ھازىرقى دۇنيا تۈزۈمىنىڭ قۇربانى: ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار

تەتقىقاتچى ئەردال شىمشەكنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

809394
ھازىرقى دۇنيا تۈزۈمىنىڭ قۇربانى: ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار

بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بىر ئاز سانلىقلار توپى ئۆزى تەۋە بولغان ھاكىمىيەت تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا قەتل قىلىنماقتا، يۇرت-ماكانلىرى ۋەيران قىلىنىپ ئۆيلىرى كۆيدۈرۈلمەكتە، بۇلار يەتمىگەندەك بۇ كىشىلەر قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال دېيىلمەستىن قىرغىن قىلىنماقتا ياكى چوڭ پىچاقلار بىلەن ۋۇجۇدلىرى پارچىلانماقتا، پەرزەنتلىرى ۋە ياشانغانلىرى دەريالارغا تاشلىنىپ غەرق بولماقتا. بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولسا بىر دۆلەت ۋە بۇ دۆلەت قوللىغان مىللەتچى بۇددىست راھىب، ئەسكەر ۋە پۇقرادۇر.

قەتل قىلىنغانلار روھىڭيالىقلار ئەمەس بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر، ب د ت قاتارلىق بارلىق خەلقئارالىق ئورگانلار بۇ چىدىغۇسىز زۇلۇمغا سۈكۈت قىلدى، ھەتتا روھىڭيالىقلار مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئەكسىچە، نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەت جىم تۇرۇۋالدى، بىراق بىر زات بۇنداق قىلمىدى، ئۇ بولسىمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولۇپ، ئۇ  بۇ  ۋەھشىيانە زۇلۇمغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنى خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلدى.

ئىسان ھەقلىرىدىلا ئەمەس مۇھىت ۋە ھايۋان ھەقلىرى مەسىلسىىگىمۇ سەزگۈر مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى  ۋە غەرب دۆلەتلىرى نېمىشقىدۇر روھىڭيالىقلار دۇچار بولىۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلدى. ياۋروپا ۋە غەربنىڭ بارلىق مەنىۋى قىممەت قاراشلىرى تەخمىنەن 35 يىلدىن بۇيان يەنە ئۆزلىرى  تەرىپىدىن قەتل قىلىندى، ئەپسۇس غەربنىڭ قولى مەنىۋى بايلىق جەھەتتىن قۇرۇقدىلىپ قالدى. غەرب بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى «ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە»دېگەن شوئارنى كۆككە كۆتۈرۈپ چىقىسا، ھەممە ئادەم بۇ شوئارنىڭ كەينىدە چوقۇم ئىقتىسادىي مەنپەئەت ياتىدىغانلىقىنى بىلىپ بولدى، بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى ۋىجدانى تېخىمۇ ئۆلمىگەن غەربلىكلەرمۇ ئوبدان بىلىدۇ، غەرب ئۆز مەنىۋى بايلىق ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئۆز قولى بىلەن نابۇت قىلىۋەتكەن مەدەنىيەت ئىگىلىرى سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىگە خاتىرىلىنىدۇ. قارىغاندا بىز بۇ تىراگېدىيەگە شاھىت بولىدىغاندەك تۇرىمىز.

غەرب دۇنياسى چەرەك ئەسىر ئىلگىرى ياۋروپانىڭ كىندىكىدىكى بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادا مەيدانغا كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇپ ئۆزىنىڭ ئۆلۈم پەرمانىنى ئۆزى ئىمزالىغانىدى، كېيىنچە لىبېرىيەدە يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشقا تۇتۇلغان پوزىتسىيەمۇ ئوخشاش بولدى. ئىراق بىلەن ئافغانىستاننىڭ يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ئىشغال قىلىنىۋېلىشىمۇ  دۇنيانىڭ غەرب دۇنياسىغا بىلەن ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ سۇسلاشتۇرۇۋەتتى، ئەرەب باھارىغا تۇتۇلغان پوزىتسىيە بولسا ئاخىرقى ئۈمىدلەرنىمۇ خورىتىۋەتتى.

غەرب ئەللىرىنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلىشىدىمۇ مۇرسىنى ئەمەس ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ئابدۇل فەتتاھ سىسىنى قوللىشى، مېنىڭچە غەرب قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئاخىرقى تىنىقىنىڭمۇ تۈگىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا، غەربنىڭ تۈركىيەدىمۇ دېموكراتىك ئۇسۇللار بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئاغدۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنغۇچىلارغىمۇ قۇچاق ئېچىشىمۇ غەربنىڭ ئىككى يۈزلۈمىچىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاخىرقى ھادىسە ئىدى. تۈركىيەدە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى بولغان ئەسكەرلەر يۈزلەرچە كىشىنى قەتل قىلىپ، مىڭلارچە كىشىنى يارىلاندۇرغان بولسىمۇ، غەرب دۇنياسى بۇ تېررورچىلارغا قۇچاق ئېچىپ ھەممىسىگە دېگۈدەك سىياسىي پاناھلىق بەردى. نۆۋەتتە بولسا غەرب دۇنياسىنىڭ ئاراكاندىكى ۋەھشىيانە زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىشىگە خاپا بولمىساقمۇ بولىدۇ، چۈنكى ھەممە ئادەم دېموكراتىيە، باراۋەرلىك، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەخلاققا ئوخشاش ئۇقۇملاردىن غەربنىڭ پەقەت مەنپەئەتىگە توغرا كەلسە كۆككە كۆتۈرىدىغان بولمىسا بىر چەتكە قايرىپ قويدىغان ئۇقۇملار ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىپ كەتتى، ئەسلىدە ئاراكاندا يۈز بەرگەن ھادىسىلەر سۈرىيە، ئىراق ۋە لىۋىيەدىكى ۋاكالەت ئۇرۇشىدىن قىلچە پەرقسىز، غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىپ كېتىشىنى، شۇنداقلا يېڭى يىپەك يولى ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى خالىمايدۇ.

دۇنيا دېڭىز سودىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مالاكاۋ بوغۇزى بولماي تۇرۇپ ئاقمايدۇ، مالاكاۋ بوغۇزى بولغان رايوندا بولسا دەل خىتايغا تۇتۇشىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز لىنىيەلىرى مەۋجۇت، خىتايغا نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم بولغان بۇ ئېنېرگىيە لىنىيەسىنىڭ خەتەر ئاستىغا كىرىپ قېلىشى خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ.

بۇ لىنىيەلەر دەل ئاراكاندىن ئۆتىدۇ، بىرما دۆلىتى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە روھىڭيالىق مۇسۇلمانلارغا ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇملارنى سېلىپ كەلمەكتە. كىشىنى ئېچىندۈردىغىنى شۇكى، 2010-يىلدىن بۇيان بۇ بېسىم ئىرقىي قىرغىنچىلىقىچە بېرىپ يەتتى. زوراۋنلىق زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە تۇيۇقسىزلا ئاچارچىلىق گىردابىدا ياشاۋاتقان روھىڭيادا تولىمۇ ئىلغار ۋە قىممەت باھالىق قوراللار بىلەن قوراللانغان بىر تەشكىلات پەيدا بولۇپ قالدى، بۇ تەشكىلات دەسلەپ روھىڭيالىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ  يۈردى،بىراق ئېلىپ بارغان ھەر بىر ھەرىكىتى روھىڭيالىقنىڭ چەككەن ئازابىنى يىنىكلىتىش ئۇياققا تۇرسۇن تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.

خىتاينىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە لىنىيەلىرى ۋە دېڭىز سودىسىنىڭ %80گىچە بولغان قىسمىنىڭ ماكالاۋ بوغۇزى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى خىتاينى تەھدىت سۈپىتىدە كۆرىدىغان چوڭ كۈچلەرنى يېڭى چارىلەرنى تىپىشقا ئىتتىردى.  ئافغانىستان بىلەن ئىراققا ئاتالمىش قىرغۇچى قوراللارنى تازىلاش ئۈچۈن بېسىپ كىرگەنلەرنىڭ غەرىزىنىڭ باشقا ئىكەنلىكى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاشكارىلاندى. بۇ ئىشلار بولغاندىن كېيىنمۇ غەرب ئەسكەرلىرىنىڭ ھېلەم بۇ دۆلەتلەردە نېمە ئۈچۈن تۇرىدىغانلىقلىرىنى مەسىلە سۈپتىدە تىلغا ئېلىپ باققان غەرب زىيالىلىرىنىڭ بولماسلىقىمۇ سىزنى ئويلاندۇرمامدۇ؟

1991-يىلدىن بۇيان غەربنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قوزغىغان ۋاكالەت ئۇرۇشى تولىمۇ ئەپسۇسكى ئاسىياغىمۇ كېڭەيدى، مەن بىرما دۆلىتىنىڭ دەرھال ھوشىنى تېپىپ بۇ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، روھىڭيالىق مۇسۇلمانلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار قىلىنىپ رايوننىڭ بىخەتەرلىك، ئېتنىك ۋە سىياسىي خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھادىسىلەر نوقۇل روھىڭيالىق مۇسۇلمانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدىغاندەك ئەمەس، دۇنيانىڭ بۇ خەتەرلىك ۋاكالەت ئۇرۇشىغا ۋاستە قىلىنماسلىقىنى ئارزۇ قىلىمەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر