ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى! (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 03 - 2018

892336
ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى! (ئاۋازلىق)

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۆزەڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتاب (يەنى تەۋرات)نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر ـ يۇ، ئەقلىڭلارنى ئىشقا سالمامسىلەر؟»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىپىنى ياپسا، ئاللاھمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىپىنى ياپىدۇ»[2]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىلىكلەرنى تەۋھىد ئەقىدىسىگە دەۋەت قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاللاھ تائالا: «ئالدى بىلەن يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن!»[3] دېگەن ھۆكۈمنى نازىل قىلغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېقىن – يورۇقلرىنىڭ ھەممىسى سەفا چوقۇسىغا جەم قىلدى. ھەممەيلەننىڭ بۇ تەۋھىد دەۋىتىنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، ئىمان ۋە ئىبادەت بىلەن بېزەلگەن، مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئۆمۈرلا ئۇلارنى نىجاتلىققا ئېرىشتۇرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىن سۆيۈملۈك قىزى ھەزرەتى فاتىمەگە بۇرۇلۇپ، «قىزىم مەسئۇلىيىتىڭنى ئادا  قىلغىن ۋە ئۆزىڭنى ئاتەشتىن قۇتقازغىن! مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، دادىلىق مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن. لېكىن قىيامەت كۈنى ساڭا ھېچ قانداق پايدا يەتكۈزەلمەيمەن»[4] دېدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! ھەممىمىز بىر ئىمتىھان دۇنياسىدا ياشاۋاتىمىز ۋە بىر بەندە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەڭ دەسلەپ ئۆز ئىمتىھانىمىزدا ئۇتۇققا ئېرىشىش مەسئۇلىيىتىمىز بار. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز بىلەن ھەرىكەت قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ئۆز - ئۆزىمىزگە، رەببىمىزگە ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرگە بولغان مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى ئادا قىلمىساق بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە «ئىي ئىمان ئېيتقۇچىلار! سىلەر ئۆزىڭلارغا جاۋابكارسىلەر، ئەگەر سىلەر ئۆزىڭلار توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ»[5] دەپ بۇيرىغان ئىدى.

دېمەك، مەسئۇلىيەتچان كىشى ھەر دائىم ۋەزىپىسىنى تونۇغان ھالدا ياشايدۇ. ھاياتقا، ۋەقەلىكلەرگە ۋە كائىناتقا ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ. بۇ دۇنيادا بېكار تاشلاپ قويۇلمىغانلىقىنى، ھەر بىر نېئمەتنىڭ، ھەر بىر سۆز ۋە ھەر بىر قىلغان ئىشىنىڭ بىر كۈنى چوقۇم ھېسابى سورىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ئىگە ئادەم ھاياتىنىڭ ھەر بىر ساھەسىنى سەمىمىيەت ۋە دۇرۇستلۇق، ئەخلاق ۋە پەزىلەت بىلەن بېزىگەن بولىدۇ.  يالغانچىلىق، تۆھمەت، ھېلە – نەيرەڭ، ئالدامچىلىققا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك ناچار قىلمىشلار بىلەن ئۆز – ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! مەسئۇلىيىتىنى تونۇيدىغان كىشى رەببىمىزنىڭ «ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭلارنى نۇقسانسىز ھېسابلاپ قالماڭلار! چۈنكى ئاللاھ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلانغانلارنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر»[6] دېگەن ئايىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، ئۆزىنى نۇقسانسىز چاغلاپ تەكەببۇرۇلۇق قىلمايدۇ. ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەيىپلىرىنى تۈزەشكە تىرىشدۇ. ئۆز – ئۆزىنى ھېسابقا تارتىشنى بىلىدۇ، باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىنى ھېكايە قىلىپ يۈرمەيدۇ. ئۆز خاتالىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن باشقىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىپىنى ياپسا، ئاللاھمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىپىنى ياپىدۇ»[7] دېگەن ھەدىسىنى قەتئىي نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ.

مەسئۇلىيەتچانلىق رۇھىغا ئىگە ھەر قانداق مۆئمىن شۇنى ياخشى بىلىدۇكى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى، ئىسلامنىڭ چەك – چېگرالىرىغا رىئايە قىلغان ھالدا ياشاش، ھالال ۋە ھارامغا نىسبەتەن سەزگۈر بولۇش، ھەر بىر خاتا قەدىمى ئۈچۈن سەمىمىيەت ۋە نادامەت بىلەن تەۋبىگە يۈزلىنىش، بىلىپ تۇرۇپ گۇناھتا چىڭ تۇرماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۆزەڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتاب (يەنى تەۋرات)نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر ـ يۇ، ئەقلىڭلارنى ئىشقا سالمامسىلەر؟»[8] دەپ بۇيرىغان بولۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان كىشى ياخشىلىقنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بەلگىسى قىلالىشى شۇنداقلا ئۆز ئەمەلىيىتى ۋە سۆزلىرى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرگە ئۈلگە بولالىشى لازىم. چۈنكى شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، ئۆزى ياخشىلىق يولىدا ماڭمايدىغانلار باشقىلارنىمۇ ياخشىلىق يولىغا باشلىيالمايدۇ. يامانلىقنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان كىشى باشقىلارنى يامانلىقتىن ئۇزاقلاشتۇرالمايدۇ. ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ خىزمەتچىسى بولمىغان كىشى باشقىلارغا ھەق ۋە ھەقىقەتنى ئۆگىتەلمەيدۇ. پەزىلەتلىك بىر خاراكتېرگە ئىگە بولمىغان ئادەم باشقىلارغا ئەخلاق ۋە پەزىلەتتە ئۈلگە بولالمايدۇ.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! بىزلەر يەر يۈزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مەخلۇقى ئىنسان قىلىپ يارىتىلدۇق. بۇ قىممىتىمىزنى ئىمانىمىز بىلەن تاجلاندۇردۇق. ئۇنداقتا بۇ ئادىمىيلىك ۋە ئىمان نېمىتىنىڭ قىممىتىنى بىلەيلى! بۇ نېمەتلەرنىڭ ئۈستىمىزدە تېگىشلىك جاۋابكارلىقى بارلىقىنى قەتئىي ئۇنتۇمايلى! ئۆز- ئۆزىمىز ۋە رەببىمىزگە بولغان مەسئۇلىيەتلىرىمىزدە سەمىمىيەتنى قولدىن بەرمەيلى! ئالدى بىلەن ئۆز جاۋابكارلىقلىرىمىزنى ياخشى تونۇيلى! ئاندىن ئەتراپىمىزغا ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى سىڭدۈرۈشكە تىرىشايلى ۋە ھەممىمىز بىرلىكتە رەببىمىزنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمگەك قىلايلى!

ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەقىقىي مۆمىنگە خاس مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە ئەخلاق - پەزىلەتكە ئىگە قىلسۇن، ئامىن!

 

 


[1] - سۈرە بەقەرە، 44 – ئايەت

[2] - ئەبۇ داۋۇد، ئەدەب، 60 – ھەدىس

[3] - سۈرە شۇئەرا 214 – ئايەت

[4] - بۇخارى، مەناقىب، 13- ۋە مۇسلىم، ئىمان، 89 – ئايەت

[5] - سۈرە مائىدە، 105 – ئايەت

[6] - سۈرە نەجىم، 32 – ئايەت

[7] - ئەبۇ داۋۇد، ئەدەب، 60 – ھەدىس

[8] - سۈرە بەقەرە، 44 – ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر