يېڭى تاش دەۋرىگە ئائىت ئەڭ قەدىمىي ئاھالىلەر رايونىنىڭ چاتالھۆيۈك ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمۇ؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا « چاتالھۆيۈك» كە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز...

1125933
يېڭى تاش دەۋرىگە ئائىت ئەڭ قەدىمىي ئاھالىلەر رايونىنىڭ چاتالھۆيۈك ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمۇ؟

يېڭى تاش دەۋرىگە ئائىت ئەڭ قەدىمىي ئاھالىلەر رايونىنىڭ چاتالھۆيۈك ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمۇ؟

يېڭى تاش دەۋرىگە ئائىت ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي ئاھالىلەر رايونلىرىدىن بىرىنىڭ كونيادىكى چاتالھۆيۈك (ئارا تۆپىلىكى) ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

چاتالھۆيۈك كونيا ۋىلايىتىنىڭ چۇمرا ناھىيەسىنىڭ 10 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان يېڭى تاش دەۋرىگە ئائىت ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمىي ئاھالىلەر رايونىدۇر.

دۇنيا ئارخېئولوگىيە ساھەسى تارىخ بېكىتىش ئورۇنلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىدە «چايئۆنۈ ۋە ھالان چەمى تۆپىلىكىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەڭ قەدىمىي ئولتۇراقلىشىش رايونىنىڭ باتمان كوزلۇك چېگراسىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان چاتالھۆيۈك بۇنىڭدىن تەخمىنەن 12 مىڭ يىل مۇقەددەمكى ئولتۇراقلىشىش رايونى» دېيىلمەكتە. بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىلمىي تەتقىقاتلار داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمىي ئولتۇراقلىشىش رايونىنىڭ چاتالھۆيۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.

چۇمرا ناھىيەسىدىكى دۆۋە، پەرقلىق ئېگىزلىكتىكى ئىككى تۆپىلىك شەكىلدە بولغانلىقى ئۈچۈن، چاتال (ئارا) دەپ تەسۋىرلەنگەن ۋە چاتالھۆيۈك (ئارىدەك تۆپىلىك) دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشقا باشلانغان.


خەتكۈچ: #چاتالھۆيۈك

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر