سۈرە ئىھزاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (01)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 45 (ئاۋازلىق)

851328
سۈرە ئىھزاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (01)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە سەجدەنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە ئىھزابنىڭ ئاتىلىشى، نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە ئىھزاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (01)

 

ئاتىلىشى:

سۈرىنىڭ ئىسمى «يَحْسَبُونَ الْأَحْزَابَ لَمْ يَذْهَبُوا» «ئۇلار ھۇجۇمچى قوشۇننى چېكىنمىدى دەپ ئويلايدۇ» دېگەن 20 ـ ئايىتىدىن ئېلىنغان. 

 نازىل بولغان ۋاقتى:

سۈرىنىڭ مەزمۇنى ئۈچ موھىم نۇقتىلىق تىمىنى (يەنى، بىرىنچىسى ھىجرىيەنىڭ 5 ـ يىلى شاۋۋال ئېيىدا يۈز بەرگەن ئەھزاب غازىتىنى، ئىككىنچىسىسى،  ھىجرىيەنىڭ 5 ـ  يىلى زۇلقەدە ئېيىدا يۈز بەرگەن بەنى قۇرەيزە غازىتىنى، ئۈچىنچىسى، شۇ يىلى زۇلقەدە ئىيىدا زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىكاھلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ تارىخىي ۋەقەلەر ئارقىلىق سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتىنى توغرا بەلگىلىۋالغىلى بولىدۇ.

تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى:

ھىجرىيەنىڭ 3 ـ يىلى شاۋۋال ئىيىدىكى ئۇھۇد غازىتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەيىن قىلغان ئوقچىلار ئەترىتىنىڭ خاتالىقى تۇپەيلى ئىسلام قوشۇنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئەرەب مۇشرىكلىرى بىلەن يەھۇدىد، مۇناپىقلارنىڭ جۈرئىتى ئېشىپ، «ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى بىت ـ چىت قىلىشتا چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دېگەن ئۈمۈتلىرى پارلاشقا باشلىغان ئىدى. ئۇھۇد ئۇرىشى يۈز بېرىپ ئىككى ئايغىمۇ بارمىغان مۇددەت ئىچىدە نەجىدنىڭ بەنى ئەسەد قەبىلىسى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىنى تۇراش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”سەرىييە[1] ئەبۇ سەلمە“ (يەنى ئەبۇ سەلمە قوشۇنى)نى ئەۋەتتى. ئاندىن ھىجرىيەنىڭ 4 ـ يىلى سەفەر ئېيىدا، ئەزەل قەبىلىسى بىلەن قارە قەبىلىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىرقانچە ئادەمنىڭ كېلىپ ئۇلاغا ئىسلام دىنىنى ئۈگىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما رەجىئ (يەنى مەككە بىلەن جىددە ئوتتۇرىسىدىكى جاي)غا كەلگەندە ئۇلار ھۇزەيل قەبىلىسىنىڭ كۇپپارلىرىنى بۇ تەبلىغچى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلدۈردى. تەبلىغچى مۇسۇلمانلاردىن تۆت كىشىنى شەھىد قىلىپ، ئىككى كىشىنى (يەنى خۇبەيب ئىبنى ئەدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن زەيد ئىبنى ئەددەسىننە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى) مەككە كۇپپارلىرىغا سېتىپ بەردى. شۇ يىلى سەپەر ئېيىدا يەنە، بەنى ئامىر قەبىلىسىنىڭ سەردارىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنسار ياشلىرىدىن 40 كىشىنى (يەنە بىر رىۋايەتتە 70 دېيىلگەن) تەبلىغ ھەيئىتى قىلىپ، نەجىدكە ئەۋەتتى. ئەمما ئۇلارغىمۇ خىيانەت قىلىندى. بەنى سۇلەيمەن رىغىل ۋە زەكۇ قەبىلىلىرى «بىئرە مەئۇنە» (مەئۇنە قۇدىقى) دېگەن جايدا ئۇلارغا تۇيۇخسىز ھۇجۇم قىلىپ، ھەممەيلەننى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. بۇ جەرياندا مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار قەبىلىسى بەنى نەسىير قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئارقا ـ ئارقىدىن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا باشلىدى. ھەتتا ھىجرىيەنىڭ 4 ـ يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى شەھىد قىلىش ئۈچۈن سۇيقەست تۈزۈشتى. ھىجرىيەنىڭ 4 ـ يىلى جىمادۇل ئەۋۋەل ئېيىدىمۇ بەنى غەتفاننىڭ بەنو سوئلىبە ۋە بەنى مۇھارىب ئىسىملىق ئىككى قەبىلىسى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى باشلىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى توسۇش ئۈچۈن ئۆزى جەڭگە چېقىشقا توغرا  كەلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇھۇد ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ قارا قۇيۇنلىرى تاكى يەتتە ئايغا قەدەر توختىماي ئۆز  رەڭگىنى كۆرسىتىپ تۇردى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېڭىلمەس ئىرادىسى ھەم دەنا تەدبىرلىرى شۇنداقلا ساھابە كېراملارنىڭ جانپىدالىقى مەۋجۇت بولغاچقا، قىسقىغىنە مۇددەت ئىچىدە قارا قۇيۇننىڭ يۆنىلىشىنى پۈتۈنلەي ئارقىغا بۇراپ تاشلىۋىتەلىدى. گەرچە ئەينى  چاغدا ئەرەپلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە يەكلىشى تۇپەيلى مەدىنىدە تۇرمۇش ئىنتايىن قىيىنغا توختاپ قالغان، ئەتراپتىكى بارلىق مۇشرىك قەبىلىلەرمۇ ئىزچىل چىقىلىپ تۇرىدىغان بولىۇپ قالغان، ھەتتا مەدىنىنىڭ ئۆزىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن مۇناپىقلارمۇ يەڭ ئىچىدىكى يىلانغا ئايلىنىۋالغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئەشۇ ئازغىنە سادىق مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن ئىزچىل تۇردە قاتتىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۈپ، قىسقىغىنە مۇددەتتە ئىسلامنىڭ ئىلگىرىكى ھەيۋېتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

**** ***** **** *** *******

ئىھزاب ئۇرىشىدىن ئىلگىرىكى غازاتلار: 

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجى ھەرىكەت ئوھۇد ئۇرۇشىدىن كىيىنلا مەيدانغا كەلگەن ئىدى. كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار يارىدار، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردە شېھىت كەتكەن ئەزىزلىرىنىڭ ھازىسىسى باشلىنىۋاتقان، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىمۇ زەخمىلەنگەن بولۇپ، شېھىت بولغان تاغىسى ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پىراقىدا قەلبى قاتتىق پۇچىلىنىۋاتقان، تۇرۇقلۇق ئوھۇد ئۇرۇشىنىڭ ئەشۇ ئەلەملىك ئىككىنچى كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىسلام پىداكارلىرىنى چاقىرىپ، مەككە كۇپپارلىرىنىڭ مەدىنىگە قايتا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا قوغلاپ زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۆلچىرى ئىنتايىن توغرا ئىدى. چۈنكى ئوھۇد ئۇرىشىدا غەلىبە قىلىپمۇ ھېچ بىر مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەي قايتقان كۇپپارلارنىڭ يول ئۈستىدە ئۆزلىرىنىڭ ھاماقەتلىكىنى ئويلۇنۇپ قىلىشى ۋە ئارقىغا يېنىپ مەدىنىگە قايتا ھۇجۇم باشلىشى مۈمكىن ئىدى. شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ چىقىش قارارىغا كەلدى. شۇ ھامان  630 نەپەر پىداكار ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاتلىنىشقا ھازىرلاندى. مۇسۇلمانلار مەككە يولىدىكى «ھەمرائۇل ئەسەد» دېگەن جايغا كېلىپ ئۈچ كۈنگىچە بارىگاھ قۇردى. بۇ جەرياندا مۇسۇلمانلارنى قوللىغۇچى مەلۇم بىر كىشى خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئەبۇ سوفياننىڭ 2978 نەپەر ئەسكىرى بىلەن بىرلىكتە مەدىنىدىن 36 كېلومېتىر يىراقلىتىكى «ئەررەۋھا» دېگەن جايدا توختىغانلىقىنى، ئۇلار راستىنلا ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلىپ، مەدىنىگە قايتا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ لەشكەر تارتىپ ئۇلارنى قوغلاپ چىققانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي كېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ ھەرىكەت يالغۇز قۇرەيش كۇپپارلىرىنىڭ جاسىرىتىنى سۇندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئەتراپتىكى دۈشمەنلەرگىمۇ «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقەتەن شۇنچە سەگەك، ئاجايىپ غەيۇر، ئىرادىلىك بىر رەھبىرى بار ئىكەن، مۇسۇلمانلارمۇ ئۇنىڭ بىرلا ئىماسى بىلەن ھەردائىم ئۆلۈمگە تەييار تۇرىدىكەن» دېگەننى بىلدۈرۈپ قويدى.

بۇ ئىشلارنىڭ ئارقىسىدىن بەنى ئەسەد قەبىلىسى مەدىنىگە تۇيۇخسىز ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رازۋىتچىكلىرى دەل ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قەستىدىن خەۋەرلەندۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال 150 كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ، ئەبۇ سەلمە (يەنى ئۈممەتنىڭ ئانىسى ئۇممى سەلمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ دەسلەپكى يولدىشى) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ  يېتەكچىلىكىگە تاپشۇرۈپ دۇشمەنگە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنىنىڭ تۇيۇخسىز بېسىپ كەلگەنلىكىدىن ئەس ـ ھۇشۇنى يوقۇتۇپ قويغان دۈشمەنلەر ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پۈتۈن نەرسە كېرەكلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشتى. ئەمدىلىكتە بەنى نەسىر قەبىلىسىگە نۆۋەت كەلگەن ئىدى. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش سۇيقەستىنى تۈزۈپ پاش بولۇپ قالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ھەممىڭلار ئون كۈن ئىچىدە دەرھال مەدىنىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىڭلار، ناۋادا قانداقلا بىرىڭلارنى ئۇچرىتىپ قالساق، چوقۇم ئۆلتۈرۈپ تاشلايمىز» دەپ ئوقتۇرۇش بەرگەن ئىدى. ئەمما مەدىنە مۇناپىقلىرىنىڭ سەردارى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئۇلارغا: «مەدىنىدىن چىقىپ كەتمەي، مەھكەم تۇرىڭلار. مەن سىلەرگە ئىككى مىڭ كىشى بىلەن يارىدەم قىلىمەن، قۇرەيزە قەبىلىسىمۇ سىلەرگە يارىدەم قىلىدۇ. نەجىدتىن غەتەفان قەبىلىسىمۇ قاراپ تۇرمايدۇ» دىدى. بۇ گەپكە ئىشىنىپ كەتكەن بەنى نەسىر قەبىلىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «بىز مەدىنىنى تاشلىمايمىز، قولىڭدىن كەلگىنىنى قىل» دەپ سۆز يوللىدى. بەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېرىلگەن ئۇقتۇرۇشنىڭ مۇددىتى توشقان ھامانلا دەرھال ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن ھېچ بىرى يارىدەمگە كېلىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. ئاخىرى ئۇلار: «ھەر ئۈچ ئادىمىمىز بىر تۆگىگە قانچىلىك ئارتالىسا، شۇنچىلىك يۈك - تاق ئارتىپ مەدىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ» دېگەن شەرتنى قويۈپ ماقۇللانغاندىن كىيىن شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشتى. شۇنداق قىلىپ، مەدىنىدىكى بەنى نەسىرنىڭ پۈتۈن مەھەللىسى، ئۆي، ماكان، باغ، مال - ۋارانلىرى قاتارلىقلار مۇسۇلمانلارغا ئائىت بولدى. بۇ ئەھدىسىدە تۇرمىغان قەبىلە خەيبەرنىڭ «ۋادى قۇرا» دېگەن جايى بىلەن شامغا كېتىپ چېچىلىپ تۇگىدى. بۇنىڭ ئارقىدىن مەدىنىگە ھۇجۈم قىلىش مۆلچىرىدە بولىۋاتقان بەنى غەتەفان قەبىلىسىگە دېققەت مەركەزلەشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام 400 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، «زاتى رىقا» دېگەن جايدا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ تۇيۇخسىز ھۇجۇمدىن پاتىپاراق بولۇپ  كەتكەن دۈشمەنلەر ئۇرۇش قىلماستىن ئۆي، مال، مۈلۈك پۈتۈن نەرسىلىرىنى تاشلاپ تاغلارغا قىچىپ كېتىشتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ سۇفياننىڭ ئوھۇد ئۇرىشى مەيدانىدا ئىلان قىلغان ئۇرۇش چاقىرىقىغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ھىجرىيەنىڭ 4 ـ يىلى شەئبان ئېيىدا ئۇرۇشقا ئاتلاندى. چۈنكى ئەبۇ سوفيان ئۇھۇد ئۇرۇشى توختىغان چاغدا مۇسۇلمانلارغا ۋاقىراپ، «ان موعدكم بدر للعام المقتل» «كېلەر يىلى بەدىر مەيدانىدا سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا يەنە ئۇرۇش بولىدۇ» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابە ئارقىلىق «نعم، هي بيننا وبينك موعد» «بولىدۇ، ئەمىسە ئارىمىزدا شۇنداق كېلىشتۇق» دەپ جاكارلاتقان ئىدى. مانا شۇ كېلىشىمگە ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمدىلىكتە 1500 ساھابىلەرنىڭ ھەمرالىقىدا بەدىر مەيدانىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئوبۇ سوفيانمۇ 2000 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ يولغا چىقتى. ئەمما «مۇررۇز زەھران»  (يەنى ھازىرقى فاتىمە ۋادىسى) دېگەن جايغا كەلگەندە ئالغا ئىلگىرىلەشكە پىتىنالمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ئۇلارنى سەككىز كۈنگە قەدەر بەدىر مەيدانىدا ساقلاپ تۇردى. بۇ جەرياندا مۇسۇلمانلار بېكار تۇرماي تىجارەت قىلىپ بىر - ئىككى دەرھەم بولسىمۇ تاپقاچ تۇردى. بۇ ئىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئوھۇد ئۇرىشىدىن كىيىن يۈكسىلىشكە باشلىغان ھەيۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. ئەمدى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يالغۇز تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقى پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىغا ئايان بولغان ئىدى.

ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە شام چىگرىسىغا جايلاشقان  «دۇمەەتۇل جەندەل» (يەنى ھازىرقى ئەلجەۋف)  دېگەن جايدا مۇسۇلمانلارنىڭ قەددىنى تېخىمۇ يۈكسەلتكەن يەنە بىر ۋەقە يۈز بەردى. ئۇ ناھايىتى مۇھىم جىگرا رايۇن بولۇپ، ئىراق، مىسىر ۋە شام قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا قاتنايدىغان سودا كارۋانلىرى ئەشۇ يەردىن ئۆتەتتى. بۇ رايۇن كىشىلىرى كۆپ ھاللاردا كارۋانلارغا قول سېلىپ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرىيەنىڭ 5 ـ يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا 1000 كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش ئۈچۈن ئۆزى ئاتلاندى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، جايلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. بۇ ئىش پۈتۈن شىمالىي ئەرەب رايۇنلىرىدا ئىسلامنىڭ ھەيۋېتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. ئەمدىلىكتە پۈتۈن قەبىلىلەر: «مەدىنىدە باش كۆتۈرۋاتقان بۇ كاتتا كۈچكە تاقابىل تۇرۇش ھەرگىزمۇ بىر - ئىككى قەبىلىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس» دېگەننى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى.

**** ******** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ئەھزابنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 


[1]  -  ئىسلامىي تېرمىنلەردە، (يەنى تېرمىنولوگىيەدە) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتناشمىغان قوشۇن ”سەرەييە“ دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما قاتناشقانلىرى ”غازات“ دەپ ئاتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر