قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (22)

تۆۋەندە سۈرە رەئىدنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

745170
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (22)

سۈرە رەئىد ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:

سۈرىنىڭ ئىسمى «وَيُسَبِّحُ الرَّعْدُ بِحَمْدِهِ وَالْمَلاَئِكَةُ مِنْ خِيفَتِهِ» «گۈلدۈرماما ئاللاھ نى مەدھىيلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھ دىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ» دېگەن 13- ئايەتتىكى سۆزدىن ئىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ «بۇ سۈرىدە بۇلۇتنىڭ گۇلدۈرلەش مەسىلىسى تىما قىلىنغان» دېگەنلىك بولمايدۇ. بەلكى بۇ پەقەتلا بىر ئالامەت بولۇپ، مۇشۇ سۈرىدە «رَّعْدُ» (گۈلدۈرماما) دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ۋە گۈلدۈرمامىنىڭ تىلغا ئىلىنغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.   

نازىل بولغان ۋاقتى:

سۈرىنىڭ 3- ۋە 6- رۇكىلىرىدىكى مەزمۇنلار ئۇنىڭمۇ سۈرە ئەئراف، سۈرە يۈنۈس، سۈرە ھۇد نازىل بولغان دەۋىردە (يەنى، ئاخىرقى مەككە دەۋىرىدە) نازىل بولغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. بايان قىلىش ئۇسلۇبىدىن ئىنىق نامايەن بولۇپ تۇرۇپتۇكى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىغا خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالغان ئىدى. قارشىلاشقۇچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۆھمەت قىلىش ۋە قىلىۋاتقان خىزمىتىنى ئىشقا ئاشۇرماسلىق ئۈچۈن خىلمۇ – خىل ئويۇنلارنى ئوينىشىۋاتاتتى. مۆمىنلەرمۇ بىرەر مۆجىزە بىلەن بۇلارنىڭ توغرا يولغا  يىتەكلىنىشىنى توختىماي ئارزۇ قىلىشىۋاتاتتى.  ئاللاھ مۆمىنلەرگە چۈشەندۇرۇپ، «بىزدە مۇنداقلا ئىمانغا يىتەكلەپ قويىدىغان قائىدە يوق. دۇشمەنلەرنىڭ تانىسى قويۇپ بىرىلىۋاتقانلىقى ئۇنچە غەم قىلىپ كېتىشىڭلارغا ئەرزۇگىدەك ئەھۋال ئەمەس» دەۋاتاتتى.

ئاندىن 31 – ئايەتتە كۇففارلاردىكى تەرسالىقنىڭ ھەتتا قەبىردىن ئۆلۇكلەر تىرىلىپ ئالدىغا كەلگەن تەقدىردىمۇ قايىل بولغىلى ئۇنىمايدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ شۇنىڭغىمۇ يەنە باشقىچە تەۋىللەرنى قىلىشىپ كېتىۋىرىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىغاندا، سۈرە ئاخىرىقى مەككە دەۋرىدە نازىل بولغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراش پەيدا بولىدۇ.

*** ** ** *** *** *** **** ** ***** ***

ئاساسلىق مەزمۇنى:

سۈرىنىڭ مەقسىتى بىرىنچى ئايەتتىلا بايان قىلىنىپ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقنى  ئوتتۈرىغا قويىۋاتىدۇ، ئەمما كىشىلەر ئۇنى قوبۇل قىلماي، خاتالىق ئۆتكۇزىۋاتىدۇ» دېيىلگەن بولۇپ، سۈرىدىكى بارلىق خىتابلاردا دەل مۇشۇ مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا، ھەر خىل يوللار بىلەن تەۋھىدنىڭ ۋە پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەقىقىتى ئىسپاتلاپ بىرىلىدۇ. ئىمان ئېيتىشنىڭ ئەخلاقىي ۋە رۇھانىي مەنپەئەتلىرى چۈشەندۈرىلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقنىڭ زىيانلىرى سۆزلەپ بىرىلىدۇ ھەمدە كۇپىرنىڭ پەقەتلا جاھالەت ۋە ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى ئىددىيەلەرگە سىڭدۈرىلىدۇ. سۈرىنىڭ مەقسىتى يالغۇز ئەقىللەرنى قانائەت تاپقۇزۇشلا ئەمەس، بەلكى قەلىبلەرنىمۇ ئىمانغا جەلىپ قىلىش بولغاچقا، نادانلارنى تەرسالىق ۋە گۇمراھلىقتىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن پەقەت مەنتىقىي دەلىللەرگىلا تايىنىپ ئۆلتۇرماستىن، ئوتتۇرىغا قويغان ھەر بىر دەلىل، ھۆججەتلەردىن كىيىن كۆيۈمچانلىق بىلەن تەشەببۇس قىلىش، رىغبەتلەندۇرۇش، تەكىتلەش ۋە قورقۇتۇش قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ. خىتاب جەريانىدا قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئېتىرازلىرىنى تىلغا ئالماستىن، ئۇدۇللا جاۋاپ بىرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ساقلىنىۋاتقان شۈبھىلەرنى تازىلاش بىلەن بىرگە يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق كۆرەشلەرنىڭ  ھاردۇقى يىتىپ، ئەمدى غەيىپتىن يارىدەم كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان مۆمىنلەرگە تەسەللى بىرىلىدۇ.

 **** ** *** **** **** ***** ****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ئىبراھىمنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر