ئانتاراكتىكا بايقىلىشتىن 300 يىل بۇرۇن سىزىلغان خەرىتە - پىرى رەئىس خەرىتىسى

تۆۋەندە دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «پىرى رەئىس خەرىتىسى» دېگەن تېمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1166564
ئانتاراكتىكا بايقىلىشتىن 300 يىل بۇرۇن سىزىلغان خەرىتە - پىرى رەئىس خەرىتىسى

ئانتاراكتىكا بايقىلىشتىن 300 يىل بۇرۇن سىزىلغان خەرىتە - پىرى رەئىس خەرىتىسى

ئانتاراكتىكا بايقىلىشتىن 300 يىل بۇرۇن پىرى رەئىسنىڭ بۇ قىتئەنىڭ خەرىتىسىنى سىزغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

1929- يىلى توپقاپى سارىيى قەدىمقى ئەسەرلەر مۇزېيىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقان ئەسنادا بىر تۈركۈم تارىخچىلار كىيىك تېرىسىگە سىزىلغان ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خەرىتىنى ئۇچراتتى. جۇغراپىيە ۋە خەرىتە مۇتەخەسسىسى داڭلىق تۈرك دېڭىزچى پىرى رەئىس تەرىپىدىن 1513 – يىلى سىزىلغان، ئافرىقا، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي قۇتۇبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ خەرىتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. چۈنكى، جەنۇبىي قۇتۇب خەرىتىنىڭ سىزىلىشىدىن نۇرغۇن يىللار كېيىن، يەنى 1818 – يىلى بايقالغانىدى.

پىرى رەئىس خەرىتىسى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا قىتئەسى ئورۇن ئالغان ئەڭ قەدىمىي خەرىتىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خەرىتە ئوسمانلى كاپىتانى دەريايى (ئادمىرالى) پىرى رەئىس تەرىپىدىن 1513 – يىلى سىزىلغان بولۇپ، ياۋروپا ۋە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىرغاقلىرىنى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، كرىستوف كولومبونىڭ بىر خەرىتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 مەنبەنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا تەييارلانغان، 16 -  ئەسىر ياۋروپا ۋە مۇسۇلمان دېڭىزچىلىرىنىڭ جۇغراپىيەگە دائىر مەلۇماتلىرى مۇجەسسەملەنگەن بىر تارىخىي ھۆججەتتۇر.

تېخىمۇ مۇھىمى، پىرى رەئىسنىڭ خەرىتىسى قىتئەنىڭ مۇز ئاستىدا قالغان دېڭىز قىرغاقلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەتتى. ئەمما، قىتئە ئۈستىدىكى مۇزلار خەرىتە سىزىلىشتىن دەل 6 مىڭ يىل ئىلگىرى ئېرىپ بولغانىدى.

تەتقىقاتچىلار، بۇ خەرىتىنىڭ داڭلىق تۈرك دېڭىزچى پىرى رەئىس تەرىپىدىن 1513 – يىلىدا سىزىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ماھىر دېڭىزچى دېگەن نام بىلەن دۇنيا تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان پىرى رەئىس، خەرىتىچىلىققا مەپتۇن ئىدى. پىرى رەئىسنىڭ خەرىتىسى ئافرىقىنىڭ غەربىي قىرغاقلىرىنى، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ساھىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئانتاراكتىكانىڭ شىمالىي ساھىللىرى ناھايىتى ئەتراپلىق سىزىلغانىدى. ئادەمنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرىدىغىنى بولسا، پىرى رەئىسنىڭ بۇ قىتە بايقىلىشتىن 300 يىل ئىلگىرى بۇنداق توغرا بىر خەرىتىنى سىزىپ چىققان بولۇشى ئىدى. خەرىتە بۇنىڭغا ئىلاۋىتەن مۇزنىڭ ئاستىدا قالغان دېڭىز ساھىللىرىنىمۇ كۆرسىتەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر