ياپونىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە ما يۈننىڭ «سودا جېڭى» توغرىسىدا ئېيتقان سۆزى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ياپونىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئالىبابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈننىڭ سودا جېڭى توغرىسىدا دېگەن سۆزى ھەققىدىكى ئانالىزى

1053581
ياپونىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە ما يۈننىڭ «سودا جېڭى» توغرىسىدا ئېيتقان سۆزى

ياپونىيە ھاۋا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيەگە تەۋە « su-27»تىپلىق كۆپ فۇنكسىيەلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە «su-24» تىپلىق بومباردىمان ئايروپىلان بىلەن ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىغان لېكىن رۇسىيەگە تەۋە بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان بىر ئايروپىلان بولۇپ جەمئىي 3 ئۇرۇش ئايروپىلاننىڭ رۇخسەتسىز ھالدا ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى.

باياناتتا بۇ ئەھۋالغا قارىتا ياپونىيەنىڭمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ياپونىيەنىڭ رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانچە يۈرۈش ئايروپىلان سەپەرۋەر قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن باياناتتا، رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھونسو ئارىلىنىڭ غەربىي رايونىدا ئۇچقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە رۇخسەتسىز كىرىشىنى بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن قانداق چۈشىنىمىز؟ ئاق دېڭىزدا ھەربىي جەھەتتە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان رۇسىيە نېمە ئۈچۈن ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىدۇ؟

خىتاي بويىچە ھەتتا دۇنيا بويىچە ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدە نوپۇزلۇق شىركەتلەردىن بولغان ئالىبابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ 20 يىل داۋاملىشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ما يۈن خاڭجۇدا چاقىرىلغان كارخانچىلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ۋە كىرىزىسنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ ئافرىقا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چاغداش دۇنيانىڭ «يىپەك يولى» ۋە ئېكسپورتقا مەركەزلىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى تۈپەيلى، ئالىبابا گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكىدا «1 مىليون كىشىگە ئىش پۇرسىتى يارىتىش»توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىيالمايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

ما يۈننىڭ خەلقئارا سودا بولۇپمۇ ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدىكى نوپۇزىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا ئۇنىڭ سودا ئۇرۇش توغرۇلۇق دېگەن سۆزى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر