ئىستانبۇل مودېرن مۇزېيى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئىستانبۇل مودېرن مۇزېيى» دېگەن تېمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1224715
ئىستانبۇل مودېرن مۇزېيى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

ئىستانبۇل مودېرن مۇزېيى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

ئىستانبۇلدا بىر مودېرن سەنئەتلەر مۇزېيىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئىستانبۇل مودېرن سەنئەتلەر مۇزېيىنىڭ ئۇرۇقى 1987 – يىلىدىكى 1 – نۆۋەتلىك خەلقئارا زامانىۋى سەنئەت كۆرگەزمىسىدە، ھازىرقى نامى بىلەن خەلقئارا ئىستانبۇل بىئەنالىدا سېلىندى. بىراق لايىھە ساداسىنى 2003 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 8 – نۆۋەتلىك ئىستانبۇل بىئەنالىدا ياڭرىتالىدى. مىمار سىنان گۈزەل سەنئەتلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان تاموژنا  ئىسكىلاتى، بىئەنالىنىڭ مەركىزى قىلىپ ئىشلىتىلىپ كەلگەنىدى. ئۆز دەۋرىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسكىلاتنىڭ دائىمىي ئورۇن سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنى تەستىقلاپ، 8 مىڭ كۋادرات مېتىر جايدىكى ئىسكىلات بىناسى بىر مودېرن مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلدى.

تۈركىيەنىڭ تۇنجى مودېرن ۋە زامانىۋى سەنئەت مۇزېى سۈپىتىدە 14 يىل بويىچە بۇ بىنادا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىستانبۇل مودېرن، 2018 – يىلى مايدا بەيئوغلۇدىكى ۋاقىتلىق ماكانىغا كۆچتى. موزېينىڭ يېڭى بىناسى پۈتكۈچە بولغان 3 يىل بويىچە بارلىق پائالىيەتلىرىنى تولۇق رەۋىشتە داۋاملاشتۇرىدىغان ۋاقىتلىق ماكانى – كۈلتۈر ۋە سەنئەتنىڭ قەلبى بەيئوغلۇغا جايلاشقان.

ئىستانبۇل مودېرن، مودېرىن ۋە زامانىۋى سەنئەت ساھەلىرىدىكى ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىنىدىغان دائىمىي ۋە مۇۋەققەت كۆرگەزمە زاللىرى، فوتو – سۈرەت كۆرگەزمە زالى، تەلىم – تەربىيە ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى، كۈتۈپخانا، كىنوخا، قەھۋەخانا ۋە ماگزېنى بىلەن سەنئەتخۇمارلارغا مۇلازىمەت قىلماقتا. ئۇ يەنە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇزېيلىرىدا ئاچقان كۆرگەزمىلىرى بىلەنمۇ تۈركىيەنىڭ تونۇلۇشىغا ۋە كۈلتۈر ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر