ئۇن ھالۋىسى

ك تائاملىرىدىن تۈركلەرگە خاس «ئۇن ھالۋىسى» ھەققىدە .

1138414
ئۇن ھالۋىسى

ئۇن ھالۋىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھالۋا تۈرك داستىخانلىرىدا زادى كەم بولسا بولمايدىغان تاتلىق تائاملاردىن بىرىدۇر. تېگى ئوتتۇرا شەرقدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان پايانسىز تېرروتېرىيەگە سوزۇلىدىغان ھالۋا، تۈركلەرنىڭ مەدەنىيىتىدە ئادەتتىكى بىر ھالۋا بولۇشتىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، تۈركلەردە ئائىلىدە بىرەرسى ۋاپات بولسا، ھالۋا ئېتىدىغان، ساغلام تۇغۇتتىن كېيىن ھالۋا ئىكرام قىلىنىش بىلەن بالىنى تەبرىكلەيدىغان، ئالاھىدە كۈنلەردە مەخسۇس ھالۋا ئېتىپ يېيىلىدىغان ئادەتلەر بار.

ھالۋا ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 3 قوشۇق سېرىق ماي
  • 2  قوشۇق ئادەتتىكى ياغ
  • 1 ئىستاكان ئۇن
  • 1 ياكى 1 يېرىم ئىستاكان شېكەر
  • 2 ئىستاكان سۇ (سۇنىڭ ئورنىغا 1 ئىستاكان سۈت ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ)
  • 2 قوشۇق قارىغاي ئۇرۇقى

ھالۋا ئېتىش ئۇسۇلى مۇنداق:

  • ئالدى بىلەن سېرىق ماي، ياغ، ئۇن ۋە قارىغاي ئۇرۇقىنى قازانغا سېلىپ، ئاز ئوتتا قورۇشقا باشلاڭ، ئاندىن رەڭگى قويۇقلاشقانغا قەدەر ئارىلاشتۇرۇپ قورۇڭ. بۇ جەرياندا بىرئاز سەۋر - تاقەت قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
  • بىرلا ۋاقىتتا يەنە بىر قازاندا سۇ بىلەن شېكەرنى قاينىتىپ، قىيام قىلىڭ.
  • ئۇنلۇق ئارىلاشمىنىڭ رەڭگى قويۇقلاشقانغا قەدەر شەربەتنى ئاستا – ئاستا، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئۇننىڭ ئۈستىگە ئىلاۋە قىلىڭ ۋە تېزلىك بىلەن ئارىلاشتۇرۇڭ. ئۇننىڭ كاللەكلىشىپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىڭ. قىيامنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئۇنلۇق ئارىلاشمىغا يېگۈزۈڭ.
  • ئوتنى ئۆچۈرۈپ، 10 مىنۇت كۈتۈڭ.
  • ئەمدى ھالۋىنى يېسىڭىز ياكى مېھمانلارغا ئىكرام قىلسىڭىز بولىدۇ.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر