قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (30)

تۆۋەندە سۈرە ئەنبىيانىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

779978
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (30)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە تاھانىڭ نازىل بولغان ۋاقتى، قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە ئەنبىيانىڭ نازىل بولغان ۋاقتى تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە ئەنبىيا ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:

بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى بىرەر مۇئەييەن ئايەتتىن ئېلىنغان ئەمەس. بۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئەنبىيالار ئارقىمۇ ـ ئارقا تىلغا ئېلىنغان بولغاچقا، ”ئەنبىيا“ دەپ ئىسىم قويۇلغان. بۇ ئىسىممۇ تېماتىك نۇقتىدىن سۈرىنىڭ باش ماۋزۇسى بولماستىن، بەلكى تونۇشلۇق بولسۇن ئۈچۈن قوللىنىلغان ئالامەتتىنلا ئىبارەتتۇر.   

نازىل بولغان ۋاقتى:

مەزمۇن ۋە بايان ئۈسلۇبىدىن قارىغاندا بۇنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى مەككىنىڭ ئوتتۇرا دەۋرلىرىگە، (بىزنىڭ تۆت دەۋىرگە ئايرىشىمىز بويىچە بولغاندا) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە ھاياتىنىڭ ئۈچۈنچى دەۋرىگە تۇغرا كېلىدۇ. چۇنكى سۈرىنىڭ ئارقا كۆرىنىشىدە ئاخىرىقى مەككە دەۋرىدە نازىل بولغان باشقا سۈرىلەردىكى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئىپادىسىنى كۆرىۋالغىلى بولمايدۇ.  

تېماتىك مەزمۇنى:

بۇ سۈرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرەيش كاتتىلىرى ئۈتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۆرەشلەر ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان تەۋھىد چاقىرىقىغا ۋە ئاخىرەت ئەقىدىسىگە نىسبەتەن كىشىلەر تەرىپىدىن بىلدۈرىلىۋاتقان شەك ــ شۈبھە، ئېتىرازلارغا جاۋاپ بېرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلار قاتتىق تەنقىد قىلىنىپ، ئۇنىڭ يامان ئاقىۋېتىدىن ئاگاھلاندۇرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقلىرىغا نىسبەتەن غاپىللارچە  پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولۇۋاتقانلارغا قاتتىق ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلارغا: «سىلەر ئۆزىڭلارغا نىسبەتەن ئاپەت، مۇسىبەت دەپ قاراۋاتقان بۇ كىشى ئەسلىدە سىلەرگە نىسبەتەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدۇر» دېگەننى ھىس قىلدۈرىدۇ.

نۇتۇق داۋامىدا ئالاھىدە توختۇلۇپ ئۆتۈلگەن ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

**** **** **** **** **** ****

1 - مەككە كۇپپارلىرىنىڭ «ئىنسان ھەرگىز پەيغەمبەر بولمايدۇ» دېگەن قاراشلىرى ئاساسىدا مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىشلىرىغا ئىنتايىن تەپسىلى رەددىيە بېرىلىدۇ.

2 - كۇپپارلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە قۇرئان كەرىم ھەققىدە بىلدۈرگەن خىلمۇ - خىل، بىر - بىرىگە زىت ئېتىرازلىرى ۋە ئۆز سۆزلىرىدە پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقلىرى ئىخچام ئەمما ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم مەنىلىك رەۋىشتە تەنقىد قىلىنىدۇ.

3 - كۇپپارلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا غاپىللارچە ۋە مەنسىتمەسلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشلىرىنىڭ تۈپ يىلتىزى: «ھايات دېگەن بىر قانچە كۈن ئوينىۋالسىلا تۈگەپ كېتىدىغان ئويۇندىن ئىبارەتتۇر، ئۇنىڭ كەلتۈرۇپ چىقىرىدىغان بىرەر نەتىجىسى، ھېساپ - كىتاپ ياكى جازا، مۇكاپاتلىرى بولمايدۇ» دېگەن تەسەۋۋۇرلىرى بولۇپ، سۈرىدە بۇ خىل قاراشلارغا ئىنتايىن ئۈنۈملۇك زەربە بېرىلىدۇ. 

4 - كۇپپارلارنىڭ جاھىل، مۇتەئەسسىپلىكى ۋە شېرىكتە چىڭ تۇرۇپ تەۋھىدگە قارشى چىقىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تۈپ ئاساسىي بولۇپ، بۇنى ئىسلاھ قىلىش ۋە شېرىككە قارشى تەۋھىدنى قۈۋۋەتلەش ئۈچۈن ئىخچام ئەمما ئىنتايىن ۋەزىنلىك، قەلبلەرگە يىقىشلىق دەلىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

5 - كۇپپارلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى شۇنچە چەتكە قېقېۋاتسىمۇ ئازاپ كەلمەيۋاتقانلىقىغا قاراپ، «ئۇ يالغان پەيغەمبەر ئىكەن، ئاللاھ نامىدىن بىزگە بۆ - بۆ قىلغان ئازاپلىرىمۇ قۇرۇق تەھدىتتىنلا ئىبارەت ئىكەن» دېگەن خاتا قاراشلىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن دەلىللەش، نەسىھەت قىلىش قاتارلىق ھەر ئىككى خىل ئۇسۇل تەڭ قوللىنىلىدۇ.

******* ******* ****** *****

ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن بىر قانچە مىسال ئوتتۈرىغا قويۇلۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت تارىخى داۋامىدىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، باشقا جەھەتتىن خۇددى دۇنيادىكى بارلىق ئاددى پوقرالارغا ئوخشاش ئىنسانلىق سۈپەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردا خۇدالىق ۋە ئىلاھلىقنىڭ زەررىچە ئەسىرىمۇ بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۆز ھاجەتلىرى ئۈچۈن دائىم ئاللاھ ئالدىدا تىزلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ ھەمدە يەنە بۇ تارىخىي مىساللار ئارقىلىق مۇنداق ئىككى ئىش ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ:

بىرىنچىسى، پەيغەمبەرلەرگە ھەر دائىم خىلمۇ - خىل مۇسىبەتلەرنىڭ يوپۇرۇلۇپ كەلگەنلىكى، قارشىلاشقۇچىلارنىڭمۇ ئۇلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بار كۈچىنى ئىشقا سالغانلىقى، ئەمما ئاخىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى پەۋقۇلئاددە يوللار بىلەن غەلىبە قىلدۇرغانلىقى.

ئىككىنچىسى، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى بىر بولۇپ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭمۇ دەل شۇ دىننى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى، ئۇ دەل پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دىنى ئىكەنلىكى، باشقا بارلىق دىن، ئېتىقاد، ئەقىدە، مەزھەپلەرنىڭ ھەممىسى ئازغۇن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىۋالغان بۆلگۈنچىلىكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى.

ئاخىرىدا ئىنسانىيەتنىڭ نىجاتلىقى دەل مۇشۇ دىنغا ئەگىشىش بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى سوت مەھكىمىسىدە بۇنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭلا غەلىبە قىلىپ، زېمىنغا ۋارىس بولالايدىغانلىقى، بۇنى رەت قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتتە ئىنتايىن قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدىغانلىقى، ئاخىرىقى ھۆكۇمنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئاگاھلاندۈرۇش بېرىشى، دەل ئۇنىڭ كاتتا مىھرىبانلىقى بولۇپ، نادانلىقتا ئۇچىغا چىققان كىشىلەرلا پەيغەمبەرنىڭ كەلگەنلىكىنى رەھمەت ئەمەس، زەخمەت دەپ چۈشىنىدىغانلىقى ئېيتىپ بېرىلىدۇ.

**** ***** **** **** ** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ھەجنىڭ ئاتىلىشى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر