دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى

بۈگۈن 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، يەنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدۇر

1104173
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى

بۈگۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدۇر. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىن ۋە باراۋەر بولىدىغانلىقى چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 1948-يىلى 10-دېكابىردا بۇ كۈننى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى قىلىپ بېكىتتى. تۈركىيە 1949-يىلى ئاپرېلدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلۇش ئەھدىنامىسىنى ئىمزالىدى. 1949-يىلدىن بۇيان تۈركىيە ھەر يىلى 10-دېكابىرنى كىشىلىك ھوقۇق كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلەپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تونۇشنىڭ ئۆسۈشى نەتىجىسىدە كىشىلىك ھوقۇق كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەبرىكلىنىدىغان ھالەتكە كەلدى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن دىكتاتورلارنىڭ دۇنيانى ھالاكەت يولىغا باشلىشى، ئۇرۇش، سۈرگۈن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قەتلىئاملارنىڭ يۈز بېرىشى قاتارلىق پاجىئەلىك ھادىسىلەر نەتىجىسىدە، خەلقئارا جەمئىيەت ئىنسان ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى زۆرۈرىيىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.  كۈنىمىزدىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار يۈز بەرمىسىمۇ ئىراق، سۈرىيەگە ئوخشاش جايلاردا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلارغا ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلار خاتىمە بېرىشكە تىرىشماقتا. دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر توقۇنۇش، قالايمىقانچىلىق ۋە تېررورىزىم سەۋەب بولۇۋاتقان ھەر قانداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ بۇرۇنراق تۈگىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر