ئافرودىسىئاس ئانتىك شەھىرى

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/19

1197327
ئافرودىسىئاس ئانتىك شەھىرى

ئافرودىسىئاس ئانتىك شەھىرى

 

ئافرودىسىئاس ئانتىك شەھىرى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سىلەرگە ئافرودىسىئاس ئانتىك شەھىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

*** *** **** ****** *****

ئىشىق ۋە گۈزەللىك ئايال تەڭرىسى ئافرودىتنىڭ ئىسمى قويۇلغان شەھەر «ئافرودىسىئاس ئانتىك شەھىرى» بولۇپ، بۇ شەھەر رىم ئىمپېراتورى ئاگۇستۇس تەرىپىدىن «پۈتۈن ئاسىيادا ئۆزەم ئۈچۈن مۇشۇ شەھەرنى تاللىدىم» دەپ تەرىپلەنگەن ۋە مىلادىدىن كېيىنكى 1ئەسىردە ئىمپېراتور تەرىپىدىن ئالاھىدە قوغداش ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.

«ئافرودىسىئاس» بۈگۈنگىچە ئىنتايىن ساغلام بىر شەكىلدە يېتىپ كەلگەن شەھەر قۇرۇلمىسى بىلەن ئانادولۇدىكى مۇھىم ئارخىولوگىيەلىك رايونلاردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركيىەنىڭ ئەگە رايونىدا، ئايدىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق قاراجاسۇ ناھىيەسىدە دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر توپىلىككە جايلاشقان بۇ شەھەرنىڭ تارىخ بويىچە تەبىئىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرسى بولغان مەرمەر تېشى كانلىرى ئەڭ مۇھىم بايلىق مەنبەلىرىدىن بىرسى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

ئافرودىسىئاس شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش تارىخى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5000يىللارغا تۇتىشىدۇ.  مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2ئەسىردە بۇ شەھەر دۆلەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ئىدى. رىم ئىمپېرىيەسى ئاگۇستۇس تەرىپىدىن ئالاھىدە قوغداش ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن شەھەرگە باج كەچۈرۈم قىلىش، ئاپتونومىيە قاتارلىق زور ئېتىبارلار بېرىلگەن ۋە شۇڭا تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

ئافرودىسىئاس شەھىرى كېيىنچە كارىئا ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى بولغان بولۇپ، ۋېزانتىيە دەۋرىدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئەھمىيىتىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا باشلىدى. 7ئەسىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش بىلەن يىقىلغان شەھەر، قايتا بىنا قىلىنمىغان ۋە نەتىجىدە كىچىك بىر يېزىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، 18ئەسىردە پۈتۈنلەي خارابىلىققا ئايلانغان ئىدى.

«ئافرودىسىئاس ئانتىك شەھىرى» دىكى مەرمەردىن ياسالغان جايلار، ھەيكەللەر، نەقىشلەر ۋە ئويما خەتلەرنىڭ كۈنىمىزگە قەدەر يېتىپ كېلەلىگەنلىكى شەھەرنىڭ ئارخىئولوگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرمەكتە.

شەھەرگە يېقىن جايدىكى مەرمەر كانلىرى، شەھەرنىڭ ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى ساھەسىدە ئەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مەركەزگە ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىدى. بولۇپمۇ 1- ئەسىردىن 3ئەسىرگچە بولغان جەرياندا شەھەردىكى ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى نام چىقارغان، ئاق دېڭىز ئەتراپىدا تونۇشلۇق نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. ئونلىغان ئاتاقلىق ھەيكەلتىراشلار دەل مۇشۇ شەھەردە يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ھەيكەلتىراشلىق ساھەسىدىكى بۇ رەھبەرلىكى ۋاقىتىنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، «ئافرودىسىئاس ھەيكەلچىلىكى» دەپمۇ ئاتالغان يېڭى بىر ھەيكەلچىلىك ئېقىمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى.

قەدىمقىي دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بىناكارلىق، سەنئەت ۋە دىن مەركەزلىرىدىن بىرسى بولغان ئافرودىسىئاسنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرۇلىشى ھېسابلىنىدىغان ئافرىدوت ئىبادەتخانىسى، تۇنجى قېتىم ئاسۇرلار تەرىپىدىن ئىشىق ۋە گۈزەللىك ئايال تەڭرىسى ئىشتارغا ئاتاپ ياسالغان ئىدى. 1ئەسىردە رىملىقلارمۇ بۇ ئىبادەتخانىنى «ئافرودىت» دېگەن نام بىلەن قايتا ياساتتى.

ئافرودىت ئىبادەتخانىسى، 5ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا شەھەرگە خىرىستىيانلىق ھاكىم بولغاندىن كېيىن، چوڭ بىر چىركاۋغا ئايلاندۇرۇلغان ھەمدە قەدىمىي ئىباردەتخانىنىڭ ئىزلىرى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلانغان ئىدى.

سېباستېئون ئىبادەتخانىسى، ھادرىيان ھاممامى، تەنتەربىيە ۋە ئوقۇ - ئوقۇتۇش مەقسىتىدە ئىشلىتىلگەن جايلار ۋە سۇنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن ياسالغان كۆل قاتارلىقلار شەھەرنىڭ ئويما نەقىش ۋە ھەيكەللەر بىلەن بېزەلگەن مۇھىم يادىكارلىقلىرى ھېسابلىنىدۇ.

يىغىلىش ۋە بازار ئورنىدا ئىشلىتىلگەن شۇنداقلا 8 مىڭ كىشى سىغىدىغان ئاگورا مەيدانىدا رىم ئىپېراتورى دىئونكلېتانۇسنىڭ مەرمەر ئۈستىگە يازدۇرۇپ تامغا ئاستۇرغان باھا جەدۋىلى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ جەدۋەل شەھەرنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىقتىسادى ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم ياردىكارلىق دەپ قارىلىدۇ.

ئافرودىسىئاس تەنتەربىيە مەيدانى بولسا، ئانتىك دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى قوغدىلىپ قالغان تەنتەربىيە زاللىردىن بىرسى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك سىغىمچانلىققا ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا قەدىمىي تىياتىرخانىسىمۇ ئانادولۇنىڭ ئەڭ قەدىمىي 3 قەۋەتلىك سەھنىسىگە ئىگە بولغانلىقى بىلەنمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. 

شەھەرنىڭ يۈزلىگەن يىللار ئىلگىرى ياسالغان بولۇشىغا قارىماي ھازىرمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان چوڭ دەرۋازىسى، قەدىمىي بىناسى ۋە مەرمەر تاش ئويمىلىرى كۆرگۈچىلەرنى ھاڭ تاڭ قالدۇرۇپ كەلمەكتە.

«ئافرودىسىئاس ئانتىك شەھىرى» رايوندا ئورۇن ئالغان قەدىمىي مەرمەر كانلىرى بىلەن بىرلىكتە 2017يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

«ئافرودىسىئاس ئانتىك شەھىرى» نى كۆرۈش ئۈچۈن ئايدىنغا كەلسىڭىز، دىدىمدىكى ئاپوللون ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلماستىن ھەمدە دىدىمنىڭ گۈزەللىكى تەڭداشسسىز ساھىللىرىدا دېڭىزغا كىرمەستىن كېتىپ قالماڭ. ئەگە رايونىغا خاس زەيتىن يىغى ۋە يەرلىك يېمەك ئىچمەكلىرىنى چوقۇم تېتىپ بېقىشنى ئونتۇماڭ!    

  

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا ئافرودىسىئاس ئانتىك شەھىرىنى تونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق، تىڭشىغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر