ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ۋە تۈركىيە.

1009626
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىددىي كېمەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رايون خاراكتېرلىك كۈچكە ئايلىنىشنى نىشان قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشمۇ توختاۋسىز داۋاملاشماقتا.  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رايونلۇق كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ۋە تۈركىيە – ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۈكۈت ئىچىدە ۋە پىلانلىق ھالدا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويماقتا. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىاساسلىق نىشانى ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە شەرقىي ئافرىقىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان رايونلۇق كۈچكە ئايلىنىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، رايوندىكى ھەر بىر  كۈرەشكە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا داخىل بولماقتا.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇنيا بويىچە نېفىت زاپىسىغا ئەڭ باي 6 – دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى شەرقتە ئۇممان بىلەن، جەنۇبتا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن، غەربىتە ئىران دېڭىزى بىلەن چېگرىداش.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇ زەبى، دۇبەي، شارىقە، فۇجەيرە، رەئسۇل خەيمە، ئۇممۇل قەيۋەين ۋە ئەجمان قاتارلىق 7 ئەمىرلىكنىڭ بىرلىشىشى بىلەن 1971 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تېرروتېرىيەسىنىڭ ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەخمىنەن % 90 تى ئەبۇ زەبى ئەرمىرلىكىدە. ئىككىنچى چوڭ ئەمىرلىكى بولسا دۇبەيدۇر.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مۇداخىلىلەرنىڭ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ، ئىچكى ئۇرۇشلارنىڭ باش ئاكتىيورىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇللىرىنى، ئېنېرگىيەسىنى، لوبىچىلىق كۈچىنى ھەمىشە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قۇتۇبلىشىش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىدىن مەقسەت ئىقتىساد بولۇپ، دۇنيا نېفىت زاپاسلىرىنىڭ % 10 تىگە ئىگە ۋە نېفىت ئېكسپورت قىلىشتا دۇنيا بويىچە 7 – ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۈچۈن پارىس قولتۇقىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى سىرتقا يۆتكەشكە بىخەتەرلىك ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئوتتۇرا شەرق سودىسىدا ۋە پۇل – مۇئامىلە ساھەسىدە دۇبەي مۇھىم مەركەز ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن، ئاسىيا – ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز سودا يوللىرى ۋە ئېنېرگىيە ئۆتۈش ئېغىزلىرىنى كونتىرول قىلىش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ باشقا نىشانلىرى بولسا سىياسىي خاراكتېرلىك بولۇپ، بۇلاردىن بىرى ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىچكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن قاھىرە، دەمەشق، باغداد قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى ئۆز ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بوشلۇقنى تولدۇرۇش ۋە نوپۇز ساھەسى كېڭەيگەن تۈركىيە ۋە ئىرانغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىككىنچى سىياسەت نىشانى بولسا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ تاقابىل تۇرۇش ۋە كۈچى يەتكەن تەقدىردە ئۆزگىرىش باسقۇچىنى كەينىگە سۈرۈش.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان سۈركىلىش يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مىسىردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنگە قەدەر  تۈركىيە ئۈچۈن ياخشى سودا شېرىك ۋە سىياسىي ھەمراھ دەپ قارىلىۋاتاتتى. بىراق مىسىردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەھۋال ئۆزگىرىشكە باشلىدى.

2013 – يىلى مىسىردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە؛ تۈركىيە بىلەن قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سەئۇدى ئەرەبىستان لاگېرى ئوخشىمىغان كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىنى تاللىدى.

تۈركىيە بىلەن قاتار دىپلوماتىك سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان مۇھەممەد مۇرسىنى قوللىدى، باشقا لاگېر بولسا سىسىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللىدى.

تۈركىيە بىلەن قاتار مىسىردا سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ھۆكۈمەتنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى مۇداپىئە قىلىشقا تىرىشتى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولسا سىسىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەردى، چۈنكى سىسى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ، سىياسىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق مىسىرنىڭ سىياسىي ھاياتىغا داخىل بولدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن پارىس قولتۇقىدىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ قوللىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيەنى ئۆزىنىڭ رايوننى شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىغا توسالغۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا، بالقان رايونىدىن سومالىغا قەدەر كۆپلىگەن رايونلاردا تۈركىيە بىلەن رىقابەت ھالىتىدە تۇرماقتا، سومالىدا ئىقتىسادىي كۈچىنى تۈركىيەگە ئوخشاش سومالىنىڭ گللىنىشى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە تۈركىيەگە قارشى سىياسىي مۇنبەرلەرنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى گەزى ۋەقەلىرىدىن 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغىچە تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان گۇرۇپپىلارنى قوللىدى. يېقىن زاماندا خەلقئارا تاراتقۇلاردا، تۈركىيەدىكى 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار خەۋەرلەر تارقالدى. بۇ مەسىلە پات - پات تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.

پارىس قولتۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا ھەم شىئە نوپۇسى ھەم يادرو بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىران مەسىلىسى بار.

قاتار كىرىزىسى بولسا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىدىكى يەنە بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. قاتار نۆۋەتتە ئىران ۋە تۈركىيە بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئىچىدە تۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتار مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى قوللىماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەم سەئۇدى ئەرەبىستاننى ھەم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئەندىشىگە سالماقتا، ھەمدە قاتتىق تىت – تىت قىلماقتا.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بۇ ھەقتە تۈركىيە بىلەن قاتار بىرلىكتە ھەرىكە تقىلىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا، تۈركىيەنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە مۇداخىلە قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ، دەپ گۇمان قىلماقتا.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈركىيەگە قارشى دۈشمەنلىكىنى تۈركىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ياخشى ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھەم ئىراندىن ھەم ئىران بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىۋاتقانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك قىلماقتا. شۇڭا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە «دۈشمىنىڭنىڭ دوستى دۈشمىنىمدۇر» دولقىنى قوزغالماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قاتارنىڭ تۈركىيەگە ئۆز تېېرروتېرىيەسىدە ھەربىي بازا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشىمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالماقتا. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ قاچانغىچە مۇشۇنداق داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋاقىت ھەم ئۆزگىرىشلەر بەلگىلەيدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇنداق نورمالسىزلىقىغا خاتىمە بېرىلمەي تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تىنچلىق ئورنىتىش قىيىن. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئاكتىيورلار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇنداق نورمالسىزلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. شۇڭا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەسىلىسىنى ئىلمىي ۋە مەسئۇلىيەتچان ئاساستا ھەل قىلىش كېرەك.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا خەلقلەرنىڭ ئېھتىياجلىرى ھەم زاماننىڭ زۆرۈررىيەتلىرىنى نەزەرگە ئالىدىغان بىر يەرلىك سىياسەتنى يولغا قويۇشنىڭ ئورنىغا، سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان ئەقىللەر ۋە ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كونا تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ ئەسلا يوق. چۈنكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سىياسىتى ۋەيرانچىلىقنىلا ئېلىپ كېلىدۇ، خالاس. شۇڭا، بۇ سىياسەت ئارقىلىق رايوننى ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ھەم رايوندا مۇقىملىق ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەقىقىي بىر ئىستىراتېگىيەسى يوقتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر