ئىستانبۇل تېخنولوگىيە فېستىۋالى

ئىستانبۇلدىكى تېخنولوگىيە فېستىۋالى

1067495
ئىستانبۇل تېخنولوگىيە فېستىۋالى

تۈركىيەدە بۇ يىل سېنتبىردە مۇداپىئە، ئالەم قاتنىشى، تېخنولوگىيە ۋە ئاۋىئاتسىيە ساھەلىرىدە ئىككى مۇھىم پائالىيەت ۋۇجۇدقا چىقتى. پائالىيەتلىرىدىن بىرسى 2018-يىلى 20-23-سېنتەبىر كۈنلىرىدە تۈركىيەنىڭ مۇھىم لايىھەلىرىدىن بىرى بولغان خەلقئارا 3-ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تېخنولوگىيە ئىستانبۇل»، ئىككىنچىسى بولسا 2018-يىلى 27-30-سېنتەبىر كۈنلىرىدە ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىستانبۇل ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسى»ئىدى. ئىككى پائالىيەتنىڭ بىرىسى ئۆتكۈزۈلگەن ماكانلاردىن بىرى پات يېقىندا تاقىۋېتىلىدىغان ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى بولغان بولسا، يەنە بىر پات يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان خەلقئارا 3-ئايرودۇرۇم ئىدى. تۈركىيەنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە بۇنداق مۇھىم ئىككى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشى ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە تاشلانغان زور قەدەملەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر گە خەلقىمىز بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئۈمىدلەندۈرىدۇ.  

تۈرك ھەربىي-سودا ئۇيۇشمىسى مائارىپ مۇدىرى تاركان زەنگىننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى تەقدىم قىلىمىز.

ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى فېستىۋال ئسىتانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن « ت 3» ۋەقپەسى باشچىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان «ت 3»ۋەقپەسى تەشكلىي ھەيئەت باشلىقى سەلچۇك بايراكتار: بۈگۈن بۇ ساھەدە بەرپا قىلىپ چىققان ئائىلىمىز ۋە  چۈشىمىز رىئاللىققا ئايلانغان كۈندۇر، بۈگۈن يەرلىك تېخنىكا ئىستىراتېگىيەمىزنىڭ نىشانىنى ئونلار مىڭلارچە، يۈز مىڭلارچە ياشلىرىمىزغا تونۇشتۇرغان كۈندۈر، بۈگۈن بىز مېڭىۋاتقان يولدا يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان مۇھىم كۈندۇر.» «ت 3» ۋەقپەسىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى يەرلىك تېخنولوگىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسى ۋە تېخنولوگىيە قوشۇنلىىر پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئالىي مەكتەپ تېخنولوگىيە مەركەزلىرىگە ئۈسكۈنە، تېخىنكىلىق بىلىملەر، قاتناش ۋە خادىم يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسلىھەت بېرىشتىن ئىبارەت.  بۇ ۋەقپەنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى 2023-يىلىغىچە «1001 تېخنولوگىيە قوشۇنى ۋە 1001 تېخنولوگىيە پائالىيەتلىرى»نى قوللاشتۇر.

نۇرغۇن ئۈسكۈنە، ئاپپارات ۋە مەھسۇلات كۆرگەزمە قىلىنغان بۇ فېستىۋالغا كىرىش ھەقسىز ئىدى. ئاۋىئاتسىيەچىلىك، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرىگە خەلقنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ بۇ ساھەدە ئۇچۇر-مەلۇماتقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالغا نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. فېستىۋالنى 4 كۈن ئىچىدە 550 مىڭ ئاەم ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى 42 ۋىلايەتتىن 10مىڭ ياشنى تەشكىللەپ بۇ قېتىمقى فېستىۋالغا قاتناشتۇردى، فېستىۋالدا 14 كاتېگورىيە بويىچە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇلدى، مۇسابىقىلەرگە ياشلار ئالاھىدە قىزىقتى، فېستىۋال دائىرىسىدە نۇرغۇن مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇلدى، مەسىلەن ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ، تولۇق كۇرس، ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار  تېخنولوگىيە مۇسابىقىلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى مۇسابىقىسى، ئۇچقۇچىسىز سۇ ئاستى سىستېمىلىرى مۇسابىقىسى، مودېل ئايروپىلان مۇسابىقىسى، ماشىنا ئادەم تاكسى مۇسابىقىسى، ماشىنا ئادەم  فاتىھ 1453 مۇسابىقىسى، راكېتامىيۇت مۇسابىقىسى، سۈنئىي ئەقىل مۇسابىقىسى، شوپۇرسىز قۇرۇقلۇق ماشىنا مۇسابىقىسى، ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى، ئوقۇغۇچىلار مودېل سۈنئىي ھەمراھ مۇسابىقىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ تېخنولوگىيە مۇسابىقىلىرىگە 750دىن ئارتۇق ئەترەت، 2000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، مۇسابىقىلاردا ياشلارنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولدى، تۈركىيەنى تېخنولوگىيە ئىشلەپچىقىرالايدىغان جەمئىيەتكە ئايلاندۇرۇش ۋە يەرلىك تېخنولوگىيە ئىستىراتېگىيەلىرى يولغا قويۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى فېستۋالغا ياشلار ئىجادىي ئەسەرلىرى بىلەن قاتناشتى. ياشلارنىڭ تېخنولوگىيەگە بولغان قىزىقىشى تېخنولوگىيە يارىتالايدىغان ياش ئەۋلادلارنىڭ قابىليىتىنى نامايەن قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

فېستىۋالدا ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە ئىشلەپىقىرىلغان يەرلىك مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ دائىردە تۈرك ئۇچقۇچىلار، پاراشوت ئەترىتى، 129 ئاتاك تىكئۇچار قوشۇنى، « ت ب 2»قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە تۈركىيەنىڭ تۇنجى كەسپىي سېركچى ئۇچقۇچىسى بىلەن قىزىنىڭ سېركچىلىك نومۇرلىرى، ئاسماندا ئەركىن ئۇچۇش ئېلىپ بارغان گورزىنتال شامال تۇنېل مۇنبىرى، ئىستانبۇل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرئارا مودېل ئايروپىلان مۇسابىقىلىرى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى. فېستىۋالدا يەنە ئىستانبۇل سىبەر خەۋپسىزلىك مۇسابىقىسى، خەلقئارا ئىجادكارلار يىغىنى، دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز سۈرئەتلىك 7 ماشىنا مۇسابىقىلەشكەن «مۇسابىقىلەرنىڭ مۇسابىقىسى»، تىكئۇچار ۋە سېركچىلىك ئويۇنلىرى، پاراشوتتىن سەكرەش مۇسابىقىلىرى، ھاۋا ئاپپاراتلىرى كۆرگەزمىسى، تەقلىدىي ئويۇنلار، تېخنولوگىيە ۋە تەلىم-تەربىيە كۇرسلىرىغا ئوخشاش مۇھىم پائالىيەتلەرمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى. فېستىۋالدا  زىيارەتچىلەر يەنە ھەربىي ۋە ئاممىۋى ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئەنقە، يەرلىك ھەربىي ئايروپىلان، « ت 624» ناملىق تىكئۇچارلار، گۆكتۈرك-2 سۈنئىي ھەمراھ، ھۈر ناملىق تىكئۇچار، يېڭى ئەۋلاد ھەربىي تەلىم-تەربىيە ھۈركۈش ئايروپىلانى ۋە ئاتاك ناملىق تىكئۇچارلار زور قىزىقىش پەيدا قىلدى. فېستىۋالدا يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىلەر تېخنولوگىيە ساھەسى بويىچە لېكسىيە بەردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە 22-سېنتەبىر شەنبە كۈنى فېستىۋالنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. فېستىۋال دائىرىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇسابىقىلەردە نەتىجە قازانغانلارغا مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بەرگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى. ئەردوغان سۆزىدە تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئۈستىدە توختالدى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: كۈنىمىز دۇنياسىدا ھەققىي مەنىدىكى مۇستەقىللىقنىڭ بىرىنچى شەرتى تېخنولوگىيەنى يارىتالايغان، ئىشلەپچىقىرالايدىغان ۋە ئېكسپورت قىلالايدىغان دۆلەتلەردۇر. ھەر يېڭىلىققا ئوخشاش تېخنولوگىيەدىكى تەرەققىياتلارنىڭ تۇنجى باسقۇچى  تەسەۋۋۇر قىلىشتۇر، <قىزىل ئالما>دەپ تەسۋىرلەنگەن ئۇپۇقىمىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى نىشانلىرىمىز داۋاملىق يېڭىلىپ تۇرىدۇ. قاچانكى تەسەۋۋۇر قىلىشنى تەرك قىلغان بولسا ئۇ ۋاقىتتىن باشلاپ چېكىنشكە باشلىدۇق. تەسەۋۋرىمىز ۋە خىياللىرىمىزنىڭ كەينىدىن ماڭغانلىقىمىز ئۈچۈن تۈركىيەگە بەزى تۆھپىلەرنى قوشالىدۇق، ھازىرقى زامان بىخەتەرلىك ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى زور دەرىجىدە ئۆزگەردى، ماددىي بىخەتەرلىكىمىزنى سىبەر بىخەتەرلىك، سىپىرلىق-رەقەملىك سانائىتى ۋە يەرلىك يۇمشاق دېتال پىروگراممىسى بىلەن سەپلىيەلمىسەك ئىشىمىز چاتاق. بىز يەرلىك تېخنولوگىيە ئىستىراتېگىيەسى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتلەرنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز، بىز ياشلىرىمىزنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. يېقىنقى كۈنلەردە بىز دۇچ كېلىۋاتقان ھەر ۋەقە-ھادىسە تېخنولوگىيە ۋە مۇداپىئە سانائىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ مۇستەقىل ھالدا تېخنولوگىيە يارىتىش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىۋاتىمىز، دېدى. ئەردوغان يەرلىك تېخنولوگىيە ئىستىراتېگىيەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر