تۈركىيە: گېرمانىيە بىلەن ياۋروپا قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟

تەتقىقاتچى ئىبراھىم كالىننىڭ «تۈركىيە: گېرمانىيە بىلەن ياۋروپا قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟ »سەرلەۋھلىك ماقالىسى

780827
تۈركىيە: گېرمانىيە بىلەن ياۋروپا قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟

تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ئىشەنچ، مەنپەئەت، باراۋەرلىك ۋە ھۆرمەتنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تامامەن مۇمكىن بولىدۇ ۋە مۇشۇنداق قىلىش تولىمۇ زۆرۈر. تۈركلەر، نېمىسلار ۋە ياۋروپالىقلار ھەممە ئادەمگە زىيان بېرىدىغان مەنتىقسىز ئىش-ھەرىكەت، پوزىتسىيەلەر ۋە مەسئۇلىيەتسىز سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم.

تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تۈركىيەدە بۇ يىل ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدىن بۇرۇن يۈز بېرىپ بىر نەچچە  ئاي داۋاملاشقان سۈركىلىشلەردىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە- ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئېچىش ئۈچۈن بۇ يىل مايدا بىريۇسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئەردوغان بۇ دائىرىدە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ھەممە بۇ سۆھبەتلەردىن ئىجابىي نەتىجىلەرنى كۈتۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئۆتكەن ھەپتە تۇيۇقسىز گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرائېل گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە سىياستىىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەجابا گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە سىياسىتىدە ئۆزگەرتىش ھاسىل قىلىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟

يېقىنقى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن ئىككى مۇھىم ھادىسەنىڭ گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇنىڭ بىرى بىر گېرمانىيە پۇقراسىنىڭ تۈركىيەدە قانۇنسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ  نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى بولسا، يەنە بىرى تۈركىيەدە  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تۈركىيەدىكى گېرمانىيە شىركەتلىرى ئۈستىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق پەيدا  بولغان قاراشلار ئىدى. ھەتتا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى گېرمانىيە پۇقرالىرى بىلەن شىركەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بايانات بېرىشتىمنمۇ يالتايمىدى، ئەمەلىيەتتە بۇ قاراشلار پۈتۈنلەي ئاساسىزدۇر.

مەيلى گېرمانىيە پۇقرالىرى بولسۇن مەيلى باشقا دۆلەت پۇقرالىرى بولسۇن تۈركىيەدە ھەر ۋاقىت ساياھەت قىلالايدۇ ۋە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ تەھدىت ئاستىدا بولمايدۇ ۋە ھېچقانداق خەتەر كەلمەيدۇ. گېرمانىيە پۇقراسىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش ۋەقەسىگە كەلسەك، بۇ بىر قانۇن دائىرىسىگە كىرىدىغان ۋەقە بولۇپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، خالاس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈستىدە قانۇنىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىرمۇ گېرمانىيە شىركىتى يوق. نۆۋەتتە تۈركىيەدە 7000 ئەتراپىدا گېرمانىيە شىركىتى بار بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ بىر قىسمى تەخمىنەن بىر ئەسىردىن بۇيان تۈركىيەدە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانماقتا. 15-ئىيۇلدىكى داربە ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۈركىيەدە بىرمۇ چەت ئەل شىركىتى تاقىۋېتىلگىنى يوق، ھەتتا ئۈستىدە قانۇنىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىشمۇ بولمىدى. تاقىۋېتىلگەن ياكى مۇسادىرە قىلنغان شىركەتلەر پەقەتلا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغىلا تەۋە شىركەتلەردۇر.

تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرۈشنىڭ ياكى ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ يوللۇق ۋە مەنتىلىق بىرمۇ سەۋەبى يوق. يۈز مىڭلارچە گېرمانىيە پۇقراسى ھەر يىلى تۈركىيەدە دەخلسىز ۋە توسالغۇسىز ساياھەت قىلىپ گېرمانىيەگە ساق-سالامەت قايتىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق تۈرك گېرمانىيەدە پۇقرالىق سالاھىيىتى ياكى ئىقامەت بىلەن ياشىماقتا. مەسىلىگە قايسى نۇقتىدىن قارىساق قارايلى، بۇ كىشىلەرگە تەھدىت سۈپىتىدە قاراشنىڭ قىلچە ئورنى يوق.

ئانگېلا مېركېل باشچىلىقىدىكى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ، تۈركىيە گېرمانىيە بىلەن ھەر سەۋىيەدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. ئاسلىمىلاتسىيە ۋە پۈتۈنلىشىش، مەدەنىيەت جەھەتتىكى خىلمۇ خىللىق ۋە سۈرىيە ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەت كېلىشەلمىدى. بۇنىڭدىن سىرت، گېرمانىيە باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆچمەنلىك كېلىشىمى ياۋروپاغا  تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆچمەن دولقۇنىنىڭ پەسىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى، يەنە كېلىپ ۋەزىيەت مۇشۇنداق سەزگۈر تۇرۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى نورمال ھالەتتە تەرەققىي قىلدى.

لېكىن گېرمانىيەنىڭ بۇ يىل 16-ئاپرېلدىكى رېفېراندۇمغا تۇتقان پوزىتسىيەسى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. مىنىستىرلار بولۇپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە مەنسۇپ تۈرك سىياسەتچىلەرنىڭ گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر بىلەن دېدارلىشىشىنىڭ گېرمانىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلىنىشىنىڭ ئەمەلىيتتە ھېچقانداق ئەمەلىي قىممىتى يوق. رېفېراندۇمغا قارشى چىققۇچىلارغا گېرمانىيەدە ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولسا، رېفېراندۇمنى قوللىغۇچىلارغا بولسا رۇخسەت قىلىنمىدى. گېرمانىيە تاراتقۇلىرى بىلەن سىياسەتچىلەر تۈركىيەدە يىغىلىش ئەركىنلىكىدە مەسىلە بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە، لېكىن يىغىلىش ئەركىنلىكى دائىرىسىدە گېرمانىيەدە ئەردوغاننىڭ تۈركىيە پۇقرالىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى، گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ۋە سىياسەتچىلىرى بۇ ئىشقا قارشى چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بىر قىسىم كاتتىباشلىرى تۈركىيەدىكى رېفېراندۇمغا قارشى چىقىش، شۇنداقلا پ ك ك نىڭ ئىدىئولوگىيەسى بىلەن تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى يوللۇق ۋە قانۇنلۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن گېرمانىيەدە يىغىلىش ۋە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈشتى، گېرمانىيە ھۆكۈمتىى ئۇلارغا قارشى چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن شارائىت يارىتىپ بەردى، ھەتتا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا گۇماندارلارغا  كەڭ قۇچاق ئاچتى.

نۆۋەتتە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە ۋە پ ك ك غا تۇتقان پوزىتىيەسى ۋە يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ تەشۋىق قىلماقتا، ھەتتا ياۋروپادىكى نوپۇزى ۋە كۈچىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا، پ ك ك غا بولسا يول ئېچىپ بېرىشكە چاقىرماقتا. بۇ ھەقىقەتەن ئەقىلگە مۇۋاپىق سىياسەتمۇ؟ بۇ ئەقىلدىن خالىي قىلمىش ۋە سىياسەت تۈركىيەگىلا زىيان ئېلىپ كېلەمدۇ؟ گېرمانىيە ناتو ئىتتىپاقدېشى بولغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نامزات دۆلىتى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيەگە ئوچۇق دۈشمەنلىك قىلىپ كېلىۋاتقان پ ك ك، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا يەنە قانچىلىك كۆز يۇمۇپ تۇرىدۇ؟ گېرمانىيە ياكى باشقا بىر دۆلەت ناۋادا تۈركىيە گېرمانىيەگە رەھىمسىزلەرچە ۋە ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە دۈشمىنى كىشى ياكى تەشكىلاتقا يول ئېچىپ بەرگەن بولسا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان بولاتتى؟

شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ يىل گېرمانىيەدە سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلاملارنىڭ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ھادىسىلەردە رولى چوڭدۇر.  گېرمانىيە ھۆكۈمىتى  تۈركىيەگە قارشى سىياسەتلەر ۋە تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق  خەلقنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىشنى كۆزلىمەكتە. ياۋروپادىكى بىر قىسىم سىياسەتچىلەر ئەينەكتە ئۆزىگە قاراش ۋە ئۆزىنىڭ كۆرنۈشلىرى توغۇرلۇق ئويلىنىشتىن قېچىش ئۈچۈن تۈركىيەنى مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ ھەرىكەت قىلماقتا. تۈرك ئوبرازىنى «ياۋايىلار»غا ئايلاندۇرۇپ ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرسەتمەكتە ۋە كۈندىن-كۈنگە باش كۆتۈرۈۋاتقان چەت ئەل دۈشمەنلىكى، ئىشسىزلىق، تەڭسىزلىك، ئائىلىدە زوراۋنلىق، ھەددىدىن زىيادە ئىندىۋىداللىق، جىنسەتچىلىك، سىنىپ توقۇنۇشى قاتارلىق ياۋروپانى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقان مەسىلىلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرماقتا.

شۇ ئاچچىق رىئاللىق بىلەن يۈزلىشىش كېرەك: تۈركىيەنى ياتقا چىقىرىپ دۈشمەن ھالىتىگە كەلتۈرۈش ياۋروپادىكى سىياسىي پۇرسەتچىلەر بىلەن رادىكال ئىرقچىلارغا ئازراق بولسىمۇ نەپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بىراق بۇ ئەھۋال نە ياۋروپانىڭ ئىچىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا يارىمايدۇ نە كەلگۈسى ئۈچۈن سىياسىي ۋە ئەخلاقىي يول خەرىتىسى تەقدىم قىلالمايدۇ. بۇ پەقەت تۈركىيە ۋە ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرى، شۇنداقلا مۇسۇلمان ۋە غەرب جەمئىيەتلىرى مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان سالىدىغان ئىشەنچىسىزلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، خالاس.

تەڭسىزلىك، ئادالەتسىزلىك، تېررورىزىم، ياتلىشىش ۋە ئىشەنچىسىزلىككە ئوخشاش چارىسى دۇنياۋى ھەمكارلىق،بىرلىك ۋە ئىدىيەدە تېپىلىدىغان خەلقئارالىق مەسىلىلەر يۈز بېرىۋاتقان بىر دەۋردە بۇ ناچار يۈزلىنىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر