ئەردوغاننىڭ غەلىبىسى ۋە تۈركىيە تاشقى سىياسىتى

جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1001737
ئەردوغاننىڭ غەلىبىسى ۋە تۈركىيە تاشقى سىياسىتى

تۈركىيەدە 24-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى ھەم جۇمھۇر رەئىسلىك ھەمدە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن يېقىندىن كۆزىتىلگەن سايلامنىڭ ئاخىرىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان %52.6 ئاۋازغا ئېرىشىپ يېڭى ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ تۇنجى جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلانغان بولسا، ئادلەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇر ئىتتىپاقى بىرلەشمىسى پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورۇندۇققا ئېرىشتى. تۈركىيە بۇ قېتىمقى سايلام بىلەن رەسمىي ھالدا يېڭى ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە ئۆتكەن بولدى. سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى بولسا %87 ئەتراپىدا بولدى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇ قېتىمقى سايلامنى يېقىندىن كۆزەتتى. بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەردوغاننىڭ قايتىدىن ئۇتۇپ چىقىشى ۋە ئىككى پارتىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇر ئىتتىپاقى بىرلەشمەسىنىڭ غەلىبە قىلىشى تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى سىياسىتى بىلەن تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش سىياسىتىنى داۋملاشتۇرۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە تاشقى سىياسەتتە دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئاكتىپ ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. بىر تەرەپتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو ئىتتىپاقداشلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە، ئىران بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان تۈركىيە، ئوتتۇرا شەرق، ئاسىيا، بالقان رايونى ۋە ئافرىقىدا ئاكتىپ تاشقى سىياسەت يولغا قويماقتا. تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئامىللار ئىچىدە ياردەم پائالىيەتلىرى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مۇھىم سالماقنى ئىگلەيدۇ. دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتە  13-ئورۇندا تۇرىدىغان تۈركىيە، ئىنسانىي ياردەم پائالىيەتلىرىدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركىيەدىن قالسا ئامېرىكا كېلىدۇ. تۈركىيەنىڭ ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى تۈركىيەنىڭ ئىنسانغا نە قەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى رولىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. تۈركىيەنىڭ پاكىستانغان ئاتاك ناملىق تىكئۇچار سېتىپ بېرىشى، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ھەربىي ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىشى، شۇنداقلا قوراللىق ۋە قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى يات ئەللەرگە ساتالىشى قاتارلىقلار تۈركىيەنىڭ تېخنولوگىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

24-ئىيۇن سايلام نەتىجىلىرى تۈركىيەنىڭ ياردەم پائالىيەتلىرىنى، دۆلەت مۇداپىئە سانائەت خىزمەتلىرىنى ۋە تاشقى سىياسىتىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەردى. تۈرك خەلقى بۇ قېتىمقى سايلام ئارقىلىق سومالىغا قىلىنىۋاتقان ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ داۋملىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولدى.

تۈركىيەدىكى سايلام نەتىجىلىرى يەنە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىشى نەتىجىسىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈركىيە چېگراسىدىن تازىلاندى، ئوخشاشلا زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئافرىن رايونىمۇ پ ك ك – ي  پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلاندى. ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان ۋە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىن تۈركىيە تۇتىشىدىغان لىنىيەسىنى كېسىپ تاشلاپ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بازىسى بولغان قەندىل رايونىنى تېررورچىلاردىن تازىلاشنى مەقسەت قىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەت سايلامدىن كېيىنمۇ داۋملىشىدۇ. تۈركىيەنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيەسى دائىرىسىدە تېررورىزىمغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى تۈركىيە چېگراسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ھازىرغىچە تۈركىيە يېڭىچە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش ئىدىيەسى تۈرتكىسىدە 3 قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، تۈركىيە ئىچىدىكى تېررورچىلارنى خېلىلا ھالسىراتتى. بۇ نۆۋەت تېررورىزىمنىڭ مەنبەسىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇپ تاشلاشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا بېكىتىپ چىققان يېڭى يول خەرىتىسى دائىرىسىدە ي پ گ تېررورلۇق تەشكلاتى مۇنبىچ رايونىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ ۋە ناتو ئىتتىپاقدېشى بولغان تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مۇنبىچ رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ يەرلىك خەلقنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. 24-ئىيۇندىكى سايلامدىن ئىلگىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان يول خەرىتىسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلامنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا ئۇتۇپ چىقىپ يېڭى ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى بولۇشى نەتىجىسىدە ئىزچىل ئىجرا قىلىنىدۇ. ئوخشاشلا سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر ۋە سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش ئۈچۈن باشلىغان ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ سايلامدىن كېيىنمۇ داۋملىشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش تەس ئەمەس. دەرۋەقە، تۈركىيەدە سايلامدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم ھالدا داۋاملىشىشى تۈركىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان بارلىق كېلىشىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى جەھەتتىن ئىجابىي ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر