سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە سۆھبەت

«كەڭ نۇقتىئىينەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ رۇسىيە ئۇزۇن مۇددەت سۈرىيەدە پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟ ئامېرىكانىڭ نېمە ئۈچۈن سۈرىيەدىن چېكىندى؟ دېگەندەك مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىندى.

1294282
سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە سۆھبەت

سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە سۆھبەت

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2019-يىلى 9-ئۆكتەبىرئەنقەرە ۋاقتى 16:00 دا «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى» نامىدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

17-ئۆكتەبىر (پەيشەنبە) ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئوتتۇرىسىدا ئەنقەرەدە 13 ماددىلىق كېلىشىم تۈزۈلدى ۋە تىنچلىق بۇلىقى  ھەرىكىتى 120سائەت يەنى بەش كۈنلۈك توختىتىلغان ئىدى...

سەيشەنبە كۈنى (22-ئۆكتەبىر) رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سوچىدا پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن 10 ماددىلىق كېلىشىم ئىمزالىدى ۋە شۇ كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى 22:00 دە تىنچلىق بۇلىقىنىڭ توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. 23-ئۆكتەبىر بولسا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تۈركىيەگە يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگولارنى (ئۈچ مىنىستىرنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ۋىزا بەرمەسلىك قاتارلىقلار) ئەمەلدىن قالدۇرۇش پەرمانى ئېلان قىلىندى. بۇ خەۋەر 23-ئۆكتەبىر كەچ تەرەپتە ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

«كەڭ نۇقتىئىينەزەر» ناملىق بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ رۇسىيە ئۇزۇن مۇددەت سۈرىيەدە پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟ ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن سۈرىيەدىن چېكىندى؟ قاتارلىق سوئاللار بويىچە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر