پامۇققەلئە

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/07

1145991
پامۇققەلئە

پامۇققە

 

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سىلەرگە پامۇققەلئەنىتونۇشتۇرىمىز.

*****

پامۇققەلئە تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكلىرىگە ئىگە جايلىرىدىن بىرسى بولۇپ، رايوندىكى ئانتىك شەھەر ھېراپولىس بىلەن بىرگە پامۇققەلئەمۇ 1988يىلىدىن بۇيان ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ تىزىملىكىدە ئۇرۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

پامۇققەلئە تۈركىيەنىڭ غەربىدە ئەگە رايونىدىكى دېنىزلى ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، چال تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىگە ئېقىپ كەلگەن كالتىسى ئوكسىد سۈيى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن ئاجايىپ كۆركەم ئاپئاق قىيالىقلار زىيارەتچىلەرگە تەڭداشسىز گۈزەل بىر مەنزىرە سۇنىدۇ. پامۇققەلئە قىيالىقلىرى 2700 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ۋە 160 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، پارقىراق ئاپئاق رەڭگى بىلەن قانچىلىغان كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. 

دېنىزلى شەھەر مەركىزىدىن 2 كېلومېتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان بۇ جاي نۇرغۇنلىغان كېسەللەرگە شىپا بولىدىغان شىپالىق سۇلىرى بىلەنمۇ مەشھۇر. بۇ يەردە ئىسسىقىلىقى 3536 سىلسىيە گىرادوس ئەتراپىدا 5 ئارشاڭ مەنبەسى بار.

رايوندىكى ھېراپولىس ئارخىئولگىيەلىك شەھىرى ئانتىك دەۋردىن بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن ئەڭ نادىر مەركەزلەردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى ھېلېنىسىك ۋە دەسلەپكى خىرىستىيانلىق دەۋرلىرىگە تەۋە يادىكارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

**** ***** ** *****

ئانتىك شەھەرنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2ئەسىردە بەرگاما پادىشاھلىرىدىن 2ئۇمېنېس تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى ۋە بەرگامانىڭ قۇرغۇچىسى تېلېپوسنىڭ ئايالى ھېرانىڭ ئسىمى بىلەن ئاتالغانلىقى مەلۇم. خىرىستىيانلىقنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئالغان ھېراپولىس ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ 12 ھاۋارىسىدىن بىرسى بولغان ئازىز پىلىپپۇس ئۆلتۈرۈلگەن شەھەر بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ شەھەر مىلادىدىن كېيىنكى 4ئەسىردە ئۇنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن دىنىي مەركەز ئېلان قىلىنغان، ئاندىن شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بولغان ھەمدە باش راھىپلىق مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى.

تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ھېراپولىس ئۆز دەۋرىدە يەنە، مېتالچىلىق، تاش ئويمىچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق بىلەنمۇ نامى چىققان شەھەر ئىدى.

ئەگەر تەڭداشسىز تەبىئىي گۈزەللىكلەرگە ئىگە پامۇققەلئەنى ۋە ئانتىك شەھەر ھېراپولىسنى زىيارەت قىلسىڭىز، رايوندىكى شىپالىق سۇلاردىن پايدىلىنىشنى ئۇنتۇماڭ. ئاپئاق قىيالىقلار ئۈستىدە قوياشنىڭ پېتىشى كۆرمەي، يېقىن ئەتراپتىكى غارلار ۋە شاقىراتمىلارنى سەيلە قىلماي ھەرگىز قايتىپ كەلمەڭ. بۇلاردىن باشقا يەنە، دېنىزلىنىڭ قولدا توقۇلغان مەھسۇلاتلىرىدىن سېتىۋلىشىڭىزنى، يەرلىك تاماق تۈرلىرىدىن ئاچما گوش نان ۋە كاۋاپلىرىنى تېتىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.   

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا پامۇققەلئەنىتونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق، تىڭشىغىنىڭقلار ئۈچۈن رەخمەت.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر