سۈرە ساففات ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (ئاۋازلىق)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (52)

879641
سۈرە ساففات ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (ئاۋازلىق)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە ياسىننىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە مەمۇنىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، سۈرە ساففاتنىڭ ئاتىلىشى، نازىل بولغان ۋاقتى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە ساففات ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:

سۈرىنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ دەسلەپكى ئايىتىدىكى  ”الصَّافَّاتِ “ ”سەپ ـ سەپ“  دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان.

 نازىل بولغان ۋاقتى:

بۇ سۈرىنىڭ مەزمۇنى ۋە بايان ئۈسلۇبىدىن ئوتتۇرا مەككە دەۋرىدە، بەلكى ئوتتۇرا مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە نازىل بولغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن ئەينى چاغدا مۇخالىپەتچىلىك تازا ئەۋجىگە چىققان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەسھابە كېراملار قاتتىق ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان پەيت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئوچۇق ئىشارەتلەرنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

مەزمۇنى:

سۈرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋھىد ۋە ئاخىرەت دەۋىتىگە نىسبەتەن ئەينى چاغدىكى مەككە كۇپپارلىرىنىڭ كەمسىتىش ۋە مەسخىرە قىلىش بىلەن قارشى تۇرىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان ۋە ئۇلارغا ئالاھىدە ئاگاھلاندۈرۈش بېرىپ، «سېلەر مەسخىرە قىلىۋاتقان بۇ پەيغەمبەر پات يېقىندا كۆز ئالدىڭلاردىلا غەلىبە قىلىدۇ» دەپ ئوچۇق ئىلان قىلىنغان (سۈرىنىڭ 171 ـ ئايىتىدىن 179 ـ ئايىتىگىچە قارالسۇن). بۇ ئىلان جاكارلانغان چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەلىبە قىلىشى كىشىلەرگە تولىمۇ يېراق كۆرۈنەتتى. مەزكۇر ئايەتتە ئاللاھنىڭ قوشۇنى دەپ ئاتالغان مۇسۇلمانلار ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇم ـ سېتەملەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ تۆتتەن ئۈچ قىسمى ۋەتەننى تاشلاشقا مەجبۇر بولغان، مەككىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاران 40 ياكى 50 ساھابە قالغان، ھەمدە چىدۇغۇسىز زۇلۇملارغا بەرداشلىق بېرىۋاتقان پەيت ئىدى. بۇنداق ۋەزىيەتتىكى تاشقى مەنزىرىلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى «ئاخىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇنىڭ ئەشۇ ئازغىنە ھەمراھلىرى غەلىبە قىلىدۇ» دېگەننى خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيتتى. بەلكى كۈزەتكۈچىلەر: «بۇ ھەرىكەت مەككىدىلا دەپىن قىلىنىپ تۇگەيدۇ» دەپ چۈشىنەتتى. ئەمما ئارىدىن 15، 16 يىل ئۆتە ـ ئۆتمەيلا مەككە فەتھى قىلىنغاندا مەزكۈر ئايەتتە بايان قىلىنغان خۇش خەۋەر رېئاللىققا ئايلاندى.

ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدە تەنبىھ قىلىش بىلەن چۈشۈندۈرۈش ۋە تەرغىپ قىلىشنىمۇ تۇلۇق ۋايىغا يەتكۈزگەن بولۇپ، تەۋھىد ۋە ئاخىرەت ئەقىدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ھەققىدە قىسقا ئەمما ناھايىتى دىلكەش (قەلبلەرنى قايىل قىلارلىق) جانلىق دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۈشرىكلەرنىڭ ئەقىدىلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ نەقەدەر تۇترۇقسىز ئىشلارغا ئىمان كەلتۈرىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنى گۇمراھلىقنىڭ يامان ئاقىۋېتىدىن ئاگاھلاندۇرۈپ، ھەقىقىي ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللەرنىڭ نەقەدەر شانلىق نەتىجىسى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلگىرىكى تارىخلاردىن مىسال كەلتۈرۈپ، ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئەشۇ ئازغۇن قەۋملەرگە زادى قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى، ۋاپادار بەندىلەرنى قانداق مۇكاپاتلاپ، ئىنكارچىلارنى قانداق جازالىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. 

بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان تارىخىي قىسسىلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ بىرلا ئىماسى ئۈچۈن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئوغلىنى قوربان قىلىشقا تەييار تۇرغان قىسسىسى مول ساۋاقلارغا تولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان نەسەبداشلىق مۇناسىۋىتىدىن پەخىرلىنىپ يۈرىيدىغان قۇرەيش كۇپپارلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن مۆئمىنلەرگىمۇ تەڭ ساۋاق بېرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ۋەقەنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇلارغا ھەقىقىي ئىسلام روھىنىڭ نېمىلىكى، ئىسلامنى ئۆز دىنى قىلغاندىن كىيىن سادىق مۆئمىنلەر ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا قانداق تەييار تۇرىشى كېرەكلىكى ئېيتىپ بېرىلىدۇ.

سۈرىنىڭ ئاخىرىقى ئايەتلىرى پەقەت كۇپپارلارغىلا قىلىنغان تەنبىھ بولۇپ قالماستىن، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھىمايە قىلىش يولىدا چىدىغۇسىز ۋەزىيەتلەرگە تاقابىل تۇرىۋاتقان كەڭ مۆئمىنلەرگە بېرىلگەن خوشخەۋەر بولۇپ، بۇ ئايەتنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇلارغا ھازىر غالىپ كۆرىنىۋاتقان ناھەقچىلىك بايراقدارلىرىنىڭ چوقۇم مۆمىنلەرنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىدىن خوشخەۋەر بېرىلىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتمەيلا بۇ خوشخەۋەرنىڭ مۇنداقلا بىر تەسەللىي ئۈچۈن ئېيتىلغان سۆز بولماستىن، بەلكى ھەقىقەتەنمۇ مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ مۈستەھكەملەش ئۈچۈن ئالدىن بېرىلگەن ئەمەلىي رىئاللىقنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.

**** ******* ****** ******

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ ئالدىمىزدىكى يېڭى يىلدا قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەرخەير خوش.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر