تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك نىشانى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (22)

1427399
تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك نىشانى

تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك نىشانى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (22)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان « تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەلىماتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** ***** ***** ***** ***** ******

15 – ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشىدىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر تەلىماتىنى ئۆزلەشتۈرگەن تۈركىيە، تەھدىتنىڭ مەنبەسىنى تۈركىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ۋەيران قىلىشنى نىشان قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا ھالقىپ ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈپ بازىلارنى قۇردى. پەقەتلا يۇمشاق كۈچ بولۇشتىنمۇ بەكرەك قەدەممۇ-قەدەم رايونىدا زور ھەربىي كۈچكە ئايلاندى. تۈركىيە يەنە مۇداپىئە سانائىتىگە سالغان مەبلەغلىرى بىلەنمۇ ھەربىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن سىرت، مۇھىم ئېكسپورت قىلغۇچىغا ئايلاندى.

 

بولۇپمۇ 15-ئىيۇلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى سىياسىتى قارىشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى جەريانىدا تۈركىيەنىڭ ھەم PKK تېرورلۇق تەشكىلاتى، ھەم دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىشى، سۈرىيە تەڭلىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلىندى ۋە تۈركىيەگە يۈزلەنگەن تەھدىتلەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن يېڭى بىر بىخەتەرلىك نىشانى ئۆزلەشتۈرۈلدى. بۇ دائىرىدە، سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، دەرھال «فىرات قالقىنى» ھەرىكىتىنى باشلاپ، سۈرىيەنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئازەزدىن جەرابلۇسقىچە ۋە جەنۇپتا باب شەھىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىلدە چوڭ رايوننى دائېش ۋە PKK تېررورچىلىرىدىن تازىلاش ئارقىلىق بىخەتەر رايون قۇرۇپ چىقتى.

تۈركىيە PKK تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدە  دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان قياپەتكا كىرىۋېلىپ، ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن بىر تېرورلۇق دۆلىتى قۇرۇش تىرىشچانلىقىدا ئىكەنلىكىنى بايقىدى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىۋاسىتە قەدەملەرنى تاشلىدى. فىرات قالقىنى ھەرىكىتىدىن كېيىن، زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى بىلەن ئافرىن، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى بىلەن تەل ئابياد ۋە رەسۇلەين قاتارلىق رايونلار سۈرىيىدىكى تېرورلۇقتىن تازىلانغان رايونغا ئۆزگەرتىلدى. تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە تۈركىيە تەربىيەلەپ قوراللاندۇرغان سۈرىيەلىك ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارمۇ قاتناشتى. تۈركىيە يەنە، ئىدلىب رايونىدا باھار قالقىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى توختىتىشقا ۋە يېڭى بىر پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشتى.

تۈركىيە ھازىر ئىراقنىڭ شىمالىدىمۇ چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. «قەتئىي ئىرادە ھەرىكىتى» ئارقىلىق رايوندىكى PKK تېرورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى يوقاتماقتا. شۇنداقتىمۇ تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئارقىلىق PKK نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتېباشلىرىنى ئىراق ۋە سۈرىيەنى بويلىغان ھالدا بىر تەرەپ قىلماقتا. تۈركىيە بۇ بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۆزىنىڭ مۇداپىئە سانائىتى تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى قاتارلىق قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئاپپىراتلىرىنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئشقا سالدى. بۇ تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى جەھەتتىن مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى.

بىر تەرەپتە تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنى بويلىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە  بىر تەرەپتە، لىۋىيەدىكى مەمەلىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى بىلەن ھەربىي كېلىشىم تۈزۈپ، لىۋىيەدە مۇھىم ھەربىي كۈچكە ئايلاندى. قاتاردىمۇ ھەربىي بازىلارنى قۇردى. سومالىدا گويا يېڭى بىر دۆلەتنى قايتا قۇرۇش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. تۈركىيە يېڭى ھەربىي نىشان بىلەن يۇمشاق كۈچ بولۇپ قېلىشتىن ھالقىپ، ئەيمەندۈرگۈچ زور ھەربىي كۈچ بولۇش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى. دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى بىلەنمۇ قورال سىستېمىسىنى ئىشلەپچىقارالايدىغان ۋە ئېكسپورت قىلالايدىغان چوك كۈچكە ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر