ۋىرۇس مەزگىلىدە پ ك ك تېررورى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (20)

1420787
ۋىرۇس مەزگىلىدە پ ك ك تېررورى

ۋىرۇس مەزگىلىدە پ ك ك تېررورى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (20)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ۋىرۇس مەزگىلىدە پ ك ك تېررورى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** ***** ***** ***** ***** ******

تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ھەر قانداق پۇرسەت ۋە مۇھىتتىن پايدىلىنىشقا تىرىشىدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىق كرىزىسقا ئايلانغان تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىمۇ تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئوخشىمىغان پۇرسەتلەرنى سۇنماقتا. دائېش يېقىنقى ئايلاردا ئويلىمىغان يەردىن ئىراقتىكى تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەندەك تۇرىدۇ. گەرچە نۇرغۇن تەھلىلچىلەر دائېشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تېرورلۇق ھۇجۇمىنى 2019 - يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان «ئىستراتېگىيەلىك ئۆزگىرىش» نىڭ داۋامى دەپ قارىسىمۇ، تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ دائېشنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. دائېشتىن باشقا يەنە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مۇ يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە ھەم تۈركىيەدىكى، ھەم سۈرىيەدىكى ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتكەندەك تۇرىدۇ.

سۈرىيەدە ئالدىنقى ھەپتە ئافرىندا پۇقرالارنى نىشان قىلغان پ ك ك، تۈركىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇردى ۋە ۋان شەھىرىدە تاجىسىمان ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ياردەم تارقىتىۋاتقان پۇخرالارغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ خىل ئەھۋالمۇ پ ك ك نىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئېنىقسىزلىقتىن يېڭى ئىستراتېگىيە ئارقىلىق مەنپەئەت ئۇندۇرۇشنىڭ كويىدا بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك كۆپ پۇتلۇق ئىستراتېگىيەنى ئىشقا سالماقتا. بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ بىرىنچىسى پ ك ك  نىڭ ياۋروپادا يۇقۇمغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەتۇر تەشۋىقاتىدىن تەركىپ تاپىدۇ. پ ك ك  نىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى قۇيرۇقچىلىرى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ياۋروپا ھەمكارلىقى نامىدا بىر قۇرۇلما شەكىللەندۇرۇپ، تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى بويلىغان ھالدا يېڭى بىر تەتۇر تەشۋىقات تورى قۇردى. بۇ قۇرۇلمىنىڭ نىشانىنىڭ، ياشانغانلار، ئاستا خاراكتېرلىك بىمارلار ۋە پاناھلىنىش لاگېرلىرىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى ۋە  ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئاكتىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ دائىرىدە، پ ك ك  ياۋروپانى تاجىسىمان يۇقۇم سەۋەبىدىن يېڭى ئىئانە توپلاش سەپەرۋەرلىكى نامى بىلەن ئەشيا ئوبوروتى ۋە لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن يېڭى ماددىي مەنبەگە ئايلاندۇرماقتا.

بۇ سەپەرۋەرلىكنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  نىڭ ياۋروپا ئاياللار تارمىقى (TJK-E) ۋە ياۋروپا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكالەتخانىسى (KCDK-E) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. سەپەرۋەرلىكنىڭ مەركىزىدە بولسا گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىن بار. بۇ دائىرىدە، پ ك ك  تاجىسىمان ۋىرۇسى ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بېرلىندا كرىزىس مەركىزى قۇرغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

 

پ ك ك  نىڭ ئىككىنچى ئىستراتېگىيىسىى بولسا، بىۋاسىتە تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن تەشكىل تاپىدۇ. 2020 - يىلى 1-ئايدىن بۇيان 9 تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئىشقا ئاشۇرغان  پ ك ك، بۇ ھۇجۇملارنىڭ بەشىنجىسىنى تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇس كۆرۈلۈشكە باشلىغان 2020 - يىلى 10 - مارتتىن كېيىن ئىشقا ئاشۇردى. ئاپرېلدا پ ك ك تەرىپىدىن دىيارباكىرغا قاراشلىق بىر يېزىدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا بولسا، بۇ قېتىم بىۋاسىتە يېزا خەلقى ھۇجۇم نىشانى قىلىندى. نەتىجىدە 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. پ ك ك  نىڭ تۈركىيە سىرتىدىكى ھۇجۇم نىشانىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى خادىملىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم.

چۈنكى 25 - مارتتىكى ھۇجۇمدا 2 تۈرك ئەسكىرى شېھىت بولغان بولسا، 24 - ئاپرېلدىكى ھۇجۇمدا 1 ئەسكەر شېھىت بولدى. پ ك ك نىڭ بۇ مەزگىلدە ئېلىپ بارغان بارلىق ھۇجۇملىرى يېزىلاردا يۈز بەردى. ئەمما شەھەرلەردە تېرورلۇق ھۇجۇمى ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ يېزا - قىشلاقلاردىكى ھەرىكەت ئاكىتىپچانلىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدۇر. شۇڭا پ ك ك  تېررورچىلىرى يېزا – قىشلاقلاردا  يوشۇرۇن توزاق قۇرۇش تاكتېكىسىنى ئىشقا سېلىش ئىمكانىيىتىگىلا ئىگە بولماقتا.

بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  غا قارشى ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا. دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى 2020 - يىلى 1 - ئايدىن 5 – ئايغىچە بولغان مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ جەنۇبى ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا يانۋار ئېيىدا 44، فېۋرال ئېيىدا 52، مارت ئېيىدا 54 ۋە ئاپرېلدا 71 بولۇپ، جەمئىي 221 قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ماسلىشىپ ھەرىكەت ئېلىپ باردى. بۇ ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە ، جەمئىي 17 مىڭ 502 دانە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى، يېنىك قورال قاتارلىقلار قولغا چۈشۈلدى ۋە 162 تاكتىكىلىق تېرورلۇق ئېلېمېنتى بىر تەرەپ قىلىندى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى ساقچى ۋە ژاندارما تەرىپىدىنمۇ دۆلەت ئىچى ۋە چېگرا رايونلاردىكى «ئىزدەش-تېپىش-يوقىتىش» خاراكتېرلىق ھەرىكەت داۋاملاشتۇرۇلماقتا. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قاپقانغا چۈشۈرۈش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، يانۋاردىكى 7 مىڭ 998 قېتىملىق ھەرىكەتتە 45، فېۋرالدىكى 5 مىڭ 584 قېتىملىق شەھەر مەركەزلىك ۋە 1385 قېتىملىق يېزا مەركەزلىك ھەرىكەتتە 86،  مارت ئېيىدىكى 7 مىڭ 119 قېتىملىق يېزا مەركەزلىك ۋە 922 قېتىملىق شەھەر مەركەزلىك ھەرىكەتتە 52،  ئاپرېلدىكى  8 مىڭ 163 قېتىملىق يېزا مەركەزلىك ۋە 252 قېتىملىق شەھەر مەركەزلىك ھەرىكەتتە 34 پ ك ك تېررورچىسى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ ئۈنۈملۈك تېرورلۇققا قارشى كۈرەشلىرى سەۋەبىدىن تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ھەرىكەت قابىلىيىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تارايغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر چېقىش يول ئىستراتېگىيەسى ئىزدەۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ھازىرچە ئۇلارنى ئىزدەۋاتقان پۇرسەتنى قولغا كەلتۈردى دېگىلى بولمايدۇ. يۇقۇمدىن كېيىن، تېرورلۇق تەشكىلاتى ئېلېمېنتلىرىنىڭ يېزا پاناھجايلىرىغا چېكىنىشى ۋە كېلىمات شارائىتىنىڭ ياخشى بولىشى سەۋەبىدىن پ ك ك «يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى» يولغا قويۇش باسقۇچىغا ئۆتۈشنى نىشان قىلماقتا. بىراق تاجسىمان ۋىرۇستىن كېيىنكى يېڭى رايون سىياسىتى، ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش مۇھىتىدا، پ ك ك نىڭ مەزكۇر نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر