گوردىئون تۈگۈنى ئەپسانىسى يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەنقەرەدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «گوردىئون تۈگۈنى» گە دائىر ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1264399
گوردىئون تۈگۈنى ئەپسانىسى يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەنقەرەدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

گوردىئون تۈگۈنى ئەپسانىسى يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەنقەرەدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تارىختىكى گوردىئون تۈگۈنى ئەپسانىسى يۈز بەرگەن جاينىڭ تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ چېگراسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

گوردىئون ئەپسانىسى ئەنقەرەنىڭ پولاتلى ناھىيەسىدىكى ياسسىھۆيۈكتىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن فىرىگيا مەدەنىيىتىگە ئائىتتۇر.

ئەپسانىگە ئاساسلانغاندا، گوردىئون تۈگۈنى بىر كالا ھارۋىسىنى تۈۋرۈككە باغلىغان گىرەلىشىپ كەتكەن بىر تۈگۈن ئىدى. بىر كاھىن، يېڭى بىر لىدېرغا موھتاج بولۇۋاتقان فىرىگلارغا بىر كالا ھارۋىسى بىلەن شەھەرگە تۇنجى بولۇپ كىرگەن كىشىنى پادىشاھ، دەپ ئېلان قىلىشلىرىنى ئېيتتى. ئۇ كىشى دەل گوردىئوس ئىدى. گوردىئوس پادىشاھ بولدى ۋە ئۇنىڭ كالا ھارۋىسى ئىبادەتخانىدا كۆرگەزمە قىلىندى. ئارىدىن ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن گوردىئوسنىڭ كالا ھارۋىسى تۈگۈنىنى يېشەلىگەن كىشىنىڭ ئاسىيانىڭ ھۆكۈمدارى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەت بىلەن داڭق چىقاردى. بۈيۈك ئىسكەندەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 334 – يىلى تۈگۈننى يېشىشكە ئۇرۇنۇپ باقتىيۇ، ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن، تاقەتسىزلىنىپ قىلىچىنى قىنىدىن سوغۇرۇپ، تۈگۈننى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە پارچىلىۋەتتى. ئىسكەندەر، پارس ئېمپىرىيەسىنىڭ فاتىھى ۋە ئاسىيانىڭ ھۆكۈمدارى بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەۋېتىپ 33 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. دانىشمەنلەر، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا گوردىئون تۈگۈنىنى يېشىشتە سەۋرسىزلىك قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى دەپ باھا بەردى.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر