ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىنكى يېڭى باشلىنىش

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە «ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىنكى يېڭى باشلىنىش» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

720876
ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىنكى يېڭى باشلىنىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى مەزمۇن قىلغان تارىخىي ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى، مىللىي ئىرادىنىڭ تەجەللى قىلىشى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان قوللاش قارارى بىلەن نەتىجىلەندى ۋە بۇ قارار بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر باشلىدى.

تۈركىيەدە ھازىرغىچە كۆپ قېتىم ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، 16 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى تولىمۇ پەرقلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى بىلەن تەڭ دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇش شەكىللىنىدۇ ، شۇنداقلا ھازىرغىچە رولىنى ھەم ئاستا ھەم يېتەرسىز جارى قىلدۇرۇپ بۈگۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن پارلامېنت تۈزۈمى، تۈركىيەنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىسى بولۇشتىن چىقىدۇ.

بۇ، تۈركىيە يېڭى غالىبىيەت ھېكايىلىرىنى يازالايدىغان، ئادەتتىكىدىن پەرقلىق بىر ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇشنى يارىتالايدىغان يىپيېڭى بىر باشلانغۇچتۇر. بۇنى بىر باشلانغۇچ دېدىم؛ چۈنكى، ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلىدىغان ئۆزگەرتىشلەر ھەم قانۇن چىقىرىش، ئىجرا قىلىش ۋە ئەدلىيە ساھەسىدىكى سالاھىيەت قالايمىقانچىلىقىنى ئازايتىدۇ ھەم پۈتكۈل مەۋجۇت ئىدارە – ئورگانلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ كېلىپ، ئۆزگىرىشنىڭ يولىنى ئاچىدۇ. مۇھىمى، دۆلەتنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھەممىگە مەلۇملۇق رولى يوق سىياسىي ئۇسۇل ۋە مەۋجۇت سىياسەتلەر بىلەن باشقۇرۇلۇشى تارىخقا ئايلىنىدۇ.

بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بولسا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىدىكى توسۇقلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى ئۈچۈن، مۇۋاپىق سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىشىدىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق قىلىنغان قارار، تەرەققىيات، ئىقتىسادىي ئېشىش، گۈللىنىش ۋە بېيىشنىڭ يولىنى داغداملاشتۇرىدۇ. سەكرەش خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈش يەنى تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىمى ئوتتۇرھال دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىدىن چىقىپ، كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىغا كىرەلىشى ئۈچۈن يېڭى بىر سىستېمىغا ئېھتىياج بار.

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 15 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي ئۇتۇق ھېكايىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈشى، ئۆزى تەۋە بولۇۋاتقان ھازىرقى گۇرۇپپىدىن چىقىپ باي دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىغا كىرىشى، رايوندىكى باشقا ئەللەرگە ئىلھام مەنبەسى بولۇشى ۋە دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسىدىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن، ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەرگە ئېھتىياجى بار. كىرگۈزۈلىدىغان ئۆزگەرتىشلەر تۈركىيە ئىقتىسادىنى خەلقئارا مالىيە ئورگانلىرى ۋە كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرى داۋاملىق كونترول قىلىپ تۇرىدىغان بىر ئىقتىساد بولۇشتىن چىقىرالىشى ۋە بۇنىڭ سايىسىدا سىرتنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلغان ئىقتىساد كېلەچەككە ئالاقىدار تۇراقسىزلىقلاردىنمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قۇتۇلۇپ، مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغان دۆلەتلىك ئورنىنى كۈچلەندۈرەلىشى مۇمكىن.

دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى كۆپ باشلىقلىق ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد ئورگانلىرى ئارىسىدىمۇ ئۆزئارا ماسلىشالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئورتاق بىر سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يوقىتىپ تاشلىغان، نەتىجىدە، تۈركىيە ئىقتىسادى كۆپ قېتىم ئىقتىسادىي كىرىزىسلەرگە دۇچار بولغان، قارار قىلغۇچىلار خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن قەرز كېلىشىملىرىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان، ھەتتا، ئېلىنغان قەرزلەرنى تۆلىيەلمەي 15 قېتىم قەرز كېچىكتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى. مانا بۇ ئەھۋاللارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى، ئورگانلار ئارا ماسلىشىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ئورتاق سىياسەت تىلى شەكىللەندۈرۈلۈشى شەرت بولۇپ قالدى.

تۈركىيە بۇ ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، پەقەت ئىقتىسادتىلا ئەمەس، ئېنېرگىيە، مالىيە، قاتناش دېگەندەك ساھەلەردىمۇ مەركىزىي دۆلەت بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان زور كۆلەملىك سېلىنمىلارنىڭ ئىزچىللىقىنى كۈچكە ئىگە قىلالايدۇ.

يېقىنقى 15 يىللىق مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بايلىقنىڭ تەقسىم قىلىنىشى بىلەن يوقسۇللۇقنىڭ تۆۋەنلەشنى داۋاملاشتۇرالىشى ۋە يېڭى باسقۇچتا ئاشىدىغان بايلىقنى تەقسىم قىلىش بىلەن باياشاتلىقنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى  كۈچكە ئىگە قىلىپ، كىرىمى ئوتتۇرىچە قاتلامنى كۈچلەندۈرۈش مۇمكىن بولىدۇ.

كىرىمى ئوتتۇرھال قاتلامنىڭ كۈچىيىپ دۆلەتتىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇشى سىياسىي مۇۋازىنەت نۇقتىسىدىنمۇ ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، تۆۋەن ۋە ئوتتۇرھال كىرىم گۇرۇپپىسىدىكى ئىجتىمائىي قاتلام دۆلەت سىياسەتلىرىدە تېخىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.

نۆۋەتتە، ئۆتمۈشتىكى ۋاسىتە ۋە سىياسەتلەر بىلەن ئىقتىساد ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقماقتا. 16 – ئاپرېل ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە خەلق، بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە تەكلىپ قىلىنغان جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىغا ئۆتۈشكە ئىشەنچ ئاۋازى بەردى ۋە تۈركىيە ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت ئىشىكىنى ئاچتى.

بۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىش، قايتىدىن سەكرەپ ئىلگىرىلەشكە ئۆتۈش ۋە تەييارلىقلارنى تاماملاش ئۈچۈن، ۋاقىت زايە قىلماستىن يولغا چىقىش ۋاقتىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر