تۈركىيە مىليونلارچە سۈرىيەلىكنى قوغداپ قالدى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1058542
تۈركىيە مىليونلارچە سۈرىيەلىكنى قوغداپ قالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سوچىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئىككى رەھبەر ئىدلىبتە قوراللاردىن خالىي رايون بەرپا  قىلىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى، ئارقىدىنلا رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئىدلىبكە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىدلىب مەسىلىسىدە كېلىشىشى ئەسلىدە زور ئۇتۇق ھېسابلىناتتى، بۇ ئۇتۇقتا تۈركىيەنىڭ تۆھپىسى ھەققىقەتەن زور. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىدلىب مەسىلىسىگە باشتىن-ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئىدلىب مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، مەسىلەن تېھران ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئىدلىبتە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش مەسىلىسىدە چىڭ تۇردى. يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيە ئارمىيەسى ئىدلىبتە مۇداپىئە بازىلىرى قۇرۇپ چىقتى، تۈركىيەنىڭ ئىدلىبتىكى 12 كۆزىتىش نۇقتىسىغا نۇرغۇن ھەربىي ئاپتوموبىل، تانكا ۋە ئەسكەر يۆتكەلدى، تۈركىيەنىڭ ئىدلىب مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەگە رۇسىيە، ئىران، ئەسەد كۈچلىرى ۋە شىئە قوراللىق كۈچلىرى شاھىت بولدى. بىر تەرەپتىن ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەر، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىي ساھەدە تاشلانغان قەدەملەر نەتىجە پەيدا قىلدى.  سوچىدا چاقىرىلغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننى ئىدلىب مەسىلىسىدە قايىل قىدى. رۇسىيە ئىدلىب مەسىلىسىدە بۇرۇنقى قارارىدىن ئاز بولسىمۇ ۋاز كەچتى. رۇسىيە، ئىران ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبكە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاپ يۈرەتتى. بۇ ئۈچ تەرەپ ئىدلىب مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشنىڭ كويىدا ئىدى. رۇسىيە ۋە ئەسەد ئايروپىلانلىرى جىسر سۇگۇر ۋە شىمالىي ھاما رايونىنى بومباردىمان قىلىشى ۋە  ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئىران يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنىدى. لېكىن تۈركىيە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئىدلىبتە ئېغىر كىرىزىس پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى، تۈركىيەنىڭ بۇ تاكتىكىسى تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سۈرىيەنىڭ كېلەچىلىكى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ھېسابلىناتتى. ھەممىدىن مۇھىمى تۈركىيەنىڭ زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىدلىبلىك قوغدىلىپ قالغاندىن سىرت، مۇساپىرلار كىرىزىسنىڭ ئالدى ئېلىندى. ئىدلىب مەسىلىسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقى سەۋەبىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنى تەبرىكلەش كېرەك. شۇنداق قىلىپ خەلقئارانىڭ ئىدلىب ئەندىشىسىمۇ تۈگىگەن بولدى.  

سوچىدا ئىدلىب مەسىلىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە بەرپا قىلىنىدىغان قوراللاردىن خالىي رايوندىن ئاشقۇن ئۇنسۇرلار ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللىق تازىلىنىشى كېرەك، تۈركىيە بۇ ئىشتا ئاكتىپ خىزمەت ئىشلىشى لازىم، يەنى تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە زېممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپە ئېغىر. رۇسىيە ئىدلىبتىكى شىئە قوراللىق كۈچلەرنى قايىل قىلىشى لازىم، تۈركىيەمۇ ھەيەت تەھرىر ئۇش شامغا ئوخشاش كۈچلەرنى مۇۋاپىق شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئىدلىبتە قوراللاردىن خالىي رايون بەرپا قىلىش خىزمتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىرگە، بىرلىكتە رايوندا چارلاش ئېلىپ بارىدۇ. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئاستانا كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن قۇرۇلغان كۆزىتىش بازىلىرىنى ھەربىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، قوراللاردىن خالىي رايونلارنى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى نازارەت قىلىدۇ. بۇ رايونلاردىكى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلار ۋە بۇ كۈچلەرنىڭ نوپۇزى قوغدالغاندىن سىرت، ھەر ئىككى كۈچنىڭ قولىدىكى ئېغىر تىپلىق قوراللارمۇ رايوندىن تازىلىنىدۇ.  سوچىدىكى كېلىشىم دائىرىسىدە ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى بولغان « M4» ۋە « M5» تاشيوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى قوغدىلىپ سودىغا ئېچىلىدۇ. لازىقىيە ۋە دەمەشىقنى ھالەبكە تۇتاشتۇرىدىغان « M4» ۋە « M5» تاشيوللىرى سۈرىيە ئىقتىسادىغا نىسبەتەن مۇھىمدۇر.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىگىمۇ ئىجابىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. دەرۋەقە، پ ك ك- ي پ گ تېررورچىلىرى ئىدلىبكە قارىتىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردىن پايدىلىنىپ ئافرىنغا بېسىم ئىشلىتىشنىڭ كويىدا يۈرەتتى. بۇ قېتىمقى ئىدلىب كېلىشىمى تۈرتكىسىدە تېررورچىلارنىڭ رەزىل پىلانى سۇغا چىلاشتى. قىسقىسى تۈركىيە سوچىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلار تۈرتكىسىدە  بۇنىڭدىن كېيىن پ ك ك –ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك زەربە بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر