جامە، شەھەر ۋە مەدەنىيەت

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى – 40 (ئاۋازلىق)

817039
جامە، شەھەر ۋە مەدەنىيەت

 ئەزىز قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھنىڭ مەسجىتلىرىنى پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى توغرا ئادا قىلىدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە ئاللاھتىن باشقىسىدىن قورقمايدىغان كىشىلەر بىنا قىلىدۇ. مانا شۇلار توغرا يولدا بولۇشى ئۈمىد قىلىنىدىغانلاردۇر» (سۈرە تەۋبە، 18 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس – شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«شەھەرلەرنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك جايلىرى جامەلەردۇر» (مۇسلىم)

ئەزىز قېرىنداشلار! قېنى بۈگۈنكى خۇتبىمىزدە ئاشۇرە كۈنىنى ۋە شۇ كۈنى ھەممىمىزنى قايغۇغا غەرق قىلغان كەربالا ۋەقەسىنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتەيلى! شېھىتلارنىڭ سەرتاجى، جەننەت ياشلىرىنىڭ سەردارى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 2 ئارزۇلۇق نەۋرىسىدىن بىرسى بولغان مۆئمىنلەرنىڭ كۆز قارچۇغۇسى ھەزرەتى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەھھۇنى خەيرىلىك دۇئالىرىمىز بىلەن ئەسلەپ ئۆتەيلى! بۇ مۇنسىۋەت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا دۇرۇت – سالاملار يوللايلى!

بۈگۈنكى خۇتبىمىزدە يەنە، بىر جامەنى ھەمدە چارەك ئەسىردىن بۇيان بىز تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان جامەلەر ۋە دىنىي زاتلار ھەپتىسىنىمۇ ئۇنۇتمايلى! جامەنى قايتىدىن شەھەرنىڭ قەلبىگە، ھاياتنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ۋە مەدەنىيەت بۆشىكىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ يوللىرى ئىزدىنەيلى! مەسجىتنىڭ ھاياتىمىزدا نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قايتىدىن ئەستايىدىل ئويلاپ چىقايلى!

ئەزىز قېرىنداشلار! جامەلەر ئىسلام مەدەنىيەتىنىڭ قەلبىدۇر. مەدەنىيەتىمىزدە ھېچ بىر شەھەرنى جامەسىز، مەسجىتسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدەنىگە بارغاندا ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەدىنىنىڭ قەلبىگە دەرھال مەسجىدى نەبەۋىنى بىنا قىلغان ئىدى. مەسجىدى نەبەۋى مەدەنىنىڭ مەركىزى ۋە ئىسلام  مەدەنىيەتىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئىدى. ئىلىم، ئىرپان، ئەخلاق، ئادالەت، سۆيگۈ، مېھرى – شەپقەت قاتارلىق قىممەت قاراشلار بۇ مەقەددەس جايدىن دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىغا باسقۇچمۇ باسقۇچ كېڭەيگەن ئىدى. شۇنىڭدىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىسلام دىيارلىرى جەمەلەرنىڭ ئەتراپىدا شەكىللىنىدىغان بولدى. يېغىپ ئېيتقاندا، جامە شەھەرنىڭ رۇھىغا ئايلاندى.

ئەزىز قېرىنداشلار! بىز مۆئمىنلەرگە نىسبەتەن جامە بىر ھاياتتۇر. چۈنكى جامەلەردە يالغۇز ئاللاھقىلا بەندە بولۇشنىڭ، پەقەت ئۇنىڭ ھوزرۇدىلا ئىگلىىشنىڭ لەززىتىنى يىلىكلىرىمىزگە قەدەر ھېس قىلىمىز. جامەلەر بىزنى تۇرمۇشنىڭ تۈگىمەس - پۈتمەس ۋاراڭ چۇرۇڭلىرىدىن تارتىپ ئېلىپ، مەنىۋىي مۇھىتى ئارقىلىق يېڭى بىر ئاڭ ۋە ھېس - تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ. ھاياتىمىزغا يېڭىدىن ھاياتلىق بەخش ئېتىدۇ. ھېس – تۇيغۇ، چۈشەنچىلىرىمىزنى بىر بىرىگە چەمبەرچەس باغلاپ بىزنى تەربىيەلەيدۇ. مانا بۇ جەھەتتىن جامەلەر بىزگە نىسبەتەن ھەر دائىم بىلىم، ھېكمەت ۋە ئەخلاقنىڭ ماكانى بولۇپ كەلمەكتە.  رەببىمىزنى دىنىمىزنى، كىتابىمىزنى، پەيغەمبىرىمىزنى، قېرىنداشلىقىمىزنى ۋە ھاياتنى ئۆگىنىدىغان مەكتىپىمىز بولۇپ كەلمەكتە.

جامەلەر ئاللاھنىڭ ھوزورىدا قەلبلىرىمىزنى بىرلەشتۈرىدىغان جايدۇر. جامەلەر مۇرىنى – مۇرىگە تىرەپ، بىر سەپتە تۇرغاندا، قىيامدا، رۇكۇ ۋە سەجدىدە بىز ئىگە بولغان بىردەكلىك رۇھىمىزنى جەمئىيەتكە ئەمۇملشتۇرۇشىمىز ئۈچۈن بەرپا قىلىنىدۇ. جامەلىرىمىز قولىدىن ۋە تىلىدىن باشقىلار ئەمىن بولغان ئىشەنچلىك مۆئمىن ئوبرازىنى، ئىپتىخارلىنىشقا تېگىشلىك ھەقىقىي ئۈلگىلىك ئىنسان بولۇش ئېڭىنى ئۆيلىرىمىزگە، مەھەللىلىرىمىزگە، دۆلىتىمىزگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈشىمىز ئۈچۈن بىنا قىلىنىدۇ. 

ئەزىز قېرىنداشلار! جامەلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىسلام دىيارلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. مۇنارى تەۋھىدنىڭ سېمۋولى، ئەزانلىرى شاھادەتنىڭ ئىپادىسى، دۇرۇت – سالاملىرى بىر مىللەتنى يېڭىدىن تېرىلدۈرۈپ ئورنىدىن دەس تۇرغۇزىدىغان نۇقتىلىق ئامىللاردۇر. مۇنبەرلىرى بولسا، ئىلىم – ھېكمەت ۋە مەرىپەت ماكانىدۇر. خۇتبە مۇنبەرلىرى، ھەق ۋە ھەققانىيەتنىڭ ساداسى شۇنداقلا مېھرابلىرى كۆڭلىمىزنى مەھلىيا قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان گۇناھلارغا، غەزەپ- نەپرەت قاتارلىق ھەر خىل يامانلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلىش مەركىزىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! دىنىي ئىشلار ئىدارىمىز جامەلەر ۋە دىنىي زاتلار ھەپتىسى پائالىيىتىنىڭ بۇ ھەپتىلىك تېمىسىنى «جامە، شەھەر ۋە مەدەنىيەت» دەپ بىكىتتى. بىر ھەپتە بۇيىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق جامەلەرنىڭ بىر مۆئمىننىڭ يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشى، بىر شەھەرنىڭ يېڭىدىن رۇھقا سازاۋەر بولۇشى، بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۇتتۇرىغا چىقىشىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتى تەكىتلىدۇ. جامالەرنى سائادەت دەۋىردىكى ھەقىقىي رولىغا ئىگە قىلىش مۆئمىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولماس ۋەزىپىمىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جامەلەر ۋە دىنىي زاتلار ھەپتىسىنىڭ خەيرىلىك ئىشلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى تېلەيمىز. جامەلىرىمىزگە ھەسسىسى بولغان ۋە ئاخىرەتكە كېتىپ قالغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، ھايات قېرىنداشلىرىمىزغا خاتىرجەملىك ۋە سالامەتلىك تېلەيمىز.

ئاللاھ قەلبىمىزنى، پىكىر - ئىددىيەلىرىمىزنى ۋە بەدەنلىرىمىزنى جامەلەردىن ئايرىمىسۇن!

شاھادىتى دىننىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدىغان ئەزانلىرىمىزدىن بىزنى مەھرۇم قىلمىسۇن ئامىن! 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر