ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز - 40

1501723
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش

 «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقات ئورنى «SETA» نىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، يازغۇچى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

گئەرمېنىيە ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى توۋۇزدىن كېيىن تاغلىق قاراباغدىمۇ نامايەن قىلدى. يەكشەنبە كۈنى پۇقرالارغا ئوق چىقىرىش بىلەن باشلانغان ھۇجۇملار ئالدىدا، ئەزەربەيجاننىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى. ئىشغال ئاستىدىكى نۇرغۇن يېزا - قىشلاقلار باكۇنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى. قارىغاندا، ئېرېۋان چوتنى خاتا سوقۇۋاتقاندەك قىلىدۇ.  ئەنقەرەنىڭ «بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدىمىز» سىگنالىغا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقاندەك قىلىدۇ. ھالبۇكى، 12-ئىيۇل تاغلىق قاراباغدىن 100 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئېنېرگىيە لىنىيەلىرى ئۆتىدىغان توۋۇز رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، باكۇ جىددىي تەييارلىق قىلدى. بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلار ئارقىلىق   تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئەقلىي كۈچىمۇ ساھەدە قۇدرىتىنى نامايەن قىلدى. ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان توقۇنۇشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇشقا ئايلىنىشىغا يول قويۇلۇشىنى ئېيتىش ئىنتايىن قىيىن. دەرۋەقە، بۇ ئارىلىقتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن باشقا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرىنىڭ توقۇنۇشنى توختىتىش چاقىرىقلىرى كەلدى.

سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقات ئورنى «SETA» نىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، يازغۇچى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، مىنسىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىلەرگە قايتىش بېسىمى، ھەر ئىككى تەرەپكە مەركەزلىشىدۇ. مىنسىك مۇزاكىرىلىرىنى نەتىجىسىز قالدۇرۇپ، قوراللىق توقۇنۇشنى بىردىنبىر تاللاش يولىغا ئايلاندۇرۇۋالغان ئامىل، دەل ئەرمېنىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسىدۇر. 1991-يىلى ئەزەربەيجان زېمىنىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىشغال قىلىۋالغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى رايونلارنى بوشىتىشى تەلەپ قىلىنغان تۆت قارارىغا رىئايە قىلمىغان تەرەپ دەل ئېرىۋاندۇر. گەرچە 1994-يىلى 4 – 5 – ماي كۈنلىرى بىشكەك كېلىشىمنامىسى ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما تاغلىق قاراباغ  ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئەزەربەيجاننىڭ 7 رايونىنىڭ ئەرمېنىيە كونتروللۇقىدا بولۇشىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى بۇ توقۇنۇشنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا پارتلاشقا تەييار بىر بومبا ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. روسىيە، تۈركىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ توقۇنۇش سەۋەبىدىن كۈچ رىقابىتىدە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىمۇ ما مەن دەپ چىقىپلا تۇرىدۇ.

شەرقىي ئاقدېڭىزدا سۈركىلىشنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ،  تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىسنى ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدا ئىزدىنىش مۇزاكىرىلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، تاغلىق قاراباغدا توقۇنۇشنىڭ قايتا باشلىنىشى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. تۇنجى بولۇپ ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغىنى، روسىيەنىڭ ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان توقۇنۇشىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يېقىنلىشىش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان ئېرىۋاننى ئۆزىگە قارىتىش ئىستىكىدۇر. ئۇنداقتا، مۇنداق سوئال سوراشقا توغرا كېلىدۇ: كاۋكاز رايونىنى ئۆزىنىڭ نوپيز  ساھەلىرىدىن بىرى دەپ قاراشنى ئەزەلدىن تەرك ئەتمىگەن موسكۋانىڭ ئېرېۋاننى جاسارەتلەندۈرۈشىنىڭ سەۋەبى نېمە بولۇشى مۇمكىن؟ سۈرىيە-ئىدلىب ۋە لىۋىيەدىن كېيىن، ئەمدىلىكتە ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان توقۇنۇشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن، موسكۋا ئەنقەرە بىلەن يېڭى رىقابەت ساھەسى ئېچىۋاتامدۇ قانداق؟ ئەنقەرەنىڭ يېڭى ھەربىي ساھەلەرگە ئارىلاشقۇچى سۈپىتىدە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كېڭىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتامدۇ؟  ياكى سۈرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى سۆھبەت ئىمكانىيەتلىرى يارىتىش ئۈچۈن قول كۆتۈرۈۋاتامدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش تېخى بالدۇر. لېكىن، سايلام مەزگىلىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن چېچىلانغۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىيالمايدىغانلىقى ئېنىق.

موسكۋا ئىختىلاپلار ۋە توقۇنۇشلارنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش ئارقىلىق كۈچىنى زورايتىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ  بەردى. گىرۇزىيە، ئۇكرائىنا ۋە بېلارۇسىيەدە ئاكتىپ رول ئوينىيالمايۋاتقان غەرب ئەللىرىنىڭ پايتەختلىرى، يەنە  روسىيەنىڭ كۈچ بوشلۇقىنى تولدۇرۇش سىياسىتىگە دۇدۇقلاش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرارمۇ؟  پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئەرمېنى لوبىسىنىڭ تەسىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئېنىق. لىۋىيەدىن تارتىپ شەرقىي ئاقدېڭىز، سۈرىيە ۋە كاۋكاز رايونىغىچە گېئوپولىتىكىلىق سىياسىي بوشلۇق شەكىللەندى. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىدىن كېيىن، دۇنيامىز بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئېنىقسىزلىق ۋە كۈچ سىنىشىش كۈرىشىگە ئىتتىرىلمەكتە. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قىسمەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ  دىپلوماتىيە سىياسىتى شەكىللەندۈرۈشتىكى ئاجىزلىقى، روسىيەنىڭ يېڭى كۈچ بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قولايلاشتۇرماقتا.

ئەنقەرەنىڭ موسكۋا بىلەن يېقىنلىشىشىنى تەنقىد قىلىۋاتقان غەرب ئەللىرىنىڭ پايتەختلىرى، تۈركىيەنىڭ لىۋىيە، سۈرىيە ۋە جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا روسىيەنىڭ كۈچىگە تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىدىن چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك. كەلگۈسى دۇنيانىڭ گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىقلىرىغا، ئىدېئولوگىيە نەزىرى بىلەن ئەمەس، دەل ئەكسىچە، ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلەرگە ئۇيغۇن رېئاللىق نۇقتىسىدىن قاراشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر