خۇمار ۋە قىلتاق (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 08 - 2018

917025
خۇمار ۋە قىلتاق (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئى ئىمان ئېيتقۇچىلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاشلاردىن ئىبارەت بولغان جەھەننەم ئۆتىدىن قوغداڭلار!»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئەقىللىق كىشى؛ ئۆز نەپسىگە ھاكىم بولغان ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات ئۈچۈن ئەمگەك قىلغان كىشىدۇر. ئاجىز كىشى بولسا، نەپسىنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرىگە ئەگىشىدىغان ۋە شۇنداق تۇرۇغلۇق يەنە ئاللاھنىڭ ياخشىلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغان كىشىدۇر»[2]

ئەزىز قېرىنداشلار! ئىنسانلار مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكىدۇر. مەۋجۇدىيەت ئالىمىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ شەرەپلىك ئەزاسىدۇر. ئىسلام ئىنساننىڭ پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ئەشۇ قىممىتىگە لايىق تۇرمۇش كەچۈرىشى، ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن يوليۇرۇقتۇر. ئۇلۇغ دىنىمىزنىڭ غايىسى ئىنساننىڭ جېنى، مېلى، ئەقلى، نۇمۇسى ۋە ئەقدىسىنى ھەر تۈرلۈك يامانلىقتىن، پىتنە پاساتتىن قوغداشتۇر. شۇڭا ئىسلام ئىنساننىڭ جېنى ۋە مېلىغا قەست قىلغان، ئەقلىنى ۋە ئىدراكىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، نۇمۇسىغا ۋە نەسلىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرىدىن مەھرۇم قىلىدىغان ھەممە نەرسىگە قارشى كۈرەش قىلىدۇ. شەخىسلەرنىڭ، ئائىلىلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزىدىغان زىيانلىق ئادەتلەرنى ۋە خۇمار قىلىدىغان ئىشلارنى مەنئىي قىلىدۇ. 

ئەزىز قېرىنداشلار! قۇرئانى كەرىم دۇنيا ھاياتىنىڭ بىر ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىمتىھاندا ئۇتۇققا ئېرىشمەكچى بولغانلارنىڭ نەپسىگە قۇل بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكرار تەكرار قاتتىق تەكىتلەيدۇ. ئېنىقكى، ۋاقىتلىق ھاۋايى -  ھەۋەسلەرنىڭ، چېكى يوق ئارزۇ تەلەپلەرنىڭ ئارقىدا يۈگۈرۈپ يۈرىيدىغان ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەتلىك بولىدۇ. بۇ قىسقىغىنە ھاياتىنىڭ ئەھمىيىتىنى، قىممىتىنى ۋە جىددىي قاراشقا تېشىگلىك ئىكەنلىكىنى بىزگە ئۇنۇتتۇرۇپ قويىدىغان ھەر تۈرلۈك خۇمارداشلارنىڭ ھەممىسى بىر قىلتاق بولغانغا ئوخشاش، ۋاقتىمىزنى، پۇلىمىزنى ۋە سالامەتلىكىمىزنى ۋەيران قىلىدىغان ناچار ئادەتلەر كەلگۈسىمىزگە نىسبەتەنمۇ بىر تەھدىتتۇر.

شۇڭا قۇرئان كەرىم بىزلەرگە قانچىلىغان قېتىم «ھېچ ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟!» دەپ سوئال قويىدۇ. ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن مېڭىسى كاردىن چىققان ئىنسان قانداقمۇ ئويلىيالىسۇن؟ ئۇلۇغ رەببىمىز بىزلەرنى «تولىمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر، ھە؟!» دەپ ئاگاھلاندۇرۋاتسا، سائەتلەرگىچە ئىكرانغا باغلىنىپ، باشقا نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغان بىر ئىنسان قانداقمۇ ئەتراپىدىكى نېمەتلەرنى كۆرەلىسۇن ۋە شۈكرى قىلالىسۇن؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرگە «بېقىش مەسئۇلىيىتى بولغان كىشىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىلا بىر ئىنسانغا يېتەرلىك گۇناھتۇر»[3] دېگەن تۇرۇغلۇق، قىمار ۋە كومپىيوتېر ئويۇنلىرىنىڭ بېشىدا كېچىلەپ يۈرىدىيدىغان ئىنسانلار ئائىلىسىگە قانداقمۇ كۆڭۈل بۆلەلىسۇن؟

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! يامان ئادەتلەر ئائىلىلەرنى بۇزماقتا. مىللىي بايلىقىمىزنى نابۇت قىلماقتا. مەنىۋىي دۇنيايىمىزنى يىلتىزىدىن تەۋرەتمەكتە. ئەڭ ئۈستۈن خىسلەتلەر بىلەن يارىتىلغان ئىنسانلارنىڭ بۇ ئېسىل ئالاھىدىلىكلىرىنى خەلقنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتمەستىن، بۇ دۇنيادىن كېتىپ قېلىشى نېمە دېگەن ئازابلىنارلىق ئىش- ھە! پەرزەنتلىرىمىزمۇ ئەپسۇسكى، تەقلىدىچىلىق، دورامچىلىق ۋە ھەددىدىن تاشقىرى قىزىقىشلىرى بىلەن ناچار ئادەتلەرگە قاراپ ماڭماقتا. دوستلىرىنىڭ ئەقلىگە ئەگەشمەكتە. ئائىلىسىدىن يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن، ئۆزىنى يالغۇز، سۆيگۈسىز ھېس قىلىدىغان ياشلىرىمىز، ئاسانلا خائىن شايكىلارنىڭ تورىغا چۈشۈپ كەتمەكتە. ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلىش، قىزىقىشلىرىنى ۋە كۈنتەرتىپىدىكى ئىشلارنى تەقىپ قىلىش، پەقەت ماددىي ئېھتىياجىنىلا ئەمەس، مەنىۋىي ئېھتىياجىنىمۇ قامداپ بېرىش بىزلەرنىڭ باش تارتىپ بولماس ۋەزىپىمىزدۇر.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «پەرزەنتلىرىڭلارنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئۈستىڭلاردا ھەققى بار!»[4] دېگەن ھەدىس شەرىپى بىزلەرگە مانا بۇ مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەسلەتمەكتە.

سۆيۈملۈك پەيغەمبرىمىز يەنە، «ئىككى نېمەت باركى، ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇلارنىڭ قەدىرىنى بىلمەي ئالدىنىپ قالىدۇ. بىرسى سالامەتلىك، يەنە بىرسى بوش ۋاقىتتۇر»[5] دېگەن بولۇپ، كېسەل بولغاندا ياكى ئىشتىن ھېرىپ چارچىغاندىلا ئاندىن بىز پەرقىنى بىلەيدىغان بۇ ئىككى نېئمەتنى قەدىرلەيلى! بەدەنىمىز ۋە رۇھىمىزنىڭ سالامەتلىكىمىزنىڭ ئەڭ كاتتا دۈشمىنى بولغان تاماكا، ھاراق، ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ماددىلىرىنىڭ بارلىق تۇرلىرىدىن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇزاقلىشايلى! ھەم باشقىلارنىمۇ قوغدايلى!

ۋاقتىمىزنى گويا قارا ئۆڭكۈرگە ئوخشاش ھەممە نەرسىنى يالماپ، پايدىلىق ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرىشىمىزغا توسالغۇ بولۇش ئارقىلىق پۈتۈن كۈنىمىزنى ئىسراپ قىلىۋاتقان ئىنتېرنېت خومارىغا قارشى سەگەك بولايلى!

ئاللاھ بىزگە سۇنغان تېخنىكىلىق ئىمكانلارنى ئەقىللىق ۋە ئاڭلىق رەۋىشتە ئىشلىتىشنى بىلەيلى ۋە بىلدۈرەيلى! ياخشى ئادەتلەرنىڭ ۋە ئەخلاقنىڭ ئائىلە ئىچىدە يېتىلىدىغانلىقىنى، ياشلىرىمىزنىڭ پەقەت كۆڭۈل بۆلىشىمىز ۋە دەستەك بۇلىشىمىز سايىسىدا ناچار ئادەتلەردىن ئۇزاقلىشالايدىغانلىقىنى ئۇنتۇمايلى!

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، تاماكا، ھاراق، زەھەرلىك چېكىملىك، قىمار، ئىنتېرنېت، كومپىيۇتېر ۋە ئەقىللىق تېلېفونغا ئوخشاش ئىنسانلارنى ئۆزىگە خۇمار قىلىدىغان نەرسىلەرگە نىسبەتەن سەگەك بولۇش ھەممىمىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە تولىمۇ يامان بىر ئاقىۋەتكە يۈزلىنىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، قۇرئان كەرىمدە «ئاندىن بۇلارنىڭ ئارقىدىن ناماز ئوقۇمايدىغان ۋە نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بىر ئەۋلاد كەلدى....»[6] دېگەن بولۇپ، شۇنى قەتئىي ئەستىن چىقارمايلىكى، ئەۋلادلىرىمىز بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدۇر ۋە بۇ نەسلىرىمىز بىزگە ئامانەتتۇر. ئۇلارنى ساغلام، ئوقۇمۇشلۇق، ۋىجدانلىق ئەۋلاد قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن كۆز قارچىغۇمىز بولغان ئەۋلادلىرىمىزنى دىنىمىز، كۈلتۈرىمىز ۋە كىملىكىمىزگە دائىر مەستەھكەم ئاڭ بىلەن قوراللاندۇرايلى! ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك ناچار ئىللەتلەردىن ئۆز - ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان ھالغا كەلتۈرەيلى!

خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەليھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىس شەرىپى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

قىيامەت كۈنى ھېچ بىر بەندە، ئۆمرىنى نېمىگە سەرپ قىلدى؟ بىلىمى بىلەن نېمىلەرنى قىلدى؟ مال- مۈلكىنى قانداق يەرگە ئىشلەتتى؟ بەدىنىنى نېمىلەر بىلەن ئۇپراتتى؟ دېگەن ھېسابقا تارتىلماي تۇرۇپ، ھېچ بىر يەرگە قىمىرمۇ قىلالمايدۇ»[7]

ئاللاھ ھەممىزنى ئىسلامغا، ئۈممەتكە، ۋەتەن ۋە مىللەتكە ياراملىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۇرۇپ چېقىشقا نىسىپ قىلسۇن، ئامىن!

 

 


[1]  - سۈرە تەھرىم، 6ئايەت

[2]  - تىرمىزى، قىياسمەتنىڭ سۈپەتلىرى بابى، 25ھەدىس

[3]  - ئەبۇ داۋۇد زاكات بابى، 45ھەدىس

[4]  - مۇسلىم ناماز بابى، 183ھەدىس

[5] - بۇخارى، زاھىدلىق، 1ھەدىس

[6]  - سەرە مەريەم، 59ئايەت

[7]  - تىرمىزى، قىيامەتىڭ سۈپەتلىرى بابى، 1ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر