تۈركىيە-ئامېرىكا ئارىسىدىكى سۈركىلىش

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1035454
تۈركىيە-ئامېرىكا ئارىسىدىكى سۈركىلىش

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا كېلىپ چىققان سۈركىلىشلەرنىڭ ھەم قۇرۇلمىلىق ھەمدە سىياسىي سەۋەبلىرى بار. قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا 1952-يىلى تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى  تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولغاندىن بۇيان تۈركىيەگە داۋاملىق بېسىم  قىلىپ كەلدى، تۈركىيە بۇ مۇناسىۋەت ھالقىسىدا ئاكتىپ ئەمەس پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈلدى. لېكىن تۈركىيەدە بولۇپمۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن مۇستەقىل تاشقى سىياسەت قويۇلۇشقا باشلىدى ۋە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى، بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكا قەتئىي قوبۇل قىلالمىدى.

سىياسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتى كاتتابېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماسلىقى ۋە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا ئەركىن ئازادە ياشىشى قاتارلىقلار تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى پ ي گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يانتاياق بولۇپ بۇ تەشكىلاتنى قوراللاندۇرۇشى ۋە  تېررورچىلارغا ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىشىنى تۈركىيەنىڭ قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. دەرۋەقە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ  ك ك نىڭ تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا كۈچلۈك ھالەتكە كېلىپ نوپۇز دائىرىسىنى كېڭەيتىشى تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. نۆۋەتتە يەنە « F-35 »تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلار بىلەن ئامېرىكىلىق پوپ بىرونسون ھادىسىلىرىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن قىزىق نۇقتىلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا ئالىي پالاتا ئەزالىرى يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەدە پوپ بىرىنسوننىڭ قامىلىشى ۋە تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن « S-400 » تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ئىزچىل قارشى چىقىپ كەلدى. دەرۋەقە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكىلىق پوپ بىرونسوننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى. بۇنىڭدىن سىرت دونالد ترامپ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا پوپ بىرۇنسوننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپمۇ ئۇچۇر يازغانىدى. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پوپ بىرۇنسون 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا.  مۇئاۋىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى مايك پېنس ئامېرىكىدىكى دىنى تەرىقەت ئېۋانجېلىستلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ، تۈركىيەدىن 2 يىلدىن بۇيان ئۈستىدە قانۇنىي تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پوپ بىرۇنسوننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، مايل پېنس پوپ بىرۇنسون قويۇپ بېرىلمىگەن تەقدىردە تۈركىيەگە ئېمبارگو قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىنلا پىرېزىدېنت مايك پېنسنى قوللاپ بايانات بېرىپ تۈركىيەگە ئېمبارگو قويۇش بىلەن تەھدىت سالدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە تەھدىت سېلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، تۈركىيەدىكى قانۇن خىزمەتلىرىنىڭ سىياسەتتىن تامامەن خالىي ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىنىڭ قانۇننىڭ روھىغا تامامەن زىت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بايانات بەردى.

ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىرىغا ئېمبارگو قويۇلىدىغانلىقىنى قارار قىلىشتىن سىرت، تۈركىيەگە كىرىدېت بېرىلىشىگە چەكلىمە قويدى. ئەمەلىيەتتە بۇ تۈركىيەگە ئىقتىسادىي ئۇرۇش قوزغىغانلىق بولاتتى، ئىقتىسادىي ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا بولدى. تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتى دوللارغا سېلىشتۇرغاندا چۈشۈپ كەتتى، بۇ ۋەزىيەت ئالدىدا تۈركىيە مەركەز بانكىسى دەرھال چارە قوللىنىپ تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قالدى. 7 لىراغا ئۆرلەپ كەتكەن بىر دوللار ئىككى كۈندىن كېيىن 6 لىردىنمۇ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى.

تۈركىيە ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەراك ئالبايراك تۈركىيەنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي پىلانىنى ئېلان قىلدى. دەل بۇ ئەسنادا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئالىيۇمىن قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ترامپنىڭ بۇ باياناتى نەتىجىسدە تۈرك لىراسى نىسبەتەن قىممىتىنى يوقىتىپ قويدى، لېكىن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئەسلىگە كەلدى. ترامپ ھەم تۈركىيەگە ئېمبارگو قويدى ھەمدە خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئۇرۇشقا كىردى، بۇ مۇھىم ۋەقەلەر بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىۋاتاتتى. ترامپ تۈركىيەگە ئېمبارگو قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە ۋە رۇسىيەدىن مىللىي پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىپ پولات-تۆمۈر ۋە ئالىيۇمىن ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا تۈركىيەگە قارشى ئىقتىسادىي ئۇرۇش قوزغاندىن كېيىنلا، ئىران بىلەن رۇسىيە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. تۈركىيە ئىقتىسادىي نۇقتىسىدىن مۇھىم بازار ھېسابلىنىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىغا قارشى تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى، بۇ ئەھۋال تۈركىيەگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بولۇپمۇ گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلاپ كېتىشىنى ۋە كىرىزىسقا پېتىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ناۋادا تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كىرىزىسقا كىرىپ قالسا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ. دەرۋەقە تۈرك لىراسىنىڭ دوللارغا نسىبەتەن قىممىتىنىڭ نىسبەتەن ئاجىزلاپ قېلىشى ياۋروپا پايچىك بازارلىرىغا دەرھال تەسىر كۆرسەتتى. تۈركىيەدىكى بانكىلارغا زور مىقداردا قەرز پۇل بېرىپ تۇرغان ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە بانكىلىرى، تۈركىيە ئىقتىسادىدا يۈز بەرگەن ۋاقىتلىق داۋالغۇشلاردىن ئەنسىرمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر