تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1011247
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر

تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا مۇداپىئە سانائىتىدە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلدى. نۇرغۇن قورال سىستېمىسى ۋە ھەربىي ئەسلىھە ئىشەپچىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولغان تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى،  بىر تەرەپتىن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ چەت ئەلگە بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتماقتا يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ئىقتىسادىغا ۋە تۈركىيە تاشقى سىياسىتىگە مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشماقتا. تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە خېلى بۇرۇنلا خىزمەت ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 2002-يىلى ھۆكۈمەت قۇرغاندىن كېيىن، بۇ ساھە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. يىللار ئىچىدە لايىھەلەپ چىقىلغان قورال سىستېمىلىرى تۈرتكىسىدە تۈركىيە ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى.

تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدە تاشلىغان قەدەملىرى تۈرتكىسىدە قۇرۇقلۇق ھەربىي ئاپتوموبىللىرى، دېڭىز ھەربىي ئەسلىھەلىرى، ئاۋىئاتسىيە ماشىنىلىرى، جەڭ ۋە ئېلېكترونلۇق سىستېمىلار، قورال سىستېمىلىرى، رادارلار ياساپ چىقتى. كىرپى،  ب م ج ئەفە، كايا، پارس، ئەجدەر، ئەجدەر يالچىن، كوبرا ۋە ئۇرال دېگەن ھەربىي ئاپتوموبىللار ئىشلەپچىقارغان تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى، ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بىر قىسمىنى تۈركىيە ئارمىيەسىگە يەنە بىر قىسمىنى چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلماقتا. تېررورىزىمغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۆزىنى ئىسپاتلىغان تۈرك ھەربىي ئاپتوموبىللىرى دۆلەتلەرنىڭ بەكرەك قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. تۈرك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ناتو ئۆلچىمىدىنمۇ يۇقىرى بولۇشى، ئىشلەپچىقىرىش چىقىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە چەت ئەل ئېكسپورتىنىڭ سىياسىي تەلەپلەرگە باغلىق بولماسلىقى قاتارلىقلار تۈرك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئاردا بازار تېپىشىغا سەۋەب بولدى. تۈركىيە قۇرۇقلۇق ھەربىي ئاپتومبىللىرىدىن سىرت ھاۋا ۋە دېڭىز ھەربىي ئۈسكۈنلىرىنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياساپ چىقتى.

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ياساپ چىققان مىلگەم دېڭىز ھەربىي ماشىنىلىرى ۋە ئاتاك ناملىق تىك ئۇچار باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەرگە قارىغاندا ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىندى. پاكىستان تۈركىيەدىن 1 مىليارد 500 مىليون دوللار قىممىتىدە ئاتاك ناملىق تىك ئۇچار ئىمپورت قىلدى، بۇ ھەم تۈركىيە-پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ھەمدە تۈركىيە ئىقتىسادىغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىسى بولدى. پاكىستان ئاتاك ناملىق تىك ئۇچار سېتىۋېلىش توختامنامە ئىمزالىغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىن يەنە 4 مىلگەم ناملىق پاراخوت سېتىۋېلىش ئۈچۈن توختامنامە ئىمزالىدى، بۇ ئەھۋال تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مۇداپىئە سانائىتى ئېسكپورتى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە ھاۋا ھەربىي ئەسلىھەلىرى ياساپ زور نەتىجە ياراتتى، مەسىلەن قوراللىق ۋە قورالسىز بايراكتار ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساپ چىقىلدى. قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن «دىمدېكس 2018»يەرمەنكىسىدە قاتارغا  6 يۈرۈش بايراكتار ت ب 2 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىش ئۈچۈن توختامنامە تۈزۈلدى. يەرمەنكىدە يەنە  « ب م ج، ئامازون، كىرپى، ئەجدەر يالچىن، ئاكىد »ناملىق ھەربىي تەلىم-تەربىي پاراخوتى، «ئارەس» ۋە «يونجا ئونۇك م ر ت پ- 24» ناملىق ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ئېكسپورت قىلىنىپ، جەمئىي 700 مىليون لىرالىق توختامنامە تۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ئۇكرئىناغا «بايراكتار»ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەندىن سىرت، ئىككى دۆلەت ئورتاق زاۋۇت قۇرۇش توغرىسىدىمۇ كېلىشتى.

تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە قانچىلىك نەتىجە ياراتقانلىقىنى بۇ قېتىمقى فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە تولۇق كۆرۈۋالالايمىز. تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكلاتى پ ك ك – پ ي د غا زەربە بەرگەندە يەرلىك ھەربىي ئەسلىھەلەر ئىشلىتىلدى ۋە بۇ ئەسىلىھەلەرنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولدى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي، ھەر ئىككى قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرسى تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە بارلىققا كەلگەن تەرەققىياتلاردۇر. 

فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە مۇداپىئە سانائىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ھەربىي ئېھتىياجنىڭ تولۇق قامدىدى، بۇ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدە پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھالەتكە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىككى قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە ئىشلىتىلگەن ھەربىي ئەسلىھەلەر ئىچىدە 6سىنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولغان بولۇپ بۇلار تۆۋەندىكىچە: مىللىي پىيادە مىلتىقى، بوران-چاپقۇن ناملىق ئېغىر تىپلىق قوراللار، بايراكتار ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئاتاك تىك ئۇچار، ئەجدەر يالچىن ۋە كىرپى قاتارلىقلار.

تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يەرلىك پىيادە مىلىتىق ئىشلىتىشى، سۈرىيەدىكى تېررورچىلارنىڭ نۇقتىلىرىنىڭ قوراللىق ۋە قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن بىتچىت قىلىنىشى، بوران-چاپقۇن ناملىق ئېغىر تىپلىق قوراللار ئارقىلىق سۈرىيەدىكى تېررورچىلارنىڭ نۇقتىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، ئاتاك ناملىق تىك ئۇچارلارنىڭ ئافرىنغا ئوخشاش تاغلىق رايونلاردا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشتە ئىشلىتىلىشى، ئەجدەر يالچىن ۋە كىرپى ناملىق ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ تۈرك ئەسكەرلەرنى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى  تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىناق قىلىنىشى ئىدى. تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ئىشلەپچىقارغان قورال سىستېمىلىرىنىڭ ھەققىي ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشلىتىلىشى ئەمەلىيەتتە خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتىدە ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر