سۈرە ياسىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (ئاۋازلىق)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (51)

877479
سۈرە ياسىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (ئاۋازلىق)

تۆۋەندە سۈرە ياسىننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە فاتىرنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە مەمۇنىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، سۈرە ياسىننىڭ ئاتىلىشى، نازىل بولغان ۋاقتى ۋە مەمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە ياسىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى

سۈرىنىڭ دەسلەپكى ئىككى ھەرپى ئىسمى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

 نازىل بولغان ۋاقتى

سۈرىنىڭ بايان ئۈسلۇبىنى مۇلاھىزە قىلغاندا ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى چاغلىرىغا ئائىت سۈرىلەرنىڭ بىرسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

مەزمۇنى

تۈپ مەقسەت، قۇرەيش كۇپپارلىرىنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان ئېيتىشقا ئۈندەش شۇنداقلا زۇلۇم ھەم مەسخىرە ئارقىلىق ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنىڭ يامان ئاقىۋېتىدىن قورقۇتۇش بولۇپ، سۈرىنىڭ ئاگاھلاندۈرۈش تۈسى ئىنتايىن روشەن ھەم قويۇق. ئەمما ئاگاھلاندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە دەلىللەپ چۈشەندۈرۈشمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىلىدۇ. دەلىللەش تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتا ئۈستىدە بولىدۇ.

1 ـ تەۋھىد ھەققىدە ئەقىل ھەم كائىناتتىكى ئالامەتلەردىن دېلىل كەلتۈرۈلىدۇ.

2 ـ ئاخىرەت ھەققىدە ئەقىلدىن، كائىناتتىكى ئالامەتلەردىن ۋە ئىنساننىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدىن  دەلىل كەلتۈرۈلىدۇ.

3 ـ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئكىگەنلىكىگە دەلىل كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ دەۋەت يولىدا غەرەزسىز مۇشەققەتلەرنى تارتىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ قىلىۋاتقان دەۋەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئەقىلگە ئۈيغۇن بولۇپ، دەۋەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

دەلىلىللەش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى قۇلۇپلارنىڭ پاچاقلىنىشى ئۈچۈن شۇنداقلا قەلبىدە زەررىچە ھەقسۆيەرلىك سالاھىيىتى  مەۋجۇت بولغان كىشىنىڭ چوقۇم تەسىرلىنىشى ئۈچۈن ئەسكەرتىش، ئاگاھلاندۈرۈش، تەنبىھ، تەنقىد، مالامەتلەرنى بىردەك ئۆز ئىچىگە ئالغان مەرمۇنلار ئىنتايىن قاتتىق تەلەپپۇزدا بايان قىلىنىدۇ.

ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي، ئىبنى ماجە، تەبىرانى رەھىمەھۇمۇللاھ قاتارلىقلارنىڭ مەئقىل ئىبنى يەسار دىن نەقىل قىلغان رىۋايىتىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈرە ياسىننى ”قلب القرآن“  يەنى، قۇرئاننىڭ قەلبى دەپ ئاتىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئوخشىتىش خۇددى سۈرە فاتىھەنى ”امّ القرآن“    يەنى، قۇرئاننىڭ ئانىسى دەپ ئاتىغانغا ئوخشايدۇ.

سۈرە فاتىھەنى ”قۇرئاننىڭ ئانىسى“ دەپ ئاتاشتىكى سەۋەپ ئۇنىڭ پۈتۈن قۇرئان تەلىماتلىرىنىڭ خۇلاسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى بولغاندەك، سۈرە ياسىننى ”قۇرئاننىڭ سوقۇپ تۇرغان يۈرىگى“ دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبىمۇ ئۇنىڭدا قۇرئاننىڭ تەلىماتلىرى ئىنتايىن جانلىق ھەم كۈچلۈك بايان قىلىدىغانلىقى، ئۇنى ئاڭلىغاندا قەلبتىكى قاتماللىق ئېرىپ روھ لەرزىگە كېلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە، مەئقىل ئىبنى يەساردىن نەقىل قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتىمۇ پەيغەمبەر ئەليھىسسالامنىڭ «اقرءوا سورة يس على موتاكم»«ۋاپات بولغۇچىلىرىڭلارغا سۈرە ياسىننى ئوقۇپ بېرىڭلار» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىكى ھېكمەت، ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىددىيەسىدە پۈتۈن ئىسلام ئەقىدىسىنى قايتىدىن يېڭىلاش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، دۇنيا ھاياتىنىڭ باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەمدىكى كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئاخىرەت مەنزىلىنىڭ پۈتۈن كارتىنىسىنىمۇ ئەينەن كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشى ئۈچۈندۇر. بۇ ھېكمەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرەپچە بىلمەيدىغان ئۆلۈش ئالدىدىكى كىشىگە نىسبەتەن ئەڭ مۇناسىپ بولىدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭغا سۈرە ياسىننى تىلاۋەت قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە تەجىمىسىنىمۇ تەڭ ئاڭلىتىش لازىم. شۇنداق بولغاندا ئەسكەرتىشنىڭ ھەققى تۇلۇق ئادا بولغان بولىدۇ.

**** ******* ****** ******

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ساففات66نىڭنازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر