سىزنى ھارران بىلەن تونۇشتۇرماقچىمىز

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/22

1208122
سىزنى ھارران بىلەن تونۇشتۇرماقچىمىز

سىزنى ھارران بىلەن تونۇشتۇرماقچىمىز

 

سىزنى ھارران بىلەن تونۇشتۇرماقچىمىز

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سىلەرگە ھارران رايونىنى تونۇشتۇرىمىز.

*** *** **** ****** *****

ھارران؛ بەش مىڭ يىللىق ئۆتمۈشكە ئىگە بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىن تارتىپلا كۈلتۈر نۇقتىسىدىن ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن بىر رايون.

تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىدىكى شانلىئۇرفا شەھىرىدىن 44 كېلومېتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان ھارران، «مېزوپوتاميا بىلەن ئاق دېڭىزنى بىر - بىرىگە تۇتۇشتۇرىدىغان جاي» دەپ قارىلىدۇ.

ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە ئوتتۇرىغا چىققان مېخ ئويما خەتلىك تاختىلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى، «ھارران» دېگەن ئىسىمنىڭ تەخمىنەن 4 مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمەي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى. «ھارران» نىڭ لۇغەت مەنىسى، سۈمەر ۋە ئاكات تىللىرىدا، «ساياھەت، كارۋان» ياكى «كېسىشكەن يوللار» دېگەننى بىلدۈرىدىغانلىقى مەلۇم. 

ھارران؛ ئىسمىنىڭ مەنىسىگە ئۇيغۇن ھالدا مۇھىم سودا يوللىرىنىڭ ئۆزئارا كېسىشكەن نۇقتىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئانادولۇ بىلەن مېزوپوتاميا ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ ئېقىشىمى مىڭلىغان يىللارغىچە ھارران ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان ۋە بۇ چاغلاردا شەھەردە كۈلتۈر جەھەتتە مول بايلىقنىڭ بېرىكىشى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئىلىم پەن، سەنئەت، بولۇپمۇ پەلسەپەدە نۇرغۇن ئىلغار قەدەملەر تاشلانغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى 3 چوڭ پەلسەپە ئېقىمىنىڭ بىرسى «ھارران ئېقىمى» دەپ ئاتىلىدۇ. دەسلەپكى چاغلاردىن تارتىپلا مەۋجۇتلۇقى بىلىنىدىغان ھارران ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە نۇرغۇن بىلىم ئادەملىرى يېتىشىپ چىققان ئىدى.

مەسىلەن؛ 800يىللار ئەتراپىدا ياشىغان ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ ماتېماتىكا ۋە تىبابەت ئالىملىرىدىن بىرسى شۇنداقلا يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەرەبچە تەرجىمە قىلغان سابىت قۇرا ھارراندا يېتىشكەن ئىدى. شۇنىڭدەك ئەينى چاغدا دۇنيا بىلەن ئاي ئوتتۇرىسدىكى مۇساپىنى توغرا ئۆلچەپ چىقالىغان، ياۋروپالىقلار «ئالباتانىئۇس» دەپ ئاتايدىغان باتتانى ھەمدە يۇنان پەيلاسۇپلىرىنىڭ ئەكسىچە ماددىنىڭ پارچىلىنالايدىغان ئەڭ كۈچۈك زەررىسىنىڭمۇ بىر ئېنېرگىيە ئارقىلىق پارچىنلىنىپ، چوڭ بىر شەھەرنى ۋەيران قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتقان جابىر بىن ھەييان، ھەمدە ئاتاقلىق دىنىي ئالىم شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە قاتارلىقلار ھارراندىكى مەكتەپلەردە يېتىشىپ ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە بولغان ئالىملارنىڭ ئاران بىر قانچىسىدۇر. 

ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان مەزگىللەردە ھارران ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئىدى.

تۈرك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىگىمۇ ساھىبخانلىق قىلغان ھارران 1260يىللىرىدا موڭغۇللارنىڭ ئىستالىسىغا دۇچ كەلگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ پارلاق كۈنلىرى ئاخىرىلاشقان ھەمدە كىچىك بىر ئولتۇراق رايونغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

ھارراندا ئېگىزلىكى 22 مېتىر كېلىدىغان ئىنتايىن كەڭ رايونغىچە يېيىلغان تۆپىلىك بولۇپ، بۇ رايوندا مىڭلىغان يىللارغىچە ئۈزلۈكسىز ئولتۇراق تۇرمۇش بەرپا بولغانلىقى مەلۇم. ھەر قايسى دەۋرلەرگە تەۋە بىناكارلىق قالدۇقلىرى ۋە تولىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان تارىخي ئۆتمۈشىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان يادىكارلىقلىرى مەۋجۇت.

ھارران قەلئەسى رايوندىكى ئەڭ مۇھىم تارىخىي قۇرلۇشلاردىن بىرسى بولۇپ، تارىخىي مەنبەلەر 11ئەسىردە قەلئەدىكى كىچىك ئىبادەتخانىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى، كەڭەيتىلىپ، سىپىللىرىنىڭ ياسالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

8ئەسىردە ھارراندا ياسالغان ئۇلۇ جامى، ئانادولۇدا ياسالغان تۇنجى تارىخىي قىممىتى يۇقىرى جامى بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۇنجى ھويلىلىق جامە ۋە قىممەتلىك تاش بىلەن زىننەتلىنىشتە تۇنجى ئەڭ باي جامە دېگەندەك ئۆزگىچە ئالاھدىلىكلەرگىمۇ ئىگە. زاماننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كەڭەيتىلگەن ئۇلۇ جامە؛ بۇ بارلىق ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن ئانادولۇ جامە بىناكارلىقى نۇقتىسىدىن زور ئەھمىيەتلىك ئورۇنغا ئىگە ھېسابلىنىدۇ.  

رايوندىكى باشقا مۇھىم يادىكارلىقلار ئارىسىدا، بابىل دەۋرىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000يىللاردا ئاي تەڭرىسى سىنغا ئاتاپ ياسالغان سىن ئىبادەتخانىسى، رىم ۋە ۋىزاتسىيە دەۋرىدىن قالغان شۇئەيب شەھىرى خارابىلىقلىرى ھەمدە 12ئەسىردە ياشىغان كاتتا ئىسلام ئالىمى شەيىخ يەھيا ھايات ئەل ھاررانى نامىغا سالدۇرۇلغان جامە ۋە مەقبىرە قاتارلىقلارمۇ بار.

بۈگۈنكى ھارراننىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىش قوزغىغان تارىخ ۋە كۈلتۈر خەزىنىسى «ھارران ئۆيلىرى» بولۇپ، بۇ ئەنئەنىۋىي ئۆيلەر تۇماق شەكلىدە گۈمبەزلىك ياسالغان. بىر گۈمبەزلىك ئەمما ھەممىلا ئۆي يانمۇ يان ياسالغان ۋە ئىچكى ھويلىدا قاناللار بىلەن بىر بىرىگە باغلىنىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئىچكى قىسمىدا كەڭ بىر ئولتۇرۇش ساھەسى شەكىللىنىدۇ. 

بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆزگىچە كۆرۈنىشىدىن باشقا ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق بولىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئارخىئولوگىيەلىك ئالاھىدە رايون دائىرىسىگە جايلاشقان ھارراندىكى بۇ ئۆيلەرمۇ ئالاھىدە قوغدالماقتا. مىڭلىغان يىللىق ئۆتمۈشىنى كۈنىمىزگە قەدەر يەتكۈزگەن، گويا چۆچەكلەردىكى شەھەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان ھاررانغا ھەر يىلى مىڭىلغان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر كەلمەكتە.  

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا ھارران رايونىنى تونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق، تىڭشىغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر