باقلاۋانىڭ تۈرك تاتلىق تۈرۈمى سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «باقلاۋا» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1490921
باقلاۋانىڭ تۈرك تاتلىق تۈرۈمى سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

باقلاۋانىڭ تۈرك تاتلىق تۈرۈمى سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز، بالقان ۋە كاۋكاز رايونىدىكى بارلىق جەمئىيەتلەر دېگۈدەك باقلاۋانى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تاتلىق يېمەكلىكى دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. بۇ رايونلارنىڭ بىر چاغلاردا ئوسمانلى زېمىنلىرى ئىكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، باقلاۋانى ئوسمانلى تاتلىق تۈرۈمى دېيىشكە بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، باقلاۋانىڭ كېلىپ چىقىشى خېلى بۇرۇنقى دەۋرلەرگىچە سوزۇلىدۇ.

كۆچمەن تۈركلەرنىڭ ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان قەلەي تاۋىدا پىشۇرغان نېپىز نانلارنى يەيدىغانلىقى مەلۇم. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۆي تامىقى سۈپىتىدە قەلەي تاۋىلاردا نېپىز نانلار (يۇپقا) پىشۇرۇلىدۇ. نېپىز ناننى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىپ ئىشلەتكەن كۆچمەن تۈركلەر،  بىر - بىرلەپ ئېچىلىپ پىشۇرۇلىدىغان نانلارنىڭ ئارىسىغا قايماق ۋە ھەسەل دېگەندەك تەملەندۈرگۈچىلەرنى قويۇش ئارقىلىق خېمىر تاتلىق – تۈرۈملىرىنى تەييارلايتتى. مەزكۇر تاتلىق – تۈرۈملەرنى باقلاۋانىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساس سالغان دەپ قارىلىدۇ.

2013- يىلى 8- ئاۋغۇستتا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن تۈرك تاتلىق يېمەكلىكى سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغان باقلاۋانى ھازىر غازىئانتەپ شەھىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن تاتلىق – تۈرۈم دېيىشكە بولىدۇ.


خەتكۈچ: #تۈرك , #باقلاۋا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر