سىنوپ بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/21

1203578
سىنوپ بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

سىنوپ بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

 

سىنوپ بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سىلەرگە سىنوپ شەھىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

*** *** **** ****** *****

تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونى ساھىلىدا سىنوپ ناملىق بىر ۋىلايىتى بار. كۆك بىلەن يېشىللىق گېرەلىشىپ كەتكەن ئاجايىپ گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىگە ئىگە رايونلاردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

سىنوپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7ئەسىردە بىر سودا كارىدورى سۈپىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بەزىلەرنىڭ قارىشىچە شەھەرنىڭ ئىسمى ئۆستەڭلەرنىڭ ئايال ئىلاھى ئاسوپوسنىڭ سۇ پەرىسى قىزى دەپمۇ تونۇلغان سىنوپەنىڭ ئىسمىدىن ئېلىنغان ئىكەن. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، شەھەرنىڭ ئىسمى؛ ئاسۇرلارنىڭ ئاي تەڭرىسى «سىن» دىن كەلگەن ئىكەن.

ئارخىئولوگىيەلىك يادىكارلىقلار سىنوپ ۋىلايىتى ۋە ئەتراپىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىن ئېتىبارەن نوپۇسى زىچ بىر تۇرالغۇ يەر بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چوغراپىيەلىك ئورنى ۋە تەبىئىي شەكىللەنگەن پورتى، شۇنداقلا قارا دېڭىزدىن كەلگەن شاماللارغا يېپىق بولۇشى، بۇ يەرنىڭ تۇرالغۇ يەر بولۇپ تاللىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ماكېدونىيە پادىشاھى ئىسكەندەرنىڭ دەۋرىدە بۇ شەھەر تارىخىدىكى پارلاق دەۋرلەردىن بىرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئىلىم پەن ۋە كۈلتۈرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، پەيلاسوپلار ھىمايە قىلىنغان. كېيىنكى چاغدا بۇ ۋىلايەت رىم ۋە ۋىزانتىيەنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئۆتكەن. 11ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بولسا، تۈركلەرنىڭ يۈرتىغا ئايلانغان.

سىنوپ زىيارەتچىلەرنى تەڭداشسىز تەبىئىي گۈزەللىكلىرى ۋە تارىخىي يادىكارلىقلىرى بىلەن قارشى ئالىدۇ.  بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ مۇھىمى ھامسىلوس يېزىسى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەڭ شىمالىي نۇقتىسىغا جايلاشقان بۇ يېزا ئۆتمۈشتە ئۇرۇش كېمىلىرى يوشۇرۇنىدىغان جاي ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، بېلىقچى پاراخوتلارنىڭ بورانلىق كۈنلەردە ساقلىنىدىغان يېزىسى ھېسابلىنىدۇ.  قۇرۇلما ئالاھىدىلىكلىرى نۇقتىسىدىن دۇنيادا پەقەت نوۋىگىيەدىكى بىر يېزىلا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

ئىسمىنى ساھىلىدىكى قۇمنىڭ رەڭگىدىن ئالغان «سارىقۇم» ۋە «قاراقۇم» يېزىلىرى بىلەن ئاقلىمان يېزىسى دېڭىز ساياھىتىگە قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەرگە ئورمانلار بىلەن گېرەلىشىپ كەتكەن تەڭداشسىز گۈزەللىكىنى تەقدىم قىلىدۇ. كىچىك چوڭ بولۇپ، جەمئىي 28 شاقىراتمىدىن شەكىللەنگەن ئەرفەلەك شاقىراتمىسى؛ تەبىئەت سەيلىسىنى ياخشى كۆرۈدىغانلارنىڭ ئارزۇلۇق يېرى دېيىشكە بولىدۇ. سۇ تۆگمەنلىرىمۇ ئۇرۇن ئالغان بۇ تەبىئەت باغچىسى يەنە، ھايۋاناتلار دۇنياسىنى يېقىندىن كۆرگىلى بولىدىغان ئىمكانمىيەتلەرنى تەقدىم قىلىدۇ. 28 پايە شەكلىدە تىزىلغان شاقىراتمىلىرىغا ياماشقىنىڭىزدا سىزنى تولىمۇ نەپىس بىر تۈرك قەھۋەسى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ.

سىنوپ قەلئەسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، يەر ئاستى تونېللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بويابات قەلئەسى رايوننىڭ تارىخىي ھەققىدە سىزنى ئۆزگىچە پىكىرگە ئىگە قىلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ شىمالىي نۇقتىسىغا جايلاشقان ئەجەبۇرۇن دېڭىز پەنىرى ئاپئاق مۇنارى بىلەن 19ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن ھەم پاراخوتلارغا يول كۆرسىتىپ، ھەم قارادېڭىزنىڭ تەڭداشسىز مەنزىرىسىنى سەيلە قىلىش ئىمكانىيىتى سۇنۇپ كەلمەكتە. بويابات ناھىيەسىدىكى بازالت قىيالىقلىرى بولسا، نۇرغۇنلىغان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئارزۇلۇق جايى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۆزگىچە تەڭداشسىز ئالاھىدىلىككە ئىگە رايون «تەبىئەت خاتىرىسى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

سىنوپتىكى مۇھىم تارىخىي بىنالاردىن بىرسى سنۇپ تۈرمىسى ھېسابلىنىدۇ. يۈزلىگەن يىللار ئىلگىرى قەلئە سۈپىتىدە ياسالغان ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە ئۆزگەرتىلىپ، رېمۇت قىلىنىپ، يېڭى بۆلۈملەر قوشۇلۇش ئارقىلىق ئىچكى قەلئەگە ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، كەڭ سېپىللار ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرى ياسالغان، مەلۇم مەزگىل كېمەسازلىق مەركىزى بولغان ۋە ئاخىرىدا تۈرمە ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، مۇزىيى سۈپىتىدە زىيارەتچىلەرنى كۈتمەكتە.

سىنوپتا ئاقگۆل، ئىناتلى غارى ۋە ئارخىئولگىيەلىك مۇزىيى قاتارلىق جايلارمۇ كۆرمەي تۇرۇپ كېتىپ قالماسلىقىڭىز تەۋسىيە قىلىنىدىغان مۇھىم جايلار ھېسابلىنىدۇ.

قىسقىسى، سىنوپ؛ «مېنىڭدىن بىرەر ئىستىكىڭ بارمۇ؟» دەپ سورىغان كاتتا پادىشاھ، بۈيۈك ئىسكەندەرگە: «پۇتلاشمىساڭلا باشقا ياخشىلىقىڭغا كېرەك يوق» دەپ جاۋاب قايتۇرغان ئاتاقلىق پەيلاسوپ دىيوجېننىڭ تۇغۇلغان يۈرتىدۇر.

تۈركىيە ئىستاتىستېكا ئىدارىسىنىڭ 3 يىل ئىلگىرى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا تۈركىيە بويىچە خەلقى ئەڭ خوشال ياشايدىغان شەھەر ھېسابلىنىدۇ.

سىنوپلۇقلارنىڭ ئۆزلىرىنى خوشال دېيىشىدىكى سەۋەبلەرنى دەل سىنوپتا ئەمەلىي كۆرۈشنى شۇنداقلا خوشال ئىنسانلارنىڭ شەھىرىدە، تەبىئەت ۋە تارىخ سەيلىسى قىلىشنى خالايدىغان بولسىڭىز، مانا سىنوپ سىزنى كۈتمەكتە.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا سىنوپ شەھىرىنى تونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق، تىڭشىغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر