تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ياخشىلىنىش سىگناللىرى.

1058941
تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە – گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى يىرىكلىشىپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، يېقىندىن بۇيانقى مۇناسىۋەتلەردە ياخشىلىنىش سىگناللىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.   

تۈركىيەگە نىسبەتەن گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە، يېقىن تارىختا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە يىرىكلىشىپ كەتتى. بۇرۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىپ كەلگەن سۈركىلىشلەر، پات - پات تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقسىمۇ، يېقىنقى ئۈچ يىلدىكىگە ئوخشاش  ئۇزاق مەزگىللىك ۋە سىستېمىلىق سەۋىيەگە چۈشۈپ قالمىغانىدى.

«‹ Der Spiegel › ژۇرنىلى» نىڭ گېرمانىيە فېدېرال ئاخبارات تەشكىلاتى (BND) نىڭ 2009 – يىلدىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ تېلېفونلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يىرىكلىشىپ كەتكەنىدى.

گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ 2016 – يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدە ھاقارەتلىك شېئىر يازغان گېرمانىيەلىك كومېدىيە ئارتىسى جان بۆھسمېرماننى سوتلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، «ئەركىنلىك» نامى ئاستىدا ئۇنىڭغا ساھىب چىقىشى، ئوچۇق - ئاشكارا ھالدىكى بىر كىرىزىسنىڭ تۇنجى سىگنالى بولدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە ئاي ئىچىدە گېرمانىيە فېدېرال مەجلىسىدە ئاتالمىش ئەرمەنى قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش مەزمۇن قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى.

ئەنقەرەنىڭ تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن شۇ ھەپتىلەردە گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ «ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسى» نى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىشى، خەلقئارا تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بىر ئۆزگىرىش بولدى.

گەرچە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى فېدېرال مەجلىسنىڭ قارارىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن، كىرىزىس تېخىمۇ مۇرەككەپلەشكەن ھالدا داۋاملاشتى.

گېرمانىيە چۈشىنىكسىز بىر شەكىلدە تۈركىيەنىڭ پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىدە ئەنقەرەگە زىيان يەتكۈزىدىغان قەدەملەرنى تاشلىدى، مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى مەنسۇپلىرىنى باغرىغا بېسىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ۋە سوتلاش تەلەپلىرىنى رەت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىگە باشتىن تارتىپلا سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقان بېرلىننىڭ تۈركىيەگە قارشى پائالىيەتلىرىنى يوشۇرماسلىقىمۇ دىققەت قوزغايتى.

بۇ مەزگىلدە بېرلىن تۈركىيەدە يۈز بەرگەن 2016 – يىلقى 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلەشتە ئىنتايىن سەلبىي پوزىتسىيە تۇتتى. ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قاتناشقان كىشىلەرنى سەۋەبسىز ھالدا تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەي، باغرىغا باستى. بۇ ئەھۋال، «بېرلىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىگە قارشى پوزىتسىيەسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يامان نىيەتلىك  كۈرەشكە ئايلاندى» دېگەندەك قاراشنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

دەرۋەقە، ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن  كېيىنلا گېرمانىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ۋە گېرمانىيەدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى مەنسۇپلىرىنىڭ سانى 900 غا يېقىنلاشقان بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيەگە قايتۇرمىغانلىقى ھەممىگە ئايان، ئەلۋەتتە.

تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولغان تېررورچىنى ئەنقەرە قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇشىغا قارىماي، گېرمانىيە ئەدلىيە دائىرىلىرى سىياسىي يوللارنى تاللاپ، تۈركىيەنىڭ ئۆكتىچىلەرگە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ مەقسەتتە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى يامان نىيەت بىلەن ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

گېرمانىيەنىڭ 2016 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گېرمانىيەدىكى تۈركلەرگە تېلېكونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق خىتاب قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى سۈركىلىشنىڭ ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

گېرمانىيە دائىرىلىرى تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىدە كىشىلىك ھوقۇققا چەكلىمg قويۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. گەرچە گېرمانىيە ئەنە شۇنداق دەلىل – ئىسپاتسىز دەۋالارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئىرىقچىلىق، ئايرىمچىلىق قىلمىشلىرىغا قاىتا گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ تەدبىر قوللانماسلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق قىلمىشلارنى تەكشۈرمەسلىكىنىڭ يوشۇرۇلۇشى، نە گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا، نە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يېتەرلىك دەرىجىدە «ئانتىدېموكراتىك قىلمىشلار» تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىنمايۋاتىدۇ.

بولۇپمۇ تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ قەتل قىلىنىش قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋە يېقىندا ئاخىرلاشقان گېرمانىيەدىكى يېڭى ناتسىست تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىرقچىلىق داۋاسى بولسا، باشتىن – ئاخىر قانۇنغا خىلاپ قارارلارغا سەھنە بولدى. ئونلارچە تۈرك ئۆلتۈرۈلگەن جىنايەتلەر ۋە قەتلىئاملار گېرمانىيە دۆلىتى ئىچىدىكى يېڭى ناتسىست گۇرۇپپىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بىر باسقۇچتا، بىرقانچە تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇردىن باشقا ھېچكىمگە جازا بېرىلمىدى ۋە مەخپى تەشكىلات پاش قىلىنمىدى. شۇڭا بۇ ئەھۋال، «بېرلىن ھۆكۈمىتى مەزكۇر گۇماندارلارنى قوغداۋاتىدۇ» تەرىقىسىدىكى دەۋالارنىڭ راستلىقىنى كۈچلەندۈرمەكتە.

مانا مۇشۇنداق سۈركىلىشلىك سىياسەتكە خاتىمە بېرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئۆزگىرىش، ھەر ئىككى دۆلەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر بولدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ گېرمانىيە ۋە تۈركىيەگە قارىتا ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىكنى نىشان قىلىدىغان سەلبىي پوزىتسىيەسى ۋە بۇ دائىرىدە تاشلاۋاتقان قەدەملىرى، ئەنقەرە بىلەن بېرلىننىڭ يېقىنلىشىشىغا ۋەسىلە بولدى. بولۇپمۇ تۈركىيەدە باشلانغان  پېرېۋوت نىسبىتىدىكى داۋالغۇشلارنىڭ، ياۋروپا مىقياسىدىكى بانكىچىكىلىق ساھەسىگە زەنجىرسىمان تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلىشىغا سەۋەب بولدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر ھەر ئىككىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان، شۇنداقلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئىتتىپاقداشلىرى بولغان  تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئۈستىدە قايتا ئويلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، تېخىمۇ يېقىن بىر مۇھىت ئاستىدا يېقىنلىشىش زېمىنى يارىتىش ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

بۇنىڭ ئاخىرقى مىسالى بولسا، گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى ئولاف سىھولزنىڭ فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرى بىلەن يېقىندا تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتىدە كۆرۈلدى. ئۇچرىشىشلاردا، ئۆزئارا سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،  پېرېۋوت نىسبىتىدىكى داۋالغۇشلار جەريانىدا گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقىنى قوغداشقا قارىتا پوزىتسىيەسىنى يېڭىلىشى بولدى.

بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر ئۆزگىرىش بولسا، يېقىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ ساھىبخانىلىقىدا گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان «ئىدلىبنىڭ كېلەچىكى» گە مۇناسىۋەتلىك يىغىندا ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىدلىبقا قارىتا ئېلىپ بېرىلغۇسى بىر ھەربىي ھەرىكەت، ئوتتۇرىغا چىققۇسى كۆچمەنلىك دولقۇنى سەۋەبىدىن، گېرمانىيەنى تەشۋىشكە سېلىۋاتقان مۇھىم تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

تۈركىيە ياۋروپادىكى قەدىناس ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى بولغان گېرمانىيە بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە ئىنساني تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كۆپ يۆنىلىشلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتلەر كۆپلىگەن چېگرىداش دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قويۇقتۇر.

ئۆزئارا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر زىيارەتلىرىدىن سىرت يەنە، تېخنىكىلىق سەۋىيەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ ئەنئەنىۋى شەكىلدە سىستېمىلىق ھالدا داۋاملاشماقتا. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ زەنجىرسىمان ۋە كۆپ يۆنىلىشلىك بولۇشى، ھەم پۇرسەتلەرنى، ھەم بەزى سىناقلارنى بىرلىكتە ئېلىپ كەلمەكتە.

ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن دىيالوگ قاناللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك. يېقىنقى كۈنلەردە ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش قاراشلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى جانلاندۇرۇشى، تۈركىيە تەرىپىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق باسقۇچى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش سىگناللىرىنىڭ بېرىلىشىگە يول ئاچتى.

تاشقى سىياسەتتىكى بارغانسېرى زورىيىۋاتقان خىرىسلار، بېرلىننىڭ تۈركىيەگە قارىتا تېخىمۇ دىققەتلىك ھالدا سىياسەت يۈرگۈزىشىنى تەقەززا قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر