تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى يوللۇق كۈرىشىنى قوللايمىز

تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرستېتلىرىدىكى ئاكادېمىك-تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلاربىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، «زەيتۇن شېخى» ھەرىكىتىنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى.

896295
تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى يوللۇق كۈرىشىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سۈرىيە زېمىنلىرى بىر جۇغراپىيەنىڭ پارچىسى بولۇشتىن بەكرەك، قەدىمكى ئۆتمۈشىمىزنىڭ مۇھىم تارىخىي تەرەققىياتلىرىغا گۇۋاھ بولغان، مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇھىم سىمۋوللىرى يېتىشكەن بايلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ زېمىنلاردا، تۈرك، كۈرت (كورد)، ئەرەب ۋە باشقا خەلقلەر يۈز يىللار بويىچە قېرىنداشلىق ئىچىدە ياشاپ كەلگەن ۋە بۇ قېرىنداشلىققا تەھدىت سالىدىغان بارلىق دۈشمەنلەرگە قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتكەن. ئانادولۇ-سۈرىيە زېمىنلىرى قېرىنداشلىقنىڭ، ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ، قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزنىڭ سىمۋولىدۇر.

بۇ قېرىنداشلىق، ھەر قاچان دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان. بۇ ھۇجۇملار 1915-1918-يىللىرى ئارىسىدا يۈز بەرگىنىدەك، مۇئەييەن مەزگىللەردە ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئىشغال ھەرىكەتلىرى سۈپىتىدە ئەمەلگە ئاشقان. ئەمما، بۇ ھۇجۇملار ھەر قاچان ئىدېئولوگىيەلىك، ئېتنىك-ئايرىمىچىلىق ئۇسۇللىرى بىلەن داۋام قىلدۇرۇلغان.

بەزى ئاكادېمىكلار، يەنى نامدىكى ئاتالمىش زىيالىي ۋە ئاكتىپلار كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندەك، سۈرىيە جۇغراپىيەسىدە بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، ئېتنىك جەھەتتىن بۆلۈنگەن يەر ئىگەللەش رىقابىتى ئەمەس.

بۈگۈن چېگرالىرىمىزنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارشى تەھدىت ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇلماقچى بولغان، ئىمپېرىيالىست كۈچلەرنىڭ      ئوتتۇرا شەرقنى قايتىدىن بۆلۈشىگە خىزمەت قىلىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قەدەملەر تاشلانماقتا. بۇ قەدەملەر يىلتىزى چوڭقۇر قېرىنداشلىقىمىزنى ۋە رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىققا ئېرىشىشىگە تەھدىت سالماقتا.

بۇ سۈنئىي ئۇرۇنۇشلار يىلتىزىدىن تارتىپ، پەيدا قىلىدىغان نەتىجىلىرىگىچە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە مەھكۇم، ئەمما زېھنىمىزنى، كۈچىمىزنى ئاجىزلىتىدىغان، رايون خەلقلىرى ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان دۈشمەنلىك ۋە قانلىق ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغان خەتەرلىك مۇساپە ھېسابلىنىدۇ. بۇ خەتەرلىك مۇساپىدە، تۈركىيەنىڭ زىيالىيلىرى، ئاكادېمىكلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە پەرۋاسىزلارچە كۈتۈپ تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىز بويىچە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

tئالدى بىلەن، تۈركىيە 1946-يىلدىن بۈگۈنگىچە رايوندا دېموكراتىيەنى كۈچەيتىش يولىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا رايوندا كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمنى يولغا قويغان بىردىنبىر دۆلەتتۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، دۆلىتىمىز 1952-يىلدىن تارتىپ ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە، 65 يىلدىن بۇيان تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولۇپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا، رايوندىكى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قۇرۇلمىسىغا، ئەركىن بازار ئىگىلىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىغا ۋە مائارىپ ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

tبۇلارنىڭ ئەكسىچە، يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئىتتىپاقدېشىمىز بولۇپ كەلگەن ئامېرىكا، قۇرۇلۇش پەلسەپەسى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ماۋزېدۇڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىدىيەسى ئاساسىغا قۇرۇلغان پ ك ك-پ ي د بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يېڭىچە سىياسىي قۇرۇلما بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ھاكىمىيەتكە كېلىش ئۈچۈنلا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى قىرغىن قىلغان پول پوتچىغا ئوخشاش ھاكىمىيەت قۇرماقچى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دېموكراتىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىغا تامامەن زىت ھەرىكەت قىلىدۇ. قورال ئارقىلىق خەلقنى بويسۇندۇرماقچى بولغان، نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تېررورلۇق قىلمىشلىرىدىن قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان ھەر قانداق تەشكىلات ياكى گۇرۇھ دېموكراتىيەنىڭ بىر قىسمى بولالمايدۇ.

tپ ك ك بىلەن پ ي د ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتۇر، پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى، خالاس. بۇ تەشكىلاتنىڭ پ ك ك دىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ھېچقانداق تەرىپى يوق. ئابدۇللاھ ئۆجالان باشچىلىقىدا 1978-يىلى 25-نويابىردا قۇرۇلغان پ ك ك، تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىپ ھازىرغىچە 30مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قەتل قىلدى. بۇ تەشكىلات 2017-يىلىدىلا 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى بولسا، دۆلىتىمىزگە سۈرىيە تەرەپتىن توختىماي تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە، بۇ تەشكىلات سۈرىيە چېگراسىدىن زېمىنىمىزغا تېررورچى ۋە قورال-ياراغلارنى يۆتكەشكە ئۇرۇنماقتا. پ ي د نىڭ بارلىق كاتتىباشلىرى ئەمەلىيەتتە پ ك ك تېررورچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر قانداق يىغىن ۋە پائالىيەتلىرىدە چوقۇم تېررورچى ئابدۇللاھ ئۆجالاننىڭ رەسىملىرىنى ئاسىدۇ، بۇ پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بېرىشكە يېتەرلىكتۇر. مۇشۇنداق بولۇشنىڭ ئەكسىچە، پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئامېرىكا دائىرىلىرى 3000 مىڭ يۈك ماشىنىسىدا قورال-ياراغ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت 2 مىليارد 200 مىليون دوللار ئەۋەتكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەپ يۈردى. ئامېرىكا بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىدا پ ي د تېررورچىلىرىدىن چېگرا بىخەتەرلىك قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشنى جاكارلىدى. ئامېرىكانىڭ قورال-ياراغلىرى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمگە ئېرىشكەن، ھەتتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغان پ ي د تېررورچىلىرى تۈركىيەگە زور تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. ئامېرىكادىن ئالغان قوراللار تۈركىيە ساقچىلىرىغا قارشى ئىشلىتىلمەكتە، ئامېرىكا ئەسكەرلىدىن تەلىم-تەربىيە ئالغان تېررورچىلار بولسا، تۈركىيەگە قارىتىلغان ھۇجۇملارغا قاتناشماقتا. بۇنچىۋلا ئەھۋاللارغا تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟

tئامېرىكا ۋەزىيەت ۋە مەنپەئەتىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. ئۆز ۋاقتىدا، ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ دائېشقا زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپىنى رەت قىلغانىدى. دائېش ئېغىر دەرىجىدە مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشنى داۋملاشتۇرماقتا.

ئامېرىكانىڭ سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا پ ي د تېررورچىلىرىدىن چېگرا بىخەتەرلىك قوشۇنى قۇرۇشنى پىلانلىشىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شىمالىدا دائېش تېررورچىلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ھالسىراتقان تۈركىيەنىڭ بۇ تۆھپىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا. ھەتتا، دائېشقا قارىتا قوزغالغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىگىمۇ توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولدى.

t  پ ك ك / پ ي د رايوندا ياشايدىغان كۈرت (كورد) لەرنىڭ ۋەكىلى ئەمەس. بۇ تەشكىلات، نوپۇز تىكلىگەن ئورۇنلاردا ئۆز نوپۇزىنى ئېتىراپ قىلمىغان كۈرت ۋە ئەرەبلەرنى ئەسىرلەردىن بۇيان ياشاۋاتقان زېمىنلىرىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋەتكەن، ئۆزىنى تەنقىدلىگەن كىشىلەرنى قىيىن – قىستاققا ئالغان ۋە باشقا بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىغا تايىنىپ جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان، ئېتنىك تازىلاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشقان. بۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆزلىرىگە قارشى ھەرىكەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن قالقان قىلماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رايوندىكى ئەمەلىي مەۋجۇتلۇقى بىلەن بۇ قىلمىشلارنى سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق قوللىماقتا.

t يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – پ ي د شېرىكچىلىكىنىڭ نىشانىنىڭ دائېشنى يوقىتىش ئەمەسلىكىنى، پ ي د نىڭمۇ كۈرتلەرنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، ئەكسىچە سېتىلما بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، تۈركىيە بىلەن بولغان تارىخىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى خەۋپكە ئىتتىرمەكتە. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى قوغداشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ۋىزىلارنى توختىتىپ قويۇشتەك قەدەملەرنى تاشلاپ، تۈرك مىللىتىنى جازالاش يولى ئارقىلىق «تىزگىنلەش» كە ئوخشاش خاتا مۆلچەرلەر بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيە ئىقتىسادىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق بەرپا قىلىش ئىرادىسى بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 

پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلخالىق قارابۇلۇت، ئاغرى ئىبراھىم چەچەن ئۇنىۋېرسىتېتى

ئابدۇلقادىر ئاي، مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى

پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلخالىق بۇلۇش، نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور ئابدۇللاھ ئايدىن، مۇستاپا كەمال ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور ئابدۇللاھ چاۋۇشئوغلۇ

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور ئابدۇللاھ ترابزون، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى

ئابدۇررەھىم شەنئوجاق، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىقى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور ئادنان كۈچۈك، قىرىققالە ئۇنىۋېرسىتېتى

ئەھمەت ب.ئارپا، ئىقتىسادشۇناس

ئەھمەت شەۋكى زەنگىن، ئەھمەت يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى باش كاتىپى

پىروفېسسور دوكتور ئەھمەت ئۇيسال، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى

ئەھمەت ۋەھبى كوچ، مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى

ئەلى سالى، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى

دوتسېنت دوكتور ئەلى بۈيۈكئاسلان، ئىستانبۇل مېدىپول ئۇنىۋېرسىتېتى

ئاردا ئاكچىچەك، سىياسەتشۇناس

ئاتىللا دەرمىرقاسىمئوغلۇ، ئەنقەرە ئونكولوگىيە دوختۇرخانىسى

پىروفېسسور دوكتور ئايسۇن باي قارابۇلۇت، يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى

دوتسېنت دوكتور باھاتتىن قارادەمىر، چۇقۇرئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور بىلگەخان ئاتسىز گۆكداغ، قىرىققالە ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور بىرول ئاقگۈن، يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى

دوتسېنت دوكتور بىرول مەرجان، نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور بۇرھان ئايقاچ، ئىستانبۇل گەلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور بۈلەنت بايات، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور بۈنيامىن تاش، ئاقساراي ئۇنىۋېرسىتېتى

دوتسېنت دوكتور جاھىت باغجى، تۈركىيە مائارىپ ۋەخپى

جاھىت ئەپچاچان، سىئىرت ئۇنىۋېرسىتېتى

جان ئاجۇن، سەتا

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور جان جەيلان، ئىستانبۇل مەدىپول ئۇنىۋېرسىتېتى

جەلال سەمىز، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرلىقى

پىروفېسسور دوكتور جەنگىز ئانىق، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور جەنگىز شاھىن، كاستامونو ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور جەۋدەت جوشقۇن، گىرەسۇن ئۇنىۋېرسىتېتى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور جەيھۇن جان ئۆزجان، نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور چەتىن قايا كوچ، UC سانتا باربارا

دوتسېنت دوكتور ئەبۇبەكىر جەيلان، ئىستانبۇل پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

ئەكرەم چوراقلىق، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى

ئەرتۇغرۇل باشەر، پىنسىيونېر

فادىمە ئۆزقان، سىتار گېزىتى

دوتسېنت دوكتور فاھرەتتىن ئۆندەر، سۈلەيمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى

تەتقىقاتچى فارۇق تەمەل، ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى

فاتىھ ئاقبابا، يازغۇچى

پىروفېسسور دوكتور فاتىھ ساۋاشان، مىللىي مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور فاتىھ ئۇشان، يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى

گۈلبالى جوشقۇن، مىلات گېزىتى

پىروفېسسور دوكتور گۈلگۈن ئەردوغان توسۇن، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور خ.ئىبراھىم سارىئوغلۇ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور خەلىل ئالتىنتاش، ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور خالۇق ئالقان، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى

ھارۇن قابان، يازغۇچى

ئوقۇتقۇچى خاقان شاھىن، مەدىپول ئۇنىۋېرسىتېتى

ھامىت كۈچۈكباتىر، مەرسىن شەھەرلىك ھۆكۈمىتى

تەتقىقاتچى خاندە سۇنگۇرئوغلۇ، چانقىرى قاراتەكىن ئۇنىۋېرسىتېتى

ھاسان ئۆزتۈرك، ئۈلكە تېلېۋىزىيەسى

دوتسېنت دوكتور ھاسان فۇرقان، قاھرامانماراش سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى

تەتقىقاتچى ھاياتى ئۈنلۈ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى

ھىكمەت سالاھاددىن گەزىجى، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى

دوتسېنت دوكتور ھۈسامەتتىن ۋاتانسەۋ، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى

ھۈسەيىن ئۆز، خىزمەت – ئىش ئۇيۇشمىسى مۇئاۋىن باشلىقى

ئىھسان ئاقتاش، GENAR

ئىھسان ئايال، ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى

ئىلياس توپچۇئوغلۇ، ئەنقەرە ئادۋوكاتلار تەشكىلاتى

دوكتور ئىسمائىل چاغلار، سەتا، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى ۋەخپى

ئىسمائىل ئاقبېيېق، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىقى

ئوقۇتقۇچى ئىسمائىل گۆكتۈرك، قاھرامان ماراش سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور قادىر ئىدىن، ئىستانبۇل مەدىپول ئۇنىۋېرسىتېتى

كەنان سەرەفلى، مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى

دوتسېنت دوكتور م. ئاكىف سارىكايا، ئىستانبۇل پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

مەھمەت ئەۋكۇران، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرلىقى، مىنىستىرلىق مەسلىھەتچىسى

ماھمۇت كائان ئىلگار، مائارىپ – بىر – ئۇيۇشمىسى قارس شۆبىسى باشلىقى

مەھمەت ئاقيال، غازىپاشا ھال مۇدىرى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور مەھمەت ئەيۇپ كىرىش، ئافيون كوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى

مەھمەت خالۇق ئۇچقۇن، ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى

مەھمەت سىددىق بارېق، دەم ئېلىشقا چىققان ئوتقۇچى

پىروفېسسور دوكتور مەھمەت شاھىن، ساقچى ئاكادېمىيەسى

پىروفېسسور دوكتور مەھمەت تۇنچەر، قارادېڭىز پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

مەرۋە شەبنەم ئۇرۇچ، يېڭى شەپەق گېزىتى

دوتسېنت دوكتور مەتىن ئاقسوي، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور مەتىن دوغان، يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى

ئارخىپ خىزمەتچىسى، مەتىن ئۆزقان، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور مۇھسىن قار، نىگدە ئۆمەر خالىسدەمىر ئۇنىۋېرسىتېتى

مۇراد كافادار، مېگاپول تەتقىقات ۋە مەسلىھەتچىلىك

دوتسېنت دوكتور مۇرات كىرىشچى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور مۇسا يىلدىز، ئەھمەت يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور مۇستافا ئاسلان، ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى

مۇستافا شىۋگىن، شىۋگىن قانۇنچىلىق ئورنى

پىروفېسسور دوكتور مۇزەففەر شەكەر، كونيا نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى

پىروفېسسور دوكتور ناجى گۈندوغان، ئانادولۇ ئۇنىۋېرسىتېتى

نىھال بەنگىسۇ قاراجا، خابەرتۈرك

دوتسېنت دوكتور نۇسرەت گۆكسۇ، قاھرامانماراش سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى

دوكتور ئوغۇزخان بىلگىن، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور ئوغۇزخان يانارئېشېق، ئەرزىنجان ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور ئوسمان ئەرئاۋشار، ئاقدېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور ئوسمان ھۇراتا، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور ئۆمەر پاكىش، ھاككارى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى

ئۆزلەم چاغلار يىلماز، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگان مەسئۇلى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور رامادان دوغان، تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى

پىروفېسسور دوكتور رامازان يەلكەن، يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور رەجەپ يورۇلماز، ئافون كوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى

سادۇللاھ ئۆزجان، مىلات گېزىتى

پىروفېسسور دوكتور سالىھ يىلماز، رۇسىيە تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى

دوتسېنت دوكتور سالاھاتتىن چىنار، كىلىس 7 – دېكابىر ئۇنىۋېرسىتېتى

دوتسېنت دوكتور سەيفۇللاھ يىلدىرىم، يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى

سەلچۇق ئاسلان، دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى

سۇئاۋى كەمال يازغېچ، ت ر تۈركىيە

پىروفېسسور دوكتور شافاق ئەرتان چوماقلى، ساقچى ئاكادېمىيەسى

پىروفېسسور دوكتور شاھمۇرات ئارىق، كاستامونو ئۇنىۋېرسىتېتى

شەنول مەتىن، مائارىپ – بىر – ئۇيۇشمىسى كونيا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبىسى باشلىقى

دوكتور شەيخ ئابدۇرراھمان چەلىك، مەدەنىيەت – ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى

پىروفېسسور دوكتور تانجۇ توسۇن، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى

تاركان زەنگىن، ھارب – ئىش ئۇيۇشمىسى

تەمىندار ئايتەكىن، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرلىقى

ئۈلكە نۇر زەنگىن، سىياسەتشۇناس

ئۇنسال چەتىن، ئىقتىسادشۇناس

پىروفېسسور دوكتور ئۈنەر قاياباش، نىگدە ئۆمەر خالىس دەمىر ئۇنىۋېرسىتېتى، تىببىي پەنلەر فاكۇلتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى

ئۈزەيىر گۆكچە، دۆلەت تۆمۈر يوللىرى

تەتقىقاتچى ياغىز ئاقساقالئوغلۇ، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى

ياقۇپ چەلىك، پولاتلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق باشلىقى

دوكتور ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ، ياۋرو – ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى باشلىقى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور ياسەمىن ئابايخان، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى

يىلماز ئالتۇنسوي، يازغۇچى

پىروفېسسور دوكتور يۇسۇف سارىناي، پاي چېكى بازارلىرى بىرلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى

يۇسۇف گەزبەلى، مالىيە مىنىستىرلىقى

يۇسۇف سەمىس، سەھىيە مىنىستىرلىقى

پىروفېسسور دوكتور يۇسۇف شاھىن، ئاقساراي ئۇنىۋېرسىتېتى

دوتسېنت دوكتور يۇسۇف تەكىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر