ئىراقتا نوپۇز تالىشىش كۈرىشى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1049668
ئىراقتا نوپۇز تالىشىش كۈرىشى

ئىراقتا سايلام ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە 4 ئاي بولغان بولسىمۇ ھۆكۈمەت قۇرۇلمىدى. ئىراقتا سىياسىي پارتىيەلەر بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. سايلامدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن مۇقتەدا ئەس سادرىنىڭ باشچىلىقىدىكى سايرۇم ھەرىكىتى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن زور قەدەملەرنى تاشلىدى. سادر ھەرىكىتى رەھبىرى مۇقتەدا ئەس سادر رەھبەرلىگىدىكى سايرۇم، ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئىبادى يېتەكچىلىگىدىكى ناسر، ئاممار ھەكىم باشچىلىقىدىكى ھىكمەت، ئىياد ئاللاۋى باشچىلىق  قىلغان ۋاتانىيە قاتارلىق پارتىيەلەر بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقانلىقلىرىنى جاكارلاشتى. بۇنىڭدىن سىرت بەزى سۈننىي پارتىيەلەر ۋە كۈرت يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتىمۇ بۇ ئىتتىپاققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. لېكىن يېڭى ھۆكۈمەت كابېنتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 2-قېتىم كېڭەش چاقىرغان ئىراق پارلامېنتى، يېتەرلىك پارلامېنت ئەزاسىغا يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن كېڭەشنى 15-سېنتەبىرگە كېچىتۈردى. ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە قانۇن دۆلىتى بىرلەشمىسى رەھبىرى نۇرى ئەل مالىكى ۋە فەتىھ بىرلەشمىسى رەھبىرى ھادى ئامىرىمۇ ئىتتىپاقلاشقانلىقلىرىنى جاكارلىدى. ئىراق ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ چوڭ ئىتتىپاق گەۋدىسى ھۆكۈمەتنى  قۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا سادرنىڭ باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاق گەۋدىسىنىڭ ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىمالى ئەڭ يۇقىرى.

ئىراق ئاساسىي قانۇنىغا كۆرە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پارلامېنتتا چاقىرىلىدىغان تۇنجى كېڭەشتە سۈننىيلەردىن پارلامېنت باشلىقى سايلىنىشى كېرەك ئىدى. پارلامېنت باشلىقلىقى ئۈچۈن ئەنبار ۋالىيسى مۇھەممەد ئەل ھالبۇسى، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ئۇسامە ئەن نۇجەيفى، مۇھەممەد تامىم، رەشىد ئەل ئازاۋى، ئەھمەد جەبۇرى ۋە تالال ئەز-زۇبەي قاتارلىق شەخسلەر نامزات بولۇشى مۇمكىن. ئىراقتىكى كۈردىستان دېموكراتىك پارتىيەسى بىلەن كۈردىستان يۇرتپەرۋەرلەر بىرلىكى پارتىيەسى بىتەرەپ بولۇشنى تاللاپ، پارلامېنت كېڭىشىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق پارلامېنت زالىنى تاشلاپ چىقتى.

ئىراقتىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇساپىسى نۇرغۇن ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. ئىراقتىكى نۇرغۇن قاتلام، گۇرۇھ ۋە ئېقىمنىڭ سىياسىي، مەزھەب ۋە ئېتنىك جەھەتلەردە پەرقلىق ئىكەنلىكى مەلۇم. شۇنداقلا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىران ئارىسىدىكى رىقابەتمۇ ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزمەكتە. ئىران تەرىپىدىن قوللاپ كېلىنىۋاتقان ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى نۇرى ئەل مالىكى ۋە ھاشدى شابى كۈچلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان فەتىھ ئىتتىپاقى ئىراق سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. ھاشدى شابىنىڭ قوراللىق كۈچكە ئىگە بولۇشىمۇ ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان سىياسىي كۈچكە ھەربىي كۈچ قوشماقتا. ئىران لىۋاندىكى ھىزبۇللاھقا ئوخشاش بىر كۈچ بىلەن ئىراقتىكى نوپۇز دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ئىراقتا ئىراننىڭ نوپۇزىنى چەكلەشكە كۈچىمەكتە. ئامېرىكانىڭ دائېشقا زەربە بېرىش قىسىملىرى ئالاھىدە ۋەكىلى بىرېت ماكگۇركنىڭ ئىراقتىكى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە سىياسەتچىلەر ئارىسىدىكى تەسىرى خېلىلا كۈچلۈك. بىرېت مايگۇركنىڭ كۈردىستان دېموكراتىك پارتىيەسى ۋە كۈردىستان يۇرتپەرۋەرلەر بىرلىكى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇزاكىرىلىرى نەتىجىسىدە، بۇ ئىككى پارتىيەنىڭ ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان ئىتتىپاق گەۋدىسىگە قوشۇلماسلىقنى قارار قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئامېرىكا قوشما ئىشاتلىرى يەنە ئىراقتىكى سادر ھەرىكىتى رەھبىرى مۇقتەدا ئەس سادر رەھبەرلىگىدىكى سايرۇن، ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئىبادى باشچىلىقىدىكى ناسر، ئاممار ھەكىم يېتەكچىلىگىدىكى ھىكمەت ۋە ئىياد ئاللاۋى رەھبەرلىگىدىكى ۋاتانىيە قاتارلىق پارتىيەلەردىن تەشكىل تاپقان ئىتتىپاق گەۋدىسىنى قوللىماقتا. بىراق ئەس سادرنىڭ ئامېرىكا توغرۇلۇق بەرگەن سەلبىي باياناتلىرى، دېمەككى بۇ مۇناسىۋەتنىڭ دېگەندەك ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىراقتىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ مۇھىم قىلغان يەنە بىر ئامىل بولسا تۈركىيەنىڭ تېررورىزىمغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدۇر. ئىراقتىكى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەكسىچە، شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا توختاۋسىز ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسى، پ ك ك نىڭ بازىلىرىنى بىر-بىرلەپ ۋەيران قىلماقتا. بۇنىڭدىن سىرت، سىنجار رايونىدىكى پ ك ك لارغىمۇ ئېغىر زەربە بەرمەكتە. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش قوماندانى تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئورتاق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە يەرلىك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈلدى.

ئىراقتىكى  ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمەتلىرى تۈركىيەنىڭ تېررورىزىمغا زەربە بېرىش خىزمەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىراق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان تەقدىردە تۈركىيەنىڭ ئىراق بىلەن دىپلوماتىك مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە پ ك ك تېررولۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ دائىرىسىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئىراق مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ پ ك ك نىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرى ۋە سىنجاردىكى نوپۇزىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بېسىم قىلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.


خەتكۈچ: #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر