ۋەجىھى ھۈركۇشتان ھۈركۇش (ھۆر قۇش)ئايروپىلانلىرىغىچە

تاركان زەنگىننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1058530
ۋەجىھى ھۈركۇشتان ھۈركۇش (ھۆر قۇش)ئايروپىلانلىرىغىچە

ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن  « ت 3» ۋەقپەسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى نەتىجىسىدە تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئاۋىئاتسىيەچىلىك، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالى 20-23-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلدى. «ت  3» ۋەقپەسى باشلىقى سەلچۇك بايراكتار فېستىۋالنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلىپ فېستىۋالنىڭ يەرلىك تېخنولوگىيە ئىستىراتېگىيەسى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. فېستىۋالدا ئۆتكۈزۈلگەن نومۇرلار، مۇسابىقىلەر، لېكسىيەلەر سەلچۇك بايراكتارنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييلەنلەشتۈرىدۇ.

تۆۋەندە تۈرك ھەربىي-سودا ئۇيۇشمىسى مائارىپ مۇدىرى تاركان زەنگىننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

فېستىۋالدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان «ھۈركۇش» ھاۋادا پەرۋاز قىلىپ زىيارەتچىلەرنى تاڭ قالدۇردى. ھۈركۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاسماندا پەرۋاز قىلىشىنى تاماشا قىلىۋاتقىنىمدا خىيالىمغا دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە مۇھىم رول ئوينىغان ۋەجىھى ھۈركۇشنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسى كەلدى. ياش چېغىدا زور ئۇتۇقلارنى قازانغان ۋەجىھى ھۈركۇش بىلەن ئوخشاش ھېس-تۇيغۇ ۋە ھاياجان ئىچىدىكى ھازىرقى ياشلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ھەقىقەتەن دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتىدۇر. ئەينى چاغدا ۋەجىھى ھۈركۇشنى دۆلەت يېتەرلىك دەرىجىدە قوللىمىغان بولسا، ھازىر ۋەجىھى ھۈركۇشقا ئوخشاش ئىجادچى ياشلارنى دۆلەت تولۇق قوللىماقتا. ۋەجىھى ھۈركۇش بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنىدى: «مەن كەزگەن دۆلەتلەردە ئاۋىئاتسىيەتچىلىك ساھەسى قانداق باشلىنىپ قانداق تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى مىللىي ئاڭ ۋە دۆلەتنىڭ قوللىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى ئۇتۇق قازىنىشنىڭ يېگانە چارىسىدۇر. مەنمۇ ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن بۇلارغا ئېھتىياجىم بار. قولىمىزدىن تارتىپ ئالغىلى بولمايدىغان بىردىنبىر ئەركىنلىك تاللاش ئىرادىمىزنىڭ بولۇشىدۇر. مەن ۋەجىھى ھۈركۇش دۆلىتىمىزنى كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ فامىلەمگە لايىق ئىش قىلدىم. مېنىڭ ئەركىنلىكىم مىللىي مۇستەقىللىققە ئېلىپ بارىدىغان يېگانە يولنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئىكەنلىكىگە بولغان چىن ئىشەنچىمگە ئۆمرۈمنى پىدا قىلىشتىن ئىبارەت. چۈنكى باشقىلارنىڭ قاناتلىرى بىلەن ئۇچماقچى بولغانلار قەتئىي <ھۈركۇش> (ھۆرقۇش)بولمايدۇ.»بۈگۈن تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە ئۆزىنىڭ قاناتلىرى بىلەن ئۇچۇش ئۈچۈن كېلەچەككە قاراپ ئىلگىرىلمەكتە.

ۋەجىھى ھۈركۇش 1886-يىلى دۇنياغا كېلىدۇ. ئەپسۇس ئۇ كىچىك ياشتىلا ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىئاتسىيەچىلىك تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق  ھېكايەنىڭمۇ قەھرىمانىدۇر. ئۇنىڭ ئاۋىئاتسىيەچلىك تارىخىدىن ئورۇن ئېلىشىدا ئۇ قولغا كەلتۈرگەن مۇنۇ ئۇتۇقلار مۇھىم رول ئوينايدۇ:   ئۇ  كاۋكاس ئالدىنى سېپىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسنادا 1917-يىلى دۈشمەننىڭ بىر ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن تۇنجى تۈرك ئۇچقۇچى ئىدى. ئۇ يەنى ئۆزىنىڭ نامى بېرىلگەن ئايروپىلانلار ئىشلەپچىقارغان تۈركىيەدىكى تۇنجى ئايروپىلان مۇتەخەسسىدۇر. تۈركىيەدىكى تۇنجى ئۇچۇش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى ئايال ئۇچقۇچى تەربىيلەپ چىققان ئۇستازدۇر. تۇنجى ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى ۋە تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولغان «ھۈركۇش»نىڭ قۇرغۇچىسىدۇر. ۋەجىھى ھۈركۇش 102 خىل ئۇرۇش ۋە نورمال ئايروپىلاننى ھەيدىگەن تۇنجى تۈرك ئۇچقۇچىدۇر. 1916-1967-يىللىرى ئىچىدە 30 مىڭ سائەت ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ رېكورت ياراتقان كىشىدۇر. تۈركىيە ئىستىقلال كۈرىشىگە خالىسانە قاتناشقان پىدائىي بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا گىرېتسىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈرۈۋېتىپ ئۇرۇشتا خىزمەەت كۆرسەتكەن ئەسكەر ئۇچقۇچىدۇر. ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن خىزمىتى سەۋەبىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى  (پارلامېنت) شەرەپ مېدالى تەقدىم قىلىدۇ.

ۋەجىھى ھۈركۇش 1925-يىلى تۇنجى ئايروپىلانىنى ياساپ چىقتى، ئۇ ئايروپىلانغا «ۋەجىھى ك 6»دېگەن نامنى بەردى. 29 ياشتىكى بۇ يىگىت ناھايىتى چەكلىك شارائىتلار ئاستىدا تۇنجى ئايروپىلانىمىزنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. لېكىن ۋەجىھى ھۈركۇشقا بۇ ئۇتۇقىغا مۇكاپات بېرىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن جازا بېرىلدى. رۇخسەتسىز ئۇچقانلىقى ئۈچۈن مائاشىنىڭ يېرىمى تۇتۇپ قىلىنغاندىن سىرت 10 كۈن نەزەر بەند ئاستىغا ئېلىندى. بۇ ئەھۋالغا 1925-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر يازمىسىدا «بىز ئەسكەر ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قاپتىمىزمىش ۋە بۇيرۇققا قارشى چىقىپتۇدەكمىشىمىز»دېيىش ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. 1954-يىلى قۇرۇپ چىققان تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولغان «ھۈركۇش»مۇ بىر قاتار دىشۋارچىلىققا يولۇقتى. ئۇ تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن ئايروپىلانلارنى مەخسۇس رېمونت قىلىدىغان ئەترەت قۇرۇپ چىققانىدى، ئەپسۇس ئۇ رېمونت قىلىپ چىققان بەزى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان، ھەتتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى.

ۋەجىھى ھۈركۇش كادىكۆيدە بىر   ياغاچ دۇكىنى ئىجرىگە ئېلىپ ئۈچ ئاي  ئىچىدە «ۋەجىھى XIV » ناملىق ئايروپىلاننى ياساپ چىقىدۇ. ئۇ بۇ ئايروپىلاننى 1930-يىلى سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. ئۇ ياساپ چىققان ئايروپىلانلارغا ئۇچۇش رۇخسىتى ئېلىش ئۈچۈن ئەينى چاغدىكى ئىقتىساد مىنىستىرلىقىغا مۇراجائات قىلىدۇ. مىنىسىرلىق «بۇ ئايروپىلانلارنىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقالايدىغان بىرسىنىڭ چىقماسلىقى تۈپەيلى رۇخسەت بېرىلمىدى»دېگەن جاۋابنى بېرىدۇ. بۇ جاۋاب ئەسلىدە يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشقا قايسى سەۋەبلەرنىڭ توسالغۇ بولغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرەتتى.

تۇنجى يەرلىك ئايروپىلان: ھۈركۇش

ھۈركۇش تۇساش (تۈرك ئاۋىئاتسىيەچلىك ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى)تەرىپىدىن لايىھەلەپ چىقىلغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ئايروپىلانىدۇر. يېڭى ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ئايروپىلانى (ھۈركۇش)لايىھەسى 2006-يىلى مارتتا مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى بىلەن « TAI » شىركىتى ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە باشلىدى. مەزكۇر لايىھە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇلايدىغان ۋە دۇنيا بازىرىغا كىرلەيدىغان تەلىم-تەربىيە ئايروپىلانىنى لايىھەلەپ چىقىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

2013-يىلى 26-سېنتەبىر ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە ھۈركۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەسسىلەپ ئىشلەپچىقىرىش قارار قىلىندى. 2013-يىلى 26-دېكابىردا ھۈركۇش-ب كېلىشىمى ئىمزالاندى. ھۈركۇش ئا (HÜRKUŞ A)، ئەسا (EASA) بىلەن « CS-23 » ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن سەپلەنگەن بولسا، ھۈركۇش ب (HÜRKUŞ B) بىر پۈتۈن ئاۋىيونىك سىسستېما بىلەن سەپلەندى. ھۈركۇش-س ( HÜRKUŞ-C)بولسا تەلىم-تەربىيە ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغاندىن سىرت، يىنىك دەرىجىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈش ۋە قوراللىق چارلاش ۋەزىپىلىرىنى تۆۋەن چىقىم ۋە يۇقىرى سەزگۈرلۈك بىلەن ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن لايىھەلەپ چىقىلدى.

بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا  سىناق قىلىنغان ھۈركۇشنىڭ بۇ يىل نويابىردا ھاۋا ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. تۇنجى ئايروپىلان ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىلىرى تەرىپىدىن ئىشىلىتىدۇ ۋە 3 ئايغىچە سىناق قىلىنىدۇ. بۇ جەرياندا تەلەپ ياكى مەسىلە كۆرۈلسە ئايروپىلان يەنە تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. 2019-يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە 15 ئايروپىلاننى ھاۋا ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش پىلانلاندى.

ئەسا ( EASA)دىن ئىجازەتنامە ئالالىغان تۇنجى تۈرك ئايروپىلانى

ئايروپىلانلار ھەققىدە تاي ( TAI)شىركىتى بەرگەن مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە: ئۇچۇش سىناقلىرىدىن سىرت ئىشلەپچىقىرىلغان 2 يۈرۈش ئايروپىلاندا ئايروپىلاننىڭ چىدامچانلىقى بىلەن ئۆمۈر ۋە زىيانغا بەرداشلىق بېرىش سىناقلىرىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. لايىھە دائىرىسىدە ئەسا (ياۋروپا ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيەچىلىك شىركىتى - EASA) ۋە ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيەچىلىك باش ئىدارىسى (SHGM)گە ئەۋەتىش مەقستىدە 545 ماتېرىيال تەييارلاندى. بۇ خىزمەتلەر نەتىجىسىدە 2016-يىلى 11-ئىيۇلدا ھۈركۇش يېڭى ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ئايروپىلانى ئۈچۈن « ت ت 32 ئايروپىلان ئىجازەتنامىسى»ئېلىندى. ئوخشاشلا « ياۋروپا ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيەچىلىك ئىجازەتنامىسى» بىلەن ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيەچىلىك باش ئىدارىسى ئىجازەتنامىسىمۇ ئېلىندى.

شۇنداق قىلىپ ھۈركۇش ياۋروپا ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيەچىلىك ئىدارىسىدىن ئىجازەتنامە ئالغان تۇنجى تۈرك ئايروپىلان بولدى. ھۈركۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياساپ چىقىلىشى دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئىشتۇر  لېكىن 1925-يىللارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە 29 يېشىدا نۇرغۇن توسالغۇنىڭ ئەكسىچە ئايروپىلان ياساپ چىققان ۋەجىھى ھۈركۇشنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ ئاسماندا پەرۋاز قىلىشىمۇ  ئوخشاشلا مۇھىمدۇر.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر