ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1097751
ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسى

2016-يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇم (ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى)دا ئەنگلىيە خەلقىنىڭ كۆپ

 قىسمى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى. بۇ رېفېراندۇمدىن كېيىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا 27 ئەزاسى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئۇزۇن مەزگىللىك مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا 600 بەتلىك كېلىشىم ئىمزالاندى. 25-نويابىردا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم تېكىستى 11-دېكابىردا ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىشى كېرەك. ئەنگلىيە پارلامېنتىدا نۇرغۇن پارلامېنت ئەزاسى بۇ كېلىشىم تېكىستىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ ئەھۋال مەزكۇر كېلىشىمنىڭ كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تولۇق ئايرىلىپ چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىنىپ پارلامېنت تەرىپىدىن ماقۇللانمىغان تەقدىردە، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بىرلا ۋاقىتتا تەلتۆكۈس ئايرىلىپ چىقاتتى. بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېرېسا مېي باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تېكىستى تۈزۈپ چىقىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىدىن ئەپسۇسلانغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيە بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا كېلىشىم ئىمزالاپ چىقالىغانلىقى ئۈچۈن مەمنۇن ئىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىپ چىقىشىغا توسالغۇ بولۇش مەقسىتىدە، ئەنگلىيەنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن نۇرغۇن ئىمتىيازلىرىدىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئىسپانىيە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا ئۇزۇندىن بۇيان قارشى چىقىپ كەلدى. ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ سالاھىيىتىدىكى ئىختىلاپلار تۈپەيلى ئىسپانىيە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنى ۋېتو قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جەبىلتارىق بوغۇزى 1713-يىلدىن بۇيان ئەنگلىيەنىڭ تەۋەلىكىدە بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى جەبىلتارىقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا دائىر كېلىشىمنىڭ ماددىلىرى ئىچىدە چېگرا ئۆتۈش ئېغىزلىرىنى بېكىتىش مەسىلىسىمۇ ئىسپانىيەگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ماددا تەبىئىي ھالدا جەبىلتارىق بوغۇزىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى نارازىلىقىنى بىۋاستە ئەنگلىيەگە ئەمەس ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىگە بىلدۈرۈپ، جەبىلتارىقنىڭ سالاھىيەت مەسىلىسىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن ۋېتو قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن قۇرۇقلۇقتا شەكىللىنىدىغان يەنە بىر چېگرا بولسا ئىرلاندىيە بىلەن شىمالىي ئىرلاندىيە ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. ئىككى رايون ئوتتۇرىسىدا روشەن ئايرىلغان چېگرا بولۇشنى خالىمايدىغان تەرەپلەر، 2020-يىلغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان ۋاقىتلىق چارە ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى، بۇ مەزگىلگىچە ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاموژما بىرلىكىدىن ئورۇن ئالىدۇ لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئەنگلىيە پارلامېنتىغا ئوخشاش چوڭ بىر توسالغۇغا دۇچ كەلسىمۇ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا بىر نەچچە جەھەتتىن تۇنجى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا بۇ خىل خاراكتېردىكى كېلىشىم تۇنجى قېتىم ئىمزالاندى، شۇڭا بۇ كېلىشىمنىڭ ئىككىنچى بىر مىسالى يوق، مەزكۇر كېلىشىم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگىلا ئەمەس ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان ياكى ئەزاسى بولالمايۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ مىسال بولالايدۇ. ناۋادا تۈركىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇزاكىرىلىرى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتپاقى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان مەزكۇر كېلىشىم ئۆرنەك بولۇپ، باشقىچە بىر شىرىكلىك ئەندىزىسى تەشكىل قىلىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى گىئو-ئىستراتېگلىيەلىك جەھەتتىنمۇ مەلۇم تەسىر پەيدا قىلىدۇ. رۇسىيەنىڭ شەرقىي ياۋروپادا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇز تالىشىش كۈرىشىدە، ئەنگلىيەگە ئوخشاش مۇھىم بىر دۆلەتتىن ئايرىلىپ قالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاجىز ھالغا كېلىپ قالىدۇ. ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئەنگلىيەگە ئوخشاش ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيەسىگە ئىگە بىر دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى، ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقسا، ياۋروپادىكى كۈچ تەڭپۇڭلىقلىرى ۋە ئىتتىپاقداش مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر تەرەپتە رۇسىيە، ئافرىقا ۋە تۈركىيەگە قوشنا بولغان بولسا،ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى بىر قوشىنىغا ئىگە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر