سانائەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئېھتىياج: يېڭىچە مالىيە باشقۇرۇش مېتودى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «سانائەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئېھتىياج: يېڭىچە مالىيە باشقۇرۇش مېتودى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

921647
سانائەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئېھتىياج: يېڭىچە مالىيە باشقۇرۇش مېتودى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «سانائەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئېھتىياج: يېڭىچە مالىيە باشقۇرۇش مېتودى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

سانائەت ساھەسىدە كۈنسېرى يېڭى – يېڭى ئېھتىياجلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مالىيە مەنبەسى ئىزدەشنى كۈچەيتكەن بولسا، چىقىمنىڭ يۇقىرىلىقى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئېغىر توسالغۇلارغا دۇچار قىلماقتا. يېڭى سېلىنما مەزگىلىدىكى تۈركىيەنى يېڭى بىر سانائەت ھېكايىسىگە ئىگە قىلىش يولىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ھەر بىر ئىستراتېگىيەلىك قەدەم ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. مالىيە مەنبەسى تېپىش يولىدا يېڭى ئۇسۇل ۋە پەرقلىق مېتودلارنىڭ تەدبىقلىنىشى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللارنىڭ بىرى بولىدۇ.

نۆۋەتتە تۈركىيە سانائەت ساھەسىنىڭ مەۋجۇت ئىقتىداردىن پايدىلىنىش نىسبىتى %80 گە يېقىنلىشىپ قالدى. 2017 – يىلى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا %8.7 لىك ئېشىش كۆرۈلدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق سانلىق مەلۇماتلار، تۈركىيەنىڭ سانائەت ساھەسى ئىقتىدارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلىقى ۋە يېڭى ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە سانائەت ساھەسىدە يېڭى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىش بىر زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. ئەمما، بۇ قانداق روياپقا چىقىدۇ؟ ئالدى بىلەن، نۆۋەتتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا يولغا چىقىلىدىغان بولسا، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە روياپقا چىقىرىلىشى كېرەك بولغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ يېڭى مالىيە مەنبەسىنى باشقۇرۇش مېتودىنىڭ زۆرۈرلۈكى نامايان بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دەۋرىمىزدە سانائەتچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ بىرىنى چىقىمنىڭ يۇقىرى بولۇشى شەكىللەندۈرىدۇ. سانائەتچىلەرنىڭ ئۆز مەنبەلىرىنىڭ %60 كە يېقىنىنى ئۆسۈمگە ياتقۇزۇشى شىركەتلەرنى ھەم رىقابەت جەھەتتە قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ قويىدۇ ھەم يېڭىلىقچى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىدا توسالغۇ بولۇپ تۇرىدۇ.

يېڭى مالىيە ئاپپاراتلىرى ۋە پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشى يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر سانائەتچىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە. يېڭى سېلىنما مەزگىلىدە توغرا ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان پىلان ۋە ئىستراتېگىيەلەردە مەسىلىنىڭ مالىيە قانىتىمۇ ياخشى مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەك.

بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن، تەرەققىيات بانكىچىلىقى مەسىلىسىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ تەرەققىيات بانكىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ساغلام سەرمايە قۇرۇلمىسىغا ئىگە قىلىش لازىم. مۇشۇنداق  قىلغاندا، سانائەتكە كېرەكلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك مالىيە مەنبەسى ھازىردىن باشلاپلا تېپىلغان بولىدۇ. بۇ دائىرىدە ھەم سانائەت شىركەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك سېلىنمىلارغا يۈزلەندۈرۈلۈشى ھەم بۇ شىركەتلەرنىڭ خۇسۇسىي بانكىلارنىڭ قولىغا تاشلىنىپ قالماسلىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. چۈنكى، نۆۋەتتىكى قىسقا مەزگىللىك سودا بانكىلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە خەلقئارا بازارالاردا رىقابەتكە چۈشەلىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان سانائەت مەھسۇلاتلارنىڭ %70 كە يېقىنى تۆۋەن، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى تۆۋەن تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلاردىن تەشكىل تاپماقتا، ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ نىسبىتى بولسا %3.3 ئەتراپىدا بولماقتا. دېمەك، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ يولى يەنە مالىيە مەنبەسى ئۆتكىلىنى بېسىپ ئۆتمەكتە. تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تېخنولوگىيە مەركەزلىك ساھەلەرنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سۈرئىتىمۇ ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدىغان سانائەتلىشىش دەۋرىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلغان بولىدۇ.

ئەلۋەتتە مالىيە جەھەتتىن قوللاش مودېللىرى تەرەققىيات بانكىسىدىنلا ئىبارەت ئەمەس. بۇ يەردە دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە مالىيە جەھەتتىن قوللاش ئورۇنلىرى دېگەندە، بايلىق فوندىمۇ نەزەردە تۇتۇلىدۇ. بايلىق فوندىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ مالىيە ئېھتىياجىنى قامداش جەھەتتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن. يېڭى سېلىنما مەزگىلىدە بايلىق فوندى ئۇزۇن مۇددەتلىك فوندىلار ئارقىلىق شىركەتلەرنى مالىيە بىلەن تەمىنلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ سېلىنمىلىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

يەنە بىر تەرەپتىن، قەرز كاپالەت فوندىنىڭمۇ مالىيە بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە مۇھىم رولنى ئۈستىگە ئالالىغۇدەك كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق لازىم. بولۇپمۇ مۇھىم ساھەلەرنى تۇتقا قىلغان ھالدا 10 يىللىق يەنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق سانائەتنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقان قەرز كاپالەت فوندى مودېلىغا تايىنىپ، ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە سانائەتچىلەر ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش مۇمكىن.

بۇنىڭدىن باشقا مالىيە جەھەتتە قوللاپ – قۇۋۋەتلەش بىلەن بىرگە، زېمىن ئاجرىتىپ بېرىش مەسىلىلىرىدىكى توسۇقلارنىڭمۇ بىر تەرەپ قىلىنىشى زۆرۈر. يەنى، سانائەتچىلەرگە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ھەمدەم بولىدىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىش لازىم.

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەدە سېلىنما مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى يولىدا ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم تاشلاندى؛ تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بەزى قانۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە دائىر قانۇن لايىھەسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىندى.

سېلىنمىنىڭ ئالدىدىكى توسۇقلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى، سېلىنما مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، مەبلەغ سالغۇچىلارغا بېرىلگەن تولۇقلىما ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن پەرقلىق مالىيە مېتودلىرىنىڭ تەتبىقلىنىشى بۈگۈننىڭ تۈركىيەسىدە ھەم يەرلىك ھەم چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق شارائىت يارىتىشقا تەييارلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

تۈركىيە سېلىنما سەپىرىنى يېڭى ئىسلاھاتلار بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋردە، سانائەت ساھەسىدە يېڭى بىر مالىيە مېتودىنىڭ يولغا قويۇلۇشى قولغا كەلتۈرگەن ئېشىشنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە سېلىنمىلاردا سىجىللىققا ئىگە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

يېڭى سېلىنما مەزگىلىدە يېڭى سانائەت پىلانى كەم بولسا بولمايدۇ. ئەسلىدە، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيەنىڭ كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشىدىمۇ مۇھىم باشلامچىلىق رولىنى ئوينايدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيەدە ئىلغار تېخنولوگىيەگە ئىگە سانائەت سېلىنملىرى قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگەن يېڭى بىر ئىقتىسادىي ئېشىش ھېكايىسى نېمىشقا يېزىلمىسۇن؟!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر