تۈركىيەنىڭ تېرروىزىمغا زەربە بېرىش كۈرىشىدىكى قەتئىيلىكى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

991840
تۈركىيەنىڭ تېرروىزىمغا زەربە بېرىش كۈرىشىدىكى قەتئىيلىكى

تۈركىيە 2016-يىلدىكى 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە يېڭىچە ئىدىيە ۋە ئۇسۇل بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يېڭىچە  ئىدىيە ۋە ئۇسۇلدىن مەقسەت تېررورچىلارغا قارشى مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس مەملىكەت سىرتىدىمۇ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ تېررورچىلارنى ئۇۋىسىدىلا بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت. تۈركىيە بۇ يېڭىچە ئىدىيە ۋە ئۇسۇل تۈرتكىسىدە  فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى قوزغاپ تۈركىيە چېگراسىدىن دائېش تېررورچىلىرىنى پۈتۈنلەي تازىلغاندىن كېيىن، سۈرىيەدە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى قوزغاش ئارقىلىق ئافرىن رايونىنى پ ك ك- ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلدى. تۈركىيە بۇ ئىككى ھەربىي ھەرىكەتنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، پ ك ك – ي پ گ تېررورچىلىرىغا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن قەندىل، سىنجار ۋە مۇنبىچ رايونلىرىدىمۇ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى قىسمەن بولسىمۇ باشلىدى. ئەسلىدە قەندىلگە نەچچە ئاي ئىلگىرىلا ھەربىي ھەرىكەت قوزغالغانىدى، مۇنبىچ مەسىلىسىدە بولسا ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا يول خەرىتىسى بېكىتلدى. سىنجار مەسىلىسى ئۈچۈن بولسا ھەم دىپلوماتىك ھەمدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش پىلانى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلماقتا.

تۈركىيەنىڭ تېررورىزىمغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ مۇنداق خۇلاسىلاپ چىقتى: «ئەسكەرلىرىمىز تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا قاراپ ئىلگىرىلمەكتە، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى سىياسەتچىلەر خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن بىز ئافرىنى، جەرابلۇسنى، ئەل بابنى، ئەزىزنى قاتىللاردىن قانداق تازىلىغان بولساق، قەندىلدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنىمۇ يوق قىلىمىز. بۇ ئەھۋالدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقانلار بىئارام بولسىمۇ تېررورىزىمنى دۆلىتىمىزنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چوقۇم چىقىرىپ تاشلايمىز. بىز ئالدى بىلەن ئافرىنغا قارىتىلغان ھەربىي ھەربىي ھەرىكەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر بىلەن قەندىلگە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن غاپىللارغا بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەڭ توغرا جاۋابنى قايتۇرىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 11-ئىيۇندا « قەندىل، سىنجارغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدۇق، 20 كۈرەشچى ئايروپىلانىمىز بىلەن 14 نۇقتىنى بىتچىت قىلدۇق. كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىمىز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەلدى»دېيىشى بىلەن رەسمىي ئېلان قىلىنغان قەندىل ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى نەچچە ئاي بۇرۇن باشلانغانىدى. تۈركىيە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى قەندىلگە قاراپ ئىلگىرىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە 24 كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ چىقتى.

تۈركىيە ئىراقتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق قەندىلنىلا ئەمەس تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيە ۋە ئىراق ئارىسىدا ئۆتەڭ سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كېلىنىۋاتقان سىنجار رايونىنىمۇ پ ك ك  تېررورچىلىرىدىن تازىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىراق ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سىنجار رايونىغا كېلىپ ئورۇنلىشىشىدىن كېيىن، بىر  قىسىم پ ك ك تېررورچىلىرى سىنجاردىن چېكىنىپ چىقتى.

تۈركىيە تېررورىزىمغا زەربە بېرىش كۈرىشىنى ھەربىي ساھەدە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، دىپلوماتىيە ساھەسىدىمۇ ئېلىپ بارماقتا. ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن ئىراقتىكى  پ ك ك تېررورچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرمەسلىكى تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت تۈركىيە سۈرىيەدە پ ك ك – ي پ گ تېررورچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان ئامېرىكا بىلەنمۇ مۇنبىچ مەسىلىسى توغرۇلۇق قويۇق دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىك خىزمەتلەر نەتىجىسىدە  مۇنبىچ مەسىلىسى توغرۇلۇق يول خەرىتىسى بېكىتپ چىقىلدى. مۇنبىچ يول خەرىتىسىگە ئاساسلانغاندا، پ ك ك – ي پ گ قىسىملىرى مۇنبىچ رايونىدىن فىراتنىڭ شەرقىگە چېكىنىدۇ، تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئەسكەرلىرى بىرلىكتە چارىلاش ئېلىپ بارىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇنبىچتا يەرلىك مەجلىس ۋە يېڭى مۇداپىئە قىسىملىرى قۇرۇلىدۇ.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا مۇنبىچ مەسىلىسى توغرۇلۇق بېكىتىلگەن يول خەرىتىسى مۇنبىچ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بۇ يول خەرىتىسى فىراتنىڭ شەرقىدىكى تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆرنەل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مۇنبىچ يول خەرىتىسى ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە راققە، دەيرئەز-زور ۋە تال ئابيادقا ئوخشاش يەرلەردىمۇ ئوخشاش يول خەرىتىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا زېمىن تەييارلاپ بېرىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، راققە، دەيرئەززور ۋە تال ئابياد رايونلىرىدىكى يەرلىك خەلق ي پ  گ زۇلۇمىدىن بىئارام بولماقتا.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يېڭى ئىدىيە ۋە ئۇسۇل بىلەن تېررورىزىمغا زەربە بېرىش كۈرىشى دائىرىسىدە زور نەتىجىگە ئېرىشكەن تۈركىيە، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە نۇرغۇن تاكتىكلارنى ئىشقا سېلىپ تېررورلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ياكى ھېچ بولمىغاندا تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىماقتا. پ ك ك – ي پ گ تېررورچىلىرى يېقىنقى يىللاردا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ نوپۇز دائىرىسىنى كېڭەيتتى، تۈركىيە بولسا دەرھال ھەرىكەتتە ئۆتۈپ تېررورچىلارنىڭ چېگرادىن ھالقىغان تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە توستى. نەتىجىدە تۈركىيەدە تېررورلۇق قىلمىشلىرى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئازايدى. تۈركىيە ئالدىمىزدا تېررورلۇق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر