تۈركىيەدىكى ئەسكەرلىككە يولغا سېلىش مۇراسىمى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئەسكەرلىككە يولغا سېلىش مۇراسىمى» غا دائىر ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1312706
تۈركىيەدىكى ئەسكەرلىككە يولغا سېلىش مۇراسىمى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تۈركىيەدىكى ئەسكەرلىككە يولغا سېلىش مۇراسىمى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تۈرك كۈلتۈرىدە ھاياتنىڭ مۇئەييەن بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ تەبرىكلىنىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەسكەرلىككە يولغا سېلىش مۇراسىمىنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

خەلقىمىز ئارىسىدا ئەنئەنىگە ئايلانغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەسكەرلىككە بېرىش مۇقەددەس بىر ۋەزىپە دەپ قارىلىدۇ. ئەسكەر بولۇش شەرەپلىك ۋە پەزىلەتلىك بىر ئىنسان بولۇش بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، بولۇپمۇ يېزا – سەھرالاردا ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلارغا ياخشى كۆز بىلەن قارالمايدۇ، ئۇنداقلارنىڭ گەپ – سۆزلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.

خەلق ئارىسىدا مۇشۇنداق ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بىر ۋەزىپىنىڭ باشلىنىشىدا ۋە ئاخىرلىشىشىدا ھەرخىل مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلىدۇ. يولغا سېلىش ۋە كۈتۈۋېلىش مۇراسىملىرى رايوندىن رايونغا پەرقلىق بولىدۇ.

ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە كەڭ ئومۇملاشقان ئادەتلەرنىڭ بىرى، ئەسكەرلىككە بېرىش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ياشلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى تەرىپىدىن نۆۋەت بىلەن مېھماندارچىلىققا چاقىرىلىشىدۇر. بۇ زىياپەت پەقەت ئەسكەر نامزاتىغىلا بېرىلىدىغان ئىشلارمۇ، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرلىكتە بېرىلىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. زىياپەت ئەسناسىدا ۋە زىياپەتتىن كېيىن ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشمۇ كەڭ ئومۇملاشقان ئادەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر