ئايەتەل كۇرسىدىن بىز ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى – 32 (ئاۋازلىق)

788083
ئايەتەل كۇرسىدىن بىز ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەر

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ھەمىشە ھايات تۇرىدىغان ۋە پۈتۈن كائىناتنى ئىدارە قىلىدىغان زاتتۇر. ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، زېمىن ۋە ئاسمانلاردىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭلا مۈلكىدۇر. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؟ ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ئالدىدىكىنىمۇ بىلىدۇ ۋە ئارقىسىدىكى (يەنى ئۇلارغا كۆرۈنمەيدىغان) ئىشلارنىڭمۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار (ئىنسانلار) ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان- زېمىننى ساقلاش، ئۇنى ھاردۇرۇپ قويىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇ ھەممىدىن ئۇلۇغ ۋە ئەڭ  يۈكسەك زاتتۇر.[1]»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ: «نامازنىڭ ئارقىدىن كىم ئايەتەل كۇرسىنى ئوقۇسا، ئىككىنچى ناماز ۋاقتى كەلگىچە ئۇ ئاللاھنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولىدۇ[2]» (تەبەرانى)

ئەزىز قېرىنداشلار! قۇرئان كەرىمدە ئايەتەل كۇرسى دەپ ئاتىلىدىغان ئىنتايىن ئېسىل بىر ئايەت بار. بۇ ئايەتتە رەببىمىز ئۆزىنى بىزلەرگە ئىنتايىن پاساھەتلىك بىر شەكىلدە تونۇشتۇرىدۇ. ئۇلۇغ ئىسىم - سۈپەتلىرىدىن ئۆرنەكلەرنى بېرىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «نامازنىڭ ئارقىدىن كىم ئايەتەل كۇرسىنى ئوقۇسا، ئىككىنچى ناماز ۋاقتى كەلگىچە ئۇ ئاللاھنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولىدۇ» (تەبەرانى) دېگەن ئىدى. بۇ ئارقىلىق بىزلەرگە بۇ ئايەتنى ئوقۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! بۈگۈنكى خۇتبىمىزدە ئايەتەل كۇرسى بىزگە ئۆگەتكەن ھەقىقەتلەرگە ھەممىمىز تەڭ قۇلاق سالايلى!

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ئايەتەل كۇرسى بىزلەرگە ئۆگەتكەن 1 – ھەقىقەت؛ «اللّهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ»  يەنى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلۇقى بولۇپ، ھەممىمىز ئاللاھنىڭ قۇللىرىمىز. ھەممىمىز ئۇنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ئاجىزمىز. ھەممىمىز ئۇنىڭ ياردىمىغا، رەھمىتىگە ۋە مەغپىرىتىگە مۇھتاجمىز. دۇنيادا خىلمۇخىل مەقسەتلىرىمىزنى قوللىرمىزنى ئاچقان ھالدا تېلىيەلەيدىغان يىگانە پاناھگاھىمىز ۋە تايانچىمىز ئاللاھتۇر. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز، رەببىمىزگە لايىقىدا بەندە بولۇش، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن سىراتەل مۇستەقىمدىن (توپتوغرا يولدىن) ئايرىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

رەببىمىز «الْحَيُّ الْقَيُّومُ» يەنى، ھەر دائىم تېرىكتۇر ۋە ئەبىدىيدۇر. ھاياتلىق بەرگۈچىدۇر. ھەممە نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز دۇنيانىڭ ۋە بۇ پانى ھاياتنىڭ بىر ئامانەت ئىكەنلىكىنى بىلىش ئاساسىدىكى ئاڭ بىلەن ھايات كەچۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

«لاَ تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلاَ نَوْمٌ» يەنى، ئاللاھ بىزنىڭ يارىتىلىش تەبىئەتىمىزگە خاس ئالاھىدىلىكلەردىن پاكتۇر. ئۇ ھەر بىر لەھزىمىزگە، ھەر بىر ھەرىكىتىمىزگە ھاكىمدۇر. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىق ۋەزىپىمىز. رەببىمىزنىڭ بىزلەرگە شاھ تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى ئەقلىمىزدىن چىقارماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

«لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الأَرْضِ» يەنى، كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا ئائىتتۇر. پادىشاھلىق ئۇنىڭغىلا خاستۇر. ھۆكۈمرانلىق ئۇنىڭ، نېمەت ئۇنىڭ، مەۋجۇتلۇق ۋە يوقلۇقمۇ، نامراتلىق ۋە باي – باياشاتلىقمۇ ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز. ھەر قانداق چاغدا زىكرى قىلدىغان بىر تىلغا، شۈكىر قىلىدىغان بىر قەلبكە، تەپەككۈر قىلىدىغان بىر مېڭىگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

«مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلاَّ بِإِذْنِه» يەنى، رەببىمىزنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ، ھېچ كىشى بىزگە پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، زىيانمۇ سالالمايدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قىممەتكە ئىگە ھېسابلىنىدىغىنى ئۇنىڭغا بولغان ئىمانىمىز، تەسلىمىيىتىمىز، سەدىقىلىرىمىز ۋە سالىھ ئەمەللىرىمىزدۇر. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز، رەببىمىزگە بەرگەن ئىمان ۋەدىمىزنى قوغداش، ئۇنىڭ رىزاسىغا پەقەت سالىھ ئەمەللىرىمىزنى، تەۋبىمىزنى ۋە يالۋۇرۇشلىرىمىزنى ۋەسىلە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. 

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ئايەتەل كۇرسى بىزگە ئۆگەتكەن يەنە بىر ھەقىقەت؛ « يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ» يەنى، ھېچ قانداق نەرسىنىڭ رەببىمىزدىن مەخپىي ئەمەسلىكىدۇر. ئۇ تىلىمىزدىن تۆكۈلگەن ھەر بىر سۆزنى، كۆڭلىمىزدىن ئۆتكەن ھەربىر ھېس – تۇيغۇنى، زىھنىمىزدىكى ھەر بىر چۈشەنچىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن يامانلىقلاردىن قېچىش، قولىمىزنى، تىلىمىزنى ۋە ئىددىيە،  قەلبلىرىمىزنى ياخشىلىقلارنىڭ مەركىزىگە ۋە خىزمەتكارىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. 

«وَلاَ يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِلاَّ بِمَا شَاء» يەنى، رەببىمىز ئىلىم ۋە ھەقىقەتنىڭ يىگانە مەنبەسىدۇر. ئۇ بىلدۈرمىسە بىلەلمەيمىز. ئۇ ئاڭلاتمىسا، ئاڭلىيالمايمىز، ئۇ سۆزلەتمىسە سۆزلىيەلمەيمىز، ئۇ كۆرسەتمىسە كۆرەلمەيمىز. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، ھەر دائىم ھەق تەرەپتە تۇرۇش ھەققەتنىڭ تەرجىمانى بولۇش، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ھەق ۋە ھەققەتنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاشتىن ئىبارەتتۇر. كۆرۈنۈشى  ھەققانىيەتچى ئەمما ئەمەلىيەتتە ئالدىمچىلاردىن سەگەك بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

«وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ وَلاَ يَؤُودُهُ حِفْظُهُمَا» يەنى، رەببىمىزنىڭ قۇدرىتى، ئۇلۇغلۇقى، كاتتىلىقى ۋە ئىلمى ھەممە نەرسىنى قورشاپ تۇرىدۇ. ئۇ قىلچە ئاجىزلاپ قالماستىن، ھەممە نەرسىنى باشقۇرىدۇ. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، بەندىچىلىك ۋە ئىبادەتلىرىمىزنى پەقەتلا ئالەملەرنىڭ رەببىگە خاسلاشتۇرۇش، قۇلغا قۇللۇق قىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى «وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ» يەنى، ھەر تۈرلۈك ئۈستۈنلۈك ۋە ئۇلۇغلۇق پەقەتلا ئاللاھقا خاستۇر.

بىزلەر بۇ ھەقىقەتنى نامازلىرىمىزنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە تىلغا ئېلىپ تۇرىمىز. رۇكۇلىرىمىزدا «سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم» دېسەك، سەجدىلىرىمىزدە «سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا» يەنى، شانى ئۇلۇغ رەببىمىز ھەر تۈرلۈك كەمچىللىكلەردىن پاكتۇر. دېيىش ئارقىلىق رەببىمىزنى ئۇلۇغلايمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار! قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! ئەياتەل كۇرسىنىڭ بۇ چوڭقۇر ھەقىقەتلىرىنى قايتىدىن تەپەككۈر قىلايلى! ھەر كۈنى بىز ئوقۇيدىغان ئايەتەل كۇرسى رەببىمىز بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىمان ئەھدىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى بولسۇن!

يامانلىقلارغا قارشى قالقان ھېسابلىنىدىغان نامازلىرىمىزدىن كېيىن بىز ئوقۇيدىغان بۇ ئايەت، بىزلەرنى ھەر تۈرلۈك يامانلىقلاردىن، بالايى – قازا ۋە مۇسىبەتلەردىن قوغدىسۇن!  

رەببىمىز بىزلەرنى ئايەتەل كۇرسىنىڭ ھەقىقەتلىرىدىن ئۇلۇغ كىتابىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىدىن بىر دەممۇ ئايرىلمايدىغان قىلسۇن! ئامىن!!!!   

 


[1] - سۈرە بەقەرە 255 – ئايەت

[2] - تەبەرانى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر