ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولار

ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولار ۋە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر

1084813
ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئوبامد ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن، ئامېرىكانى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن  ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى ئىرانغا بۇ يىل 7-ئاۋغۇستتا بىرىنچى قېتىملىق ئېمبارگونى باشلىۋەتتى، ئىككىنچى قېتىملىق ئېمبارگو بولسا بۇ يىل 5-نويابىردا باشلىدى. ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولار ئاساسلىقى ئېنېرگىيە، بانكىچىلىق، ترانسپورت ۋە سۇغۇتا قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان تۇنجى قېتىملىق ئېمبارگوسىدا ئىراننىڭ ئامېرىكا دوللارغا ئېرىشىشى، دۆلەت زايومىنى سېتىشى، ئالتۇن ۋە قىممەتلىك تەبىئىي بايلىقلار ئارقىلىق پولات-تۆمۈر، ئالىيۇمىن، كۆمۈرگە ئوخشاش مېتاللارنىڭ سودىسىنى قىلىشى، يولۇچىلار ئايروپىلانى ياكى زاپچاسلىرىنى ئىمپورت قىلىشى چەكلەندى. ئىككىنچى قېتىملىق ئېمبارگودا بولسا ئىران نېفىت شىركىتى، ئىران نېفىت سودا شىركىتى ۋە دۆلەتلىك نېفىت ترانسپورت شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خەلقئارادا سودا قىلىشى چەكلەنگەندىن سىرت، ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ ئاساسلىقى نېفىت ئېكسپورتىغا تايىنىدىغان ئىراندىن ئۆزگە دۆلەتلەرنىڭمۇ نېفىت ئىمپورت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇلدى.  

ئىرانغا بانكىچىلىق ساھەسىدە يولغا قويۇلغان ئېمبارگولار قاتارىدا دۇنيا مىقىياسىدىكى بانكىلار ئوتتۇرىسىدا ئېلېكترونلۇق فون ترانسپورتى ئېلىپ بېرىشتا ئىشقا يارايدىغان «سۋىفت» (SWİFT) سىستېمىسىمۇ بار. «سۋىفت»شىركىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بەزى ئىران بانكىلىرى سىستېمىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىتەلمەيدۇ.» ئامېرىكا يەنە ئىراننىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنىمۇ ئېمبارگو نىشانى قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى ئىران مەركىزى بانكىسى ۋە بەزى ئىران بانكىلىرى بىلەن پۇل-مۇئامىلە سودىسى قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، 799دىن ئارتۇق شەخس ۋە شىركەتمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

ئىرانغا بۇنچىلىك ئېغىر ئېمبارگولار قويۇلۇشنىڭ ئەكسىچە، ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون مۇنداق دېدى: «ئىرانغا قارىتىۋاتقان ئېمبارگولىرىمىز بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما دەۋرىدە  يولغا قويۇلغان ئېمبارگولاردىنمۇ ئېغىر ئېمبارگولار قويۇلىدۇ.» مەسلىھەتچىنىڭ بۇ سۆزى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرىنىڭ تەسىرلىرىگە ۋاقتىنچە 8 دۆلەتنىڭ ئۇچرىمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ھىندىستان، ئىتالىيە، تۈركىيە، ياپونىيە، خىتاي، گىرېتسىيە، جەۇبىي كورېيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىرىسى ئېنىق ئەمەس، بىز ئىرانغا ئېمبارگو قويۇلۇشىنى توغرا دەپ قارىمايمىز، چۈنكى ھەر قانداق ئېمبارگو دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرى خەلقئارا قانۇن ۋە دىپلوماتىيەگە زىت قىلمىشتۇر، بىز جاھانگىرلىق ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈۋالىدىغان بىر دۇنيادا ياشاشنى خالىمايمىز،  جاھانگىرلىكنىڭ بېسىمىدا ياشاشنى قوبۇل قىلالمايمىز، ئىنسانلار ئامانلىق، تىنچلىق ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتكە تولغان بىر دۇنيادا خاتىرجەم ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. <مەن كۈچلۈكمەن، قولۇم ھەممىگە يېتىدۇ، شارائىتىم ياخشى، شۇڭا خالىغىنىمنى قىلىمەن>دېگەن چۈشەنچىدە ھەرىكەت قىلىش توغرا ئەمەس. ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشىگە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ.»

تۈركىيەنىڭ ئىراندىن ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىگە بىز باشتىن-ئاخىرى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ كەلدۇق، بىز ئىرانغا ئېمبارگو قويۇلۇشىغا قارشىمىز، بولۇپمۇ نېفىتكە ئوخشاش زۆرۈر ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىغا ئېمبارگو قويۇلۇشىغا تېخىمۇ قارشىمىز. شۇڭا ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرى بويىچە ئىش قىلمايمىز. بىز نۆۋەتتە ئىراندىن ھەر يىلى 10 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىۋاتىمىز، ناۋادا ئىراندىن تەبىئى گاز ئالمىساق پۇقرالىرىمىز قىشتا سوغۇقتىن توڭۇپ قالمامدۇ؟ مەن نېمىشقا پۇقرالىرىمنى سوغۇقتا توڭدۇرۇپ قويغۇدەكمەن. شۇڭا بىز ئېمبارگولارغا رىئايە قىلالمايمىز.»

ئوخشاشلا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋمۇ، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. فىرانسىيە، خىتاي ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا نارازىلىق بىدۈرۈشتى. ئەپسۇس ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى تەسىر دائىرىسى، نوپۇزى ۋە كۈچى سەۋەبلىك بەزى خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەر ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرى بويىچە ئىش تۇتىدىغانلىقلىرىنى جاكارلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر