان سىياسەتلەر تۈركىيەنىڭ غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى  سەلەبىي تەسىرگە ئۇچراتتى. بۇ يەردە ئېكو-پولىتىكا (ئىقتىسادىي سىياسەت) ۋە ھەربىي نۇقتىدىن كۈچەيگەن شۇنداقلا تېخىمۇ مۇستەقىل، ئۆز مەنپەئەتىنى مەركەز قىلغان ۋە ئىرادىسى قەتئىي بىر تۈركىيەگە غەرب دۇنياسىنىڭ چېداپ تۇرالمىغانلىقى ئېنىقتۇر. بۇ يۈزدىن مۇناسىۋەتلەر يىرىكلىشىشكە باشلىغان بىر پەيتتە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىغا بىۋاسىتە ياكى يوشۇرۇن بېرىلگەن ياردەملەر تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەتتە تەڭپۇڭلۇق ئىزدىنىشىنى باشلىشىغا سەۋەب بولدى. ئارقىدىن خىتاي بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭمۇ مۇھىم بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەت تورىدا كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى باشلىغانلىقى مەلۇم.

سۈرىيەدە ئاستانا مۇساپىسى بىلەن داۋاملاشقان شېرىكلىك، لىۋىيە ۋە باشقا توقۇنۇش رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردىن باشقا، مۇداپىئە سانائىتى ۋە يادرو ئېنېرگىيە ساھەسىدە داۋاملىشىۋاتقان مۇناسىۋەتلەر مۇھىم تېمىغا ئايلاندى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭىدىن شەكىللەنگەن مۇناسىۋەت ئاساسىدا، ئامېرىكانىڭ بىر تەرەپلىمە ئېمبارگو سىياسىتىنى ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇشتەك ھەرىكەت شەكلىگە قارىتا بىر ئورتاق جاۋاب خاراكتېرىگە ئىگە دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

 

بىراق شۇنداقتىمۇ رۇسىيە ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تولۇق ئىتتىپاقلىق ياكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. سۈرىيە ۋە لىۋىيەدە توقۇنۇشۋاتقان مەنپەئەتلەرمۇ بار. رۇسىيەنىڭ «كوردلار مەسىلىسى» گە بولغان قارىشى تۈركىيەدە ئېغىر ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا. لېكىن بۇ بارلىق خىرىسلارغا قارىماي، غەرب دۇنياسىدىن كەلگەن تەھدىت ئىككى دۆلەتنى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. تۈركىيەگە نىسبەتەن رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئورنىتىلغان يېڭى مۇناسىۋەتلەر تورىنى ھەرگىزمۇ غەربتىن پۈتۈنلەي بۈرۈلۈش دېيىشكە بولمايدۇ. بەلكى شارائىت ۋە  ۋەزىيەت ئېتىبارى بىلەن تۈركىيەنىڭ شەرق-غەرب تەڭپۇڭلۇقىنى ئورنىتىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يېڭى تەڭپۇڭلۇق ئىزدىنىشى دەپ باھا بېرىش كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر