ئاممىۋى تاراتقۇ

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (34)

1256142
ئاممىۋى تاراتقۇ

ئاممىۋى تاراتقۇ

ئاممىۋى تاراتقۇ

 

رادىيو ئاڭلىغۇچى ئېزىز دوستلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر ڧاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى  قۇدرەت بۇلبۇل تەرىپىدىن تەييارلانغان "ئاممىۋى تاراتقۇ" ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

گەچىش:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

ھازىرقى دەۋرىمىزدە بىز ئاممىۋى تاراتقۇ ھادىسىلىرىنى دائىم دېگۈدەك كۆزگە چېلىقتۇرىمىز. ئىنسانلارنىڭ ھەر كۈنى سائەتلەرچە ۋاقتىنى سەرىپ قىلىدىغان ئاممىۋى تاراتقۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان نەتىجىلەر قاتتىق تالاش – تارتىشلار قىلىنماقتا. ئاممىۋى تاراتقۇ بەزىلەر ئۈچۈن، ئىنساننىڭ پۈتكۈل پىكىر خىيالىنىڭ تىزگىنىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان مۇرەككەپ بىر ۋاسىتىدۇر. يەنە بەزىلەر ئۈچۈن بولسا، ھەممە ئىشنى ئەركىن – ئازادە ھالدا ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدىغان، ئەمما تەرتىپكە سالمىسا بولمايدىغان بىر ۋاسىتىدۇر.

ئۇنداقتا، ئاممىۋى تاراتقۇدىن قانداق پايدىلىنىشىمىز كېرەك؟ ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىشىمىز كېرەككى، مەيلى بىز پايدىلىنايلى قىلايلى، ياكى پايدىلانمايلى، ئاممىۋى تاراتقۇ ئۆز ئوربېتىسىنى مەركەز قىلىپ توختىماستىن ئايلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋال ئاممىۋى تاراتقۇدىن پايدىلىنىشقا توسالغۇمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە.

باشقىچە ئېيتقاندا، ئاممىۋى تاراتقۇ ھەر تۈرلۈك پىكىرنى ئەركىن – ئازادە ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ھەقسىز ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان بىر ۋاسىتىدۇر.

گەچىش:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

ئالدى بىلەن، ئاممىۋى تاراتقۇنىڭ پايدىلىرى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، ئاممىۋى تاراتقۇ "مېنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك پىكىرلىرىم بار" دېگۈچىلەرگە، پىكىرلىرىنى باشقىلارغا ئاڭلاتماقچى بولغانلارغا، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى كۆرۈشنى خالايدىغانلارغا، ھەر خىل جەمئىيەتلەرنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىغا قىزىقىدىغانلارغا مىسلىسىز پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئاممىۋى تاراتقۇدا سىز رېئال ھاياتتا پىكرىڭىز ھەم ئويلىغانلىرىڭىزنى مىللىي ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك كۆپلىگەن ئىنسانلارغا يەتكۈزەلەيسىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈندىلىك ھاياتىڭىزدا سىزدىن يىراق بولغان ئىنسانلارنىڭ پىكىر – تەپەككۇرلىرى ھەم ئويلىغانلىرىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوي – پىكىرلەرنى ھەمبەھىرلىشىش ئۈچۈن ئانچە كۆپ مەبلەغ سېلىشمۇ كەتمەيدۇ. ئىلگىرى يەرلىك سەۋىيەدە بىر گېزىت چىقىرىش، رادىيو – تېلېۋىزىيە خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلەتتى. ئاممىۋى تاراتقۇ ئارقىلىق ھەممە كىشى ئوي – پىكىرلىرىنى ناھايىتى ئاز چىقىم بىلەن كەڭ دائىرىدە ئوتتۇرىغا قويالىشى، ھەمبەھىرلىيەلىشى مۇمكىن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانلار ئوي – پىكىرلىرىنى باشقىلار بىلەن كونترولسىز ھالەتتە، ھېچقانداق بىر توسالغۇغا دۇچ كەلمەستىن ئورتاقلىشايلايدۇ. ئوي -  پىكىرلەرنىڭ ئەركىن – ئازادا ھالدا ئايلىنىشى بولۇپمۇ ئىشىكلىرى سىرتقا قارىتا تاقاقلىق بولغان جەمئىيەتلەر  ھەم ھۆكۈمەتلەرگە تەھدىت سالماقتا. ئونلارچە يىل ئىشىكلىرىنى دۇنياغا تاقىۋالغان ھالدا مەۋجۇدىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئەرەب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى، "ئەرەب باھارى" بىلەن بىرلىكتە ئۆزگىرىشكە باشلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئاممىۋى تاراتقۇدۇر. چۈنكى كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ئاممىۋى تاراتقۇنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسى تېخىمۇ قولاي بىر شەكىلدە تەشكىللىنەلىگەن، نارازىلىقىنى ئىپاىلىيەلىگەنىدى.

گەچىش:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

ئاممىۋى تاراتقۇ ھەر تۈرلۈك يالغان – ياۋىداقلار، پىتنە – پاساتلار ۋە بوھتانلار تېز تارقىلىدىغان، كەڭ خەلق ئاممىسىنى سۇيىئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان بىر ۋاسىتىدۇر..

ئاممىۋى تاراتقۇدا نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن.

ئاممىۋى تاراتقۇدا پەقەت ئوي – پىكىرلەرلا ئەمەس، ھەر تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىق، پىرىنسىپسىزلىق، جىنايەت ئۇنسۇرلىرىمۇ كونترولسىز ھالەتتە تېز تارقىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى Zuckerberg نىڭ خايكېرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن قول كومپىيۇتېرىنىڭ كامېراسى ۋە مىكرونىنىڭ كىرىشىنى ئېتىۋېلىشىمۇ دىققەت قوزغايدۇ.

ئاممىۋى تاراتقۇ ئارقىلىق  كەڭ خەلق ئاممىسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاۋام بىۋاسىتە كونترول نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانماقچى بولغان ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا يارايدۇ. "تاكسىم مەيدانى" دا، "گەزى باغچىسى" دا كېسىۋېتىلگەن بىرقانچە دەرەخنى باھانە قىلىپ، تۈركىيەدە كەڭ خەلق ئاممىسىنى قانداق كونترول قىلىنغانلارنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆردۇق. بەزى دۆلەتلەردىكى سېرىق،  قىزغۇچ سېرىق  رەڭلىك ئىنقىلاب دېگەندەك ھەرىكەتلەرنىڭ، "ئوچۇق جەمئىيەت ئىنىستىتۇتى" دېگەندەك خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن زىچ مۇناسىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز.

ئاممىۋى تاراتقۇنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىدىن سۆز ئاچقاندا، تورخۇمارلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇلار مەلۇم بىر كۈنتەرتىپ شەكىللەندۈرۈش ياكى ئوي – پىكىرلىرى زىت بولغان شەخسلەرنىڭ، ئورۇنلارنىڭ ئابرويىنى تۆكۈش ئۈچۈن ئېچىلغان يالغان ئىسىملىك ئاممىۋى تاراتقۇ سەھىپىلىرى ئارقىلىق قويۇق تەشۋىقات ئېلىپ بارالايدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە ئاممىۋى تاراتقۇدا بەزىدە ھەقىقەت ئۆز ئۇقۇمىنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يالغان ھەقىقەتنىڭ  ئورنىغا ئالمىشىدۇ. نەتىجىدە، ئاممىۋى تاراتقۇ ئاممىۋى ھھەم ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ، پەقەت ھۇجۇم ۋاسىتىسىغىلا ئايلىنىپ قالىدۇ، خالاس.

گەچىش:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

قانچە ئاخبارات ئورگىنى ئاممىۋى تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىگە ئىگە؟

ئاممىۋى تاراتقۇدىن سۆز ئاچقاندا، ئادەتتە ئاممىۋى تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ بىز ئارقىلىق ناھايىتى كۆپ مەلۇماتلارنى قولغا چۈشۈرىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىمىز. بىز ئاممىۋى تاراتقۇ ئارقىلىق ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويايلى. شەخسلەرنىڭ، جەمئىيەتلەرنىڭ، دىندارلارنىڭ، غەيرىي دىندارلارنىڭ، ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ۋە ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ ئۇچۇرلىرى، سىياسىي ئانالىزلىرى، پوزىتسىيەلىرى ۋە كىملىكلىرى ئاممىۋى تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاممىۋى تاراتقۇ شىركەتلىرى باشقا ئەڭ كۆپ ياقتۇرىدىغان شەخسلەرنىڭ كىشىلىك ئانالىزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىنمۇ بەكرەك كۆزىتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قول ئىلكىلىرىدىكى ناھايىتى كۆپ ئۇچۇرلاردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىۋاتقان بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىشى، گويا  پۈتكۈل دۇنيانى كۆزىتىپ ئانالىز قىلىدىغان George Orwell نىڭ 1984 – يىلقى رومانىدىكى "قىزىقارلىق ھادىسىلەر" گە  ئوخشايدۇ. بۇ ئەھۋال شىركەتلەرگە شۇ شىركەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىۋاتقان ئاخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈچىگە مىسلىسىز كۈچ قاتىدۇ. ئۇلار ھەرھالدا  بۇنداق بىر مۇلازىمەتنى بىكارغا سۇنمىسا كېرەك. ياخشى ئويلاپ بېقىڭچۇ! ھەربىر ۋەقەدە خۇددى مەجبۇرىيىتىمىز باردەكلا قايتۇرىدىغان ئىنكاسلىرىمىز، ئېلىپ بارىدىغان ئانالىزلىرىمىز ئارقىلىق قايسى دۆلەتتە، قانداق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىدا، قايسى جەمئىيەتلەرنىڭ قايسى شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن ئىبارەت مەلۇماتلار، بىزنىڭ ۋاسىتىمىز ئارقىلىق ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاممىۋى تاراتقۇدىكى ئانالىزلار، ئۇچۇرلار ھەر كۈنى ئوخشىمىغان مەسىلىلەردە مىليونلارچە كىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش تەتقىقاتلىرىغا ئوخشايدۇ.  بۇ ئۇچۇرلار / مەلۇماتلار ئارقىلىق شىركەتلەر ئۇزاق مەزگىللىك ئانالىزلارنى  ئېلىپ بارىدۇ. ھالبۇكى، بۇنىڭدىن شۇ ئانالىزلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەر، جەمئىيەتلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ قىلچە خەۋىرىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئانالىزلارنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭدۇر.

گەچىش:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

ئوتتۇرا ياشلىقتىن يۇقىرى بولغانلار ئاممىۋى تاراتقۇدىن پايدىلىنىدۇ، ياكى پايدىلانمايدۇ. لېكىن ياشلار بولسا ئاممىۋى تاراتقۇنىڭ ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ، ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئاممىۋى تاراتقۇ سەۋەبىدىن ئائىلىنىڭ بالىلارغا نىسبەتەن تەسىر كۈچى بارسانسېرى ئازىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بالىلار باشباشتاق چوڭ بولىدىغان، تەلىم - تەربىيە ۋە رېئال ھايتتا ئاممىۋىيلىق ئاستا– ئاستا ئالاھىدىلىكىنى يوقىدىغان مۇھىت ئاستىدا، ئاممىۋى تاراتقۇ بالىلىرىمىزنىڭ بىردىنبىر ئاممىۋى ماكانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاممىۋى تاراتقۇدا سەھىپىسى بار مەلۇم كىشىلەرگە نىسبەتەن پىرىنسىپتىن، پەزىلەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان، ئەمما تور خۇمارلار، يالغان – ياۋىداقلار ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتكەن بىر مۇھىت بالىلىرىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ مۇھىت قانداق بىر دۇنيا شەكىللەندۈرەر – ھە!

بۇ ھەقتە پۈتۈنلەي ئۈمىدنى يوقىتىپ قويغىلىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئاممىۋى تاراتقۇنىڭ شۇنچە كۆپ يامان تەرەپلىرىنىڭ بولغىنىدەك، ياخشى تەرەپلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاممىۋى تاراتقۇ مۇھىتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ پايدىلىنىش مۇمكىن. بالىلىرىمىز ئۈچۈن بىزنىڭ قىلىشىمىزغا تېگىشلىك ئىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئاممىۋىلىشىشىنى ئاممىۋى تاراتقۇغا تاشلاپ قويۇش ئەمەس، ئەكسىچە، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، بالىلىرىمىز مەلۇم سەۋىيەدە ئاممىۋىلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇدىن پايدىلىنىشىغا يول قويۇشىمىزدۇر. مەۋلانا ئېيتقانەك، بالىلىرىمىزنى، بىر قەدەمنى پۇختا باسقاندىلا ئاندىن يەنە بىر قەدەم تاشلىيالايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، يەر شارىلشىىش باسقۇچلىرىغا ئوخشاشلا، ئاممىۋى تاراتقۇمۇ مەيلى بىز پايدىلىنايلى، ياكى پايدىلانمايلى ئۆز ئوربېتىسىدا توختىماستىن ئايلىنىدۇ. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، قارشى چىقىش ياكى قوللاشتىنمۇ بەكرەك، بۇ ئايلىنىشنىڭ ئۆزىمىزگە، ئائىلىمىزگە، دۆلىتىمىزگە ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بولغان پايدىلىق تەرەپلىرىنى كۆپەيتىشتۇر، زىيانلىق تەرەپلىرىنى ئازايتىشتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر